ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى بىلەن جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدىكى پەرقلەر، كۆرسىڭىز ھەممىنى بىلىسىز!…

101249A53-6

ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىنى تولا كۆردۈم، جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىنى بولسا كۆرمەي دېسەكمۇ كۆرۈشكە مەجبۇر بولدۇق، بەزىدە ئولتۇرۇپ جاھاننى سوراي دەپ قالغان نېمىس ئەسكەرلىرىنىڭ باتۇرلارچە قىلغان جەڭلىرىنى كۆرۈپ، ئامېرىكا فىلىملىگە ھەيران قالدۇق، نېمىشقا ئامېرىكا فىلىملىرىدە دۈشمەنلەرمۇ شۇنداق يامان، شۇنداق باتۇر، نېمىشقا جۇڭگو فىلىملىرىدە ياپۇن ئەسكەرلىرى شۇنداق دۆت، شۇنداق ھاماقەت، شۇنداق كالامپاي دېيىشتۇق. خوش، بۈگۈن يەنە ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى بىلەن جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدىكى باشقا بىر قىسىم پەرقلەرنى ئۆگۈنۈپ ئۆتەيلى، قانچىسىنى سىز بىلىسىزكىن!…

 

1. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە باش رولچىلار ئاساسەن ئەسكەرلەر. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا باش رولچىلار جۇڭگونىڭ ئاقىل قۇماندانلىرى بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ چىدىماس قۇماندانلىرى.

2. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە دۈشمەنلەرنىڭ تېلىگراممىلىرىنى تۇتۇپ ئېلىپ، ئاخباراتقا ئېرىشىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ئىشپىيونلار ياكى خائىنلارنىڭ ئوغۇرلاپ ئەكەلگەن نەرسىلىرى بىلەن ئاخباراتقا ئېرىشىدۇ.

3. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە مەيلى قانداق ئەسكەر يېقىلسۇن، ئىشقىلىپ بىرى دوختۇرنى توۋلايدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا بىرى يېقىلسا يەنە بىرى داۋاملىق ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇمۇ يېقىلسا يەنە بىرى چىقىدۇ، ئۇمۇ يېقىلسا يەنە باشقا بىرى چىقىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ…

4.ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە ئەسكەرلەر خەندەككە ياكى باشقا دالدىدا تۇرۇپ ئوق ئاچىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا ئەسكەرلەر بىر تەرەپتىن يۈگۈرەپ، يەنە تېخى شۇئار توۋلاپ ئوق ئاچىدۇ!…

5.ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە ئەسكەرلەر يارىدار بولسا سەپدىشىگە : ئاناڭنى، ئا گۇيلارنىڭ ئوقى ماڭا تەگدى-دەپ كۈلۈپ قويىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ئەسكەرگە ئوق تەگكەندىن كېيىن توختىماي بىر نېمىلەرنى دەيدۇ.

6.ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە، ئەسكەرلەر ئۆلۈشتىن بۇرۇن : … بۇ…غا بېرىپ قۇيىدىغان خەت…غا دەپ قويغىن، مەن ئۇنى سۆيىمەن!-دەيدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ئەسكەرلەر ئۆلۈشتىن بۇرۇن سەپداشلىرىنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقىپ : چوقۇم…غەلىبە…قىلىڭلار!-دەيدۇ.

7. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئوق تەگسە گوپپىدە يېقىلىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ئەسكەرگە ئوق تەگگەندىن كېيىن قولى بىلەن ئوق تەگكەن جاينى تۇتىدۇ، ئاندىن ئارقىسىغا بۇيرىلىدۇ، ئاندىن «ئاھ»دەپ ئۆلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

8.ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە، ئەسكەرلەر گازارمىدا ئولتۇرۇۋېتىپ قاچان ئۆيگە قايتىمىز دېيىشكەچ ئائىلە پاراڭلىرىنى قىلىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ئەسكەرلەر قاچان جەڭ قىلىمىز دېيىشىدۇ.

9. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە ھەممە يەردە ئۈزۈلگەن قول-پۇتلار، چۇۋۇلغان ئۈچەيلەر، ھەممە يەردە جەسەت، ھەممە يەردە قان، ھەممە يەردە ئوت… جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، سىنچىلاپ قارىمىسا جەڭ مەيدانى بىلەن ئېتىزنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ.

10. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە، ئەسكەرلەر چەتكە ئۆتۈۋېلىپ : ئوقۇم تۈگىدى، مېنى قوغداپ تۇر-دەيدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ئەسكەرلەرنىڭ ئوقى تۈگەپ باققان ئەمەس…

11. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە، ھەممە يەردە تىك ئۇچار. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، ھەممە يەر ئەسكەر.

12. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىدە ئۆلمەيدۇ دېگەن ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ. جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بولسا، باشلىنىشىدىلا كىمنىڭ ئۆلىدىغانلىقى ئېنىق.

13. ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى شۇنى دەيدۇكى : جەڭ رەھىمسىز! جۇڭگو جەڭ فىلىملىرى شۇنى دەيدۇكى : جەڭ قىلىش شەرەپ!

14.ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى، جەڭ باشلىنىشدىن بۇرۇن : مەيلى غەلىبە قىلىڭلار ياكى قىلماڭلار، ئۆيگە قايتىشنى ئەستىن چىقارماڭلار، شۇنى ئۇنۇتماڭلاركى، ھېچقانداق بىر ئەسكەرنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ! پەرۋەردىگار سىلەرنى ئامان قىلسۇن! جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە جەڭ باشلىنىشدىن بۇرۇن : قۇربانلىق بولمىسا غەلىبە نەدىكەن!؟



无觅相关文章插件,快速提升流量


38 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.14 جاۋاب

    باشقىلارنىڭ يەنە قانداق چوڭ بايقاشلىرى باركىن؟ :grin:

  • ئۇدۇن | 2012.03.14 جاۋاب

    بەرھەق، شۇڭلاشقا جۇڭگونىڭ جەڭ فىلىملىرىنى پەقەت كۆرگۈم كەلمەيدۇ. :cool:

  • پاھ پاھ پاھ! ماۋۇ زور بايقاشنى راستىنلا ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ نىمىلا بولمىسۇن بىگىم داشۇسىڭ دە :mrgreen:

  • ۋەتەن | 2012.03.14 جاۋاب

    ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش فىلىملىرىنى كىنو شېركەتلىرى ئىشلەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇرۇش فىلىملىرىنى ج ك پ ئىشلەيدۇ.

  • ھە راس تىخى ئامرىكا فىلىمنى ئۆيدە ئولتۇرۇپلا ئىشلەپ ئارقىسغا كومپىيۇتىردا مەنزىرە كىرىشتۇرۇپلا پۈتتۈرۋىتىدۇ، جۇڭگودا بولسا راس ئاشۇنداق يوغان مەيداننى تىپىپ ئۇرۇش قىلىدۇ

    • زىلتار | 2012.03.14

      ئامرىكا تىخنىكا جەھەتتىمۇ يامان تىخنىكا جەھەتتىن ئەمەلىيەتنى بىسىپ چۈشىدۇ… جۇڭگۇنىڭ ئۇ سەۋىيىگە يىتىشى مۇمكىن ئەمەس… ئامرىكا فىلىملىرىنىڭ چىنلىقى يۇقىرى… ئۆينىڭ ئىچىدىلا ئەمەس سىرىتتىمۇ سۈرەت ئالىدۇ…. فىلىمچىلىككە قىزىقىدىغان دوستلار تۇرايىمغا مەرھەممەت قىلسا بولىدۇ… مەن مۇشۇ كەسىپتىن.،..

  • بۆرە | 2012.03.14 جاۋاب

    جۇڭگۇ جەڭ فىلىملىرى بىرخلىللا قىلىپتا ئىشلەنگەن.

  • كۆنچى | 2012.03.14 جاۋاب

    جۇڭگۇنىڭ ئۇرۇش فىلىملىرىدە كىمنىڭ ئۆلمەيدىغىنى ئېنىق :grin: سەت قىززىق ھە :lol:

  • بەكمۇ ئەتراپلىق ئايرىپسىز. ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى باركەن.

  • wiros | 2012.03.14 جاۋاب

    ھېلىقى بىر خەن پراففىسور (ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ) بىر قېتىملىق ئوچۇق دەرىسىدە : مەن ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئۇرۇش فىلىملىرىنى كۆرمەيمەن ، چۈنكى جۇڭگو ئىشلىگەن ھەر قانداق ئۇرۇش فىلىملىرىدا ياپون ئالۋاستىلىرى ناھايتى دۆت ، قاپاقباش تەسۋىرلىنىدۇ . ئويلاپ بېقىڭلا نەچچە يۈز مىليون خەلىق شۇنداق دۆت نەچچە مىليون خەلىقنى يىڭەلمىسە بولامتى ئەمدى ؟ ، دىگەنتى …

  • ئامىركا فىلىملىرىدە ئەسكەرلەر ئۆلۈش ئالدىدائاغزىدىن شۇنداق جىق قان يانىدۇ، دەيدىغان گەپلىرىنى دىيەلمەي ، كۆرۈۋاتقان ئادەمنى جىددىيلەشتۈرىدۇ ئەمما جۇڭگو فىلىملىرىدە ئوق تەگكەندىن كىيىن«پارتىيە… بە…د…ە…ل… پۇلۇمنى تېخى تۆلىمىگەن… بۇ مېنىڭ پا…ر…تىيە ئە…زالىق… كىنىشكەم بىلەن بەدەل پۇلۇم… بۇنى… تەشكىلگە… تا..پشۇ…ر…ۇ…پ… بېرىڭ….!!!؟%$^^%$@^&&^%$$$#…» ياندىكى سەپداشنىڭ كۆزلىرى ئىنقىلابىي ياشقا تولىدۇ!

    • پرېستان | 2012.03.14

      ھەپتىلىك ئەڭ قىززىق ئىنكاس ئىكەن ماۋۇ.

  • ھې ھې ھې ماڭا دەيدىغان گەپ قالماپتىغۇ؟ ئاستا چىقىتەي بولمسا مەنمۇ جەڭچىگە ئايلىنىپ قالماي. :lol:

  • ئىزدەن | 2012.03.14 جاۋاب

    ئامېرىكا جەڭ فىلىمىدە قوماندان سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، جوڭگۇنىڭ جەڭ فىلىمىدە قوماندان داۋاملىق دۇربۇننى ئېلىپ گازارمىدا تۇرۇپ ئەسكەرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۈزىتىدۇ.
    ئامېركىنىڭكىدە داۋاملىق بىرەر ئەسكەرنىڭ جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوماندانغا بويسۇنماي، ئاخىرىدا يەنە ئالقىشقا ئېرىشىلىدۇ. جوڭگۇنىڭكىدە «پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئالتۇندەك غەلبە ياتىدۇ» دىگەن بۇ ئىبارە ھەر بىر ئەسكەرنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن…

  • زىلتار | 2012.03.14 جاۋاب

    جۇڭگۇنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلۋىزىيە فىلىملىرىدە ھەممە ئادەمنىڭ بىرددىن شىركىتى بار… ئادەتتىكى تۇرمۇشتىن ئۆرنەك ئېلىشنى بىلمەيدۇ…

  • تىلەك | 2012.03.14 جاۋاب

    بەگنىڭ كاللسىى ئامىركا فىلىملىرىدا زەھەرلىنىپتۇ، دەرھال بەگلىكىدىن ئېىپ تاشلاپ ، خەلق تىياتىرخانىسىغا ئاپىرىپ كۈنىگە 5 دىن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۇرۇش فىلىملىرنى كۆرۈپ ئەسلىگە قايتىپ، ۋىرۇستىن قۇتۇلسۇن :lol:

    • سەھرالىق | 2012.03.14

      ئۇنداق ئەمەس، بەگنىڭ كاللىسىنى موزاي يالىۋالغان گەپ :mrgreen:

  • بۇ ئوخشۇتۇشلاردىن ئىدىيەدىكى پەرق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق مانامەن دەپلا بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ج ك پ بولمىغان تەقدىردىمۇ، جوڭخۇا مىللەتلىرى بار، جوڭخۇا مىللەتلىرى بوپلغان ئىكەن، بۇنداق پەرق يەنىلا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ. دەرھال ئۆزگىرەلمەيدۇ. بۇنى ئەشۇ يولداشلا ئۆزىمۇ بىلىدۇ.

  • يېڭى كارۋان | 2012.03.14 جاۋاب

    ئۇيغۇر بەگ ئەپەندى ھەقيقەتەن ئەتىراپلىق كۆزىتىپسىز جۇمۇ! ;-) ئويلاپ باقساق ھەقيقەتەن شۇنداق :mrgreen:
    جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە، بولۇپمۇ ياپۇنغا قارشى ئىشلەنگەن جەڭ فىلىملىرىدە ياپۇنلا 3 ياشلىق كىچىك بالىدىنمۇ دۆت، جۇڭگو قوشۇنى بولسا ئالدىن بىلەر موللا تاپقاق. :lol:

  • ش.ئە.ئۇيغۇرى | 2012.03.14 جاۋاب

    ئامېرىكا شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ جەڭ فىلىملىرىدە ئەسكەرنىڭ فورمىسىغا قارىمىسا ئۇنىڭ زادى قايسى تەرەپنىڭ ئادىمى ئىكەنلكىنى ئۇققىلى بولمايدۇ، ئەمما جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدە بىر قاراپلا قايسىسىنىڭ كومپارتىيە ئادىمى قايسىسىنىڭ دۈشمەن ھەتتا قايسىسىنىڭ ئىشپىيۇن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ

  • نۇرقۇت | 2012.03.14 جاۋاب

    ئوبدان بايقاشلاركەن :cool:

  • زورو | 2012.03.14 جاۋاب

    نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ يەنىلا ئامىركىدە ئىسىل جۇمۇ ئۇلا

  • بۆرەيار | 2012.03.14 جاۋاب

    قېنى ھېلىقى چوققىغا قايتقۇزىدىغان تاياقچە، ئىنكاس ئوقۇۋېتىپ تۆپىگە قايتالماي، قان قۇسۇپ چىقىپ كەتتىم مانا…

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.14

      لازىم بولسا سىز ئۈچۈن قوشۇپ قۇيايلى، لازىممۇ؟ :roll:

  • پەنجىر | 2012.03.14 جاۋاب

    ئامېركا ئەسكەرلىرى ئوق تەگسە ئازاپلىنىپ نالە قىلىدۇ ، جۇڭگۇ ئەسكەرلىرى ئېغىر يارلانسىمۇ مىت قىپ قويمايدۇ ! :|

  • ھەۋەسكار | 2012.03.14 جاۋاب

    ئامرىكا فىلىملىرىدا ئادەمنى بىر مۇش قويسا ئايلىنىپ ئۇخلاپ قالىدۇ !!!

  • چوغلۇق | 2012.03.15 جاۋاب

    جۇڭگۇنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ كۆنۈپمۇ قالدىم جۇمۇ ، جۇڭگۇنىڭ جەڭ فىلىملىرىنى بەش مىنۇتلا كۆرسەم نەچچە سائەتلىك كىنونىڭ زادى نىمە ۋەقەلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بەش قولدەك ئايان بوپ كەتتى ماڭا .

  • بىگىمدىن سوراپ باقسام: بۇ پەرقلەرنى سىز تەھلىل قىلىپ تېپىپ چىقتىڭىزمۇ ياكى بىرەرسىنىڭكىدىن تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ؟

  • 7.ئىقلىم | 2012.03.16 جاۋاب

    سېلىشتۇرىشىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ! :smile:

  • قاراخان | 2012.03.16 جاۋاب

    ئامېرىكا فىلىمىرىدە بولسا دۈشمەن خېلى ئەقىللىق بولىدۇ. جوڭگو فىلىملىرىدە دۈشمەن ھەرقاچان ئەخمەت بولۇپ چىقىدۇ.

  • سۈبىھى | 2012.03.16 جاۋاب

    يەنە بىرسى قىپقاپتۇ.
    ئامىركائەسكەرلىرى شۇنچىۋالايۇشۇرۇنۇپ ئۇرۇش قىلسىمۇ يەنىلا بىرە يەدىن بىرپاي ئوق كىلىپ تىگىدۇ ،لىكىن جوڭگۇلۇق ئەسكەرلىرى ئىتىزلىقتا بولۇپ ياپون ئەسكەرلىرى تاغنىڭ ئۈستىدە بولسىمۇ يەنىلا جوڭگولۇقلارغا ئوق تەگمەيدۇ.تەگكەن تەغدىردىمۇ 5-6 سىنى ئۆلتۆرۆپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن تىگىدۇ.

  • رىنات | 2012.03.17 جاۋاب

    :mrgreen: … ماۋۇ 6،7-چىسى يامان قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتا ماڭغا..

  • جوك | 2012.03.17 جاۋاب

    :arrow: :arrow:

  • بىلسەبىر | 2012.03.19 جاۋاب

    خېلى تەتقىق قىلىپسىزدە بېگىم :roll:

  • katigan | 2012.03.23 جاۋاب

    راستىن دىسەم مەن قىزىل كىنونى كۆرسەم بېشىم ئاغىرپ كىتىدىغان بولدى،يەنەشۇ ئامىركا،ياۋرۇپانىڭ 3Dكىنو-فىلىملىرى ئادەمنىڭ ھاردۇقۇنى چىقىردۇ،بىركىنو كۆرسەم خۇددى بىر كىتاپ ئۇقۇغاندەك ھسىقا كىلمەن….قاچانمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر كىنوچىلىقىمىز شۇ سەۋىيەگە يىتەر….

  • سەھرالىقنىڭ ئىنكاسىنى ئۇقۇپ تۇرۇپ تاسقىلاتتىم دىسەى كۈلۈپ تېلىقىپ كەتكىلى :mrgreen: :lol:

  • ئەرتۈرك | 2012.10.7 جاۋاب

    ھەي قېرىنداشلار يەنىلا قىزىل كىنو ياخشى جۇما. كۆرگەن ئادەممۇ ئۆزىنى خېلى بىلەرمەن ھېس قىلىدۇ (كىنونىڭ ئاخىرىنى توغرا پەرەز قىلىپ) :mrgreen:

  • نىدا | 2013.01.20 جاۋاب

    ۋوججۇ، ما باللىنى، «قىزىل كىنو ئانداقەي…»، «قىزىل كىنو ماندىقەي…» دېيىشىپ كەتكىنىنى، شۇ «قىزىل كىنو» بولمىقسا ئاۋۇ ئامېرىكىلىق پەرەڭلەرنىڭ «سېرىق كىنو»لىرىنىو پەيزىسى بولاتتىمۇ؟! چوڭلار:«ياخشىنىڭ قەدرىنى بىلمەس، بىر يامانغا چۈشمەگۈنچە» دەيدۇ شۇڭا. :mrgreen:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif