سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «كىنو» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

ontime

مەلۇم يىگىت سۆيگۈنىگە توي تەكلىپى قويۇپ رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئېنتايىن ئازابلانغان ھالدا ئايروپىلان كۈتۈش ئورنىغا كېلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا بىر يۇچۇن كىشى پايدا بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورايدۇ ۋە ئۆزىدە بىر خىل ئەسۋابنىڭ بارلىقىنى، مۇشۇ ئەسۋاب ئارقىلىق كەلگۈسى 30 سىكۇنىت كېيىنكى ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يىگىت باشتا ئىشەنمەيدۇ، ئەمما يۇچۇن كىشى ئۇنىڭغا ئۇ ئەسۋابنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، يىگىت ئىنتايىن چۆچۈپ كېتىدۇ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئويلىمىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ…

تۇلۇق ئوقۇش »

141_副本

ئۆزۈم پاركورچى بولمىساممۇ، ئۇيغۇر باللانىڭ پاركور فىلىملىرىنى كۆرۈشكە ئامراقمەن،  شۇڭا پات-پات ئاشۇ بالىلارنىڭ پاركور فىلىملىرىنى كۆرگەچ ئۆزۈمنىڭ ئورۇقلاش ئىرادەمنى كۈچەيتىمەن. بۈگۈن سىنا مىكروبلوگىدا ئارىلاپ يۈرسەم ئۇيغۇر پاركورچى باللا ئىشلىگەن يېڭى مىكرو كىنو «سۈرئەت»نى ئۇچرىتىپ قالدىم. مۇنداق قارىسام بۇ بالىلار مەزكۇر كىنونى ئىشلەشكە خېلى كۈچىگەن چىراي، ئۇلارنىڭ جىددىي ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈممۇ ئالامەت جىددىيلىشىپ كەتتىم دېسە. قېنى بۇ جىددىيچىلىكتىن سىلەرمۇ ھۇزۇرلىنىپ بېقىڭلار…

تۇلۇق ئوقۇش »

RUL1~_~E5KMFZH(V}HXJ$1Y

ئۇزۇن بولدى تۇرايىمىزغا مىكروكىنو يوللاپ باقمىغىلى، بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا چەتئەلدە ئىشلەنگەن مىكروكىنو «تاملار ئارقىسىدا»(Behind the walls) ناملىق مەزكۇر مىكروكىنونى سۇنىمىز. مەزكۇر مىكروكىنونىڭ ۋەقەلىكى ئىنتايىن ئاددىي، ئەمما تورداشلارنىڭ بەرگەن ئىنكاسى باشقىچە. كىنودا، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىسى زور بىلەن ئامېرىكىلىق ياش بىلەن بىر مۇسۇلمان ئايال بىر لىفىتقا قاپسىلىپ قالىدۇ، ئاخىرىدا ئامېرىكىلىق ياشنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان چۈشەنچىسى ئۆزگىرىدۇ. بەزى تورداشلار مەزكۇر كىنوغا باھا بىرىپ «مۇسۇلمانلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە دۈشمەنلىرىگىمۇ ياردەم بىرىدىغان ئېسىل خىسلىتىنى نامايەن قىلغان» دىيىشسە، بەزىلەر «ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان، مۇسۇلمانلارنى قارىلىغان» دېيىشمەكتە. قالغان ھىسلارغا ئۆزىڭىز جاۋاب بېرىڭ، ئەمىسە نەزەرىڭىز كىنودا بولسۇن…

تۇلۇق ئوقۇش »

125928hk0c0ymece7ihemc_副本

مەزكۇر مىكرو كىنو كۆكلەمدىكى نەسىمى ناملىق تورداشنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى بولۇپ، يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەرنىڭ « ئاھ رەھىمسىز دەريا» ناملىق پوۋىسىتىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ئىكەن. مەيلى ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى بولسۇن ۋە ياكى كىرىشتۈرۈلگەن مۇزىكا بولسۇن، ھەقىقەتەن يامان ئەمەس چىقىپتۇ. مىكرو كىنونى مۇشۇنداق ئىشلىسەكمۇ بولىدىكەن ئەسلى….

تۇلۇق ئوقۇش »

netije0_副本

چەت بىر يېزىدا بىر ئاچا-ئىنى بار ئىكەن، بۇ ئىككىسى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياشايدىكەن، بىر-بىرىگە شۇنداق كۈيۈنىدىكەن، ئاچىسى شۇنچە تىرىشىپ ئىنىسىنى ئوقۇتىدىكەن، ئەمما ئىنىسى سەل ئويۇن قېپى بولغاچ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن. شۇڭا  چارەكلىك ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا ئىنىسى ئاچىسىغا يالغان گەپ قىلىدىكەن، ئەمما ئىنىسىنىڭ يالغانچىلىقىنى بىلىپ قالغان ھەدىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىدىكەن. كېيىن بىر قانچە ئىش تۈپەيلى ئىنىسى ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇيدىكەن، ئەمما ئاخىرىدا تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە بولىدىكەن، بۇ ۋەقە نېمىدۇ؟ زادى قايسى ئىشلار ئىنىسىنى تىرىشىشقا ئۈندىگەندۇ؟ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز مەزكۇر مىكروكىنودا بولسۇن!

تۇلۇق ئوقۇش »

101249A53-6

ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرىنى تولا كۆردۈم، جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىنى بولسا كۆرمەي دېسەكمۇ كۆرۈشكە مەجبۇر بولدۇق، بەزىدە ئولتۇرۇپ جاھاننى سوراي دەپ قالغان نېمىس ئەسكەرلىرىنىڭ باتۇرلارچە قىلغان جەڭلىرىنى كۆرۈپ، ئامېرىكا فىلىملىگە ھەيران قالدۇق، نېمىشقا ئامېرىكا فىلىملىرىدە دۈشمەنلەرمۇ شۇنداق يامان، شۇنداق باتۇر، نېمىشقا جۇڭگو فىلىملىرىدە ياپۇن ئەسكەرلىرى شۇنداق دۆت، شۇنداق ھاماقەت، شۇنداق كالامپاي دېيىشتۇق. خوش، بۈگۈن يەنە ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى بىلەن جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدىكى باشقا بىر قىسىم پەرقلەرنى ئۆگۈنۈپ ئۆتەيلى، قانچىسىنى سىز بىلىسىزكىن!…

تۇلۇق ئوقۇش »

2136958023189220457

خوش، بۈگۈن تۇرايىمىزدا يا قىستۇرما يوق، يا تېخنىكا يوق، يا ئۇسلۇب يوق، ئەمما ناھايىتى مەنىلىك بولغان بىر فىلىم بار. ئىشىنىمەنكى، كارتون فىلىمغا ئامراق ياكى ئامراق ئەمەسلەر بولسۇن، ئەمما كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈپ قويىدىغان بلوگگېرلىرىمىز بۇ فىلىمنى خۇددى ماڭا ئوخشاش ئىشتىياقتا كۆرۈپ قويغۇسى. بۇ فىلىمنىڭ شەرەپلىك ئىسمى «مۈشۈكياپىلاق دۆلىتى : قورۇقچىنىڭ ئەپسانىسى» ، خوش، يازمىنىڭ داۋامىغا قاراپ ئالغا قىلايلۇق!…

تۇلۇق ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量