- باھا:209
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
پىكىر ياكى ئىنكاس يازسىڭىز،سىزنىڭ قەدەم ئىزىڭىزمۇ بۇ يەرگە قوشۇلىدۇ.
ھېلىمۇ ئېسىمدە،كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ھەرقايسى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ‹‹پىكىر دەپتىرى››دەپ بىرنىمە بار ئىدى،بىز شۇ دەپتەرلەرگە ‹‹رازى›› ياكى ‹‹رازى ئەمەس››دەپ بىرنىمىلەرنى يازاتتۇق.
مەن ئۈچۈنغۇ،ئۆزىمىزنىڭ بلوگىدا ئۆزۈم ياقتۇرغان نەرسىلەرنى يىزىپ،بەخىرامان ئولتۇرۇشدىن كاتتا ئىش يوق.شۇڭلاشقىمىكىن،بىكار بولساملا ھەرقايسى بلوگلارنى ئارىلاپ،بولسا ئۆزۈم ياقتۇرغان تىمىلارغا ئىنكاس قالدۇرۇپ چىقاتتىم.تۇيۇقسىز،ئىنكاسلاردىن باشقا يەنە تەلەپ-پىكىرلەرنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىپ قالدىم.بەزىدە،سەمىمىيلىك بىلەن بىرىلگەن پىكىر-تەكلىبلەرنىڭ كىشى ھاياتىغا زور تەسىر قىلىدىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز،مۇشۇ ئوي بىلەن بلوگۇمغا باشقىلار قانداق باھا بىرىۋاتىدۇ،قانداق تەلەپ-پىكىرلىرى باردۇ دىگەننى خىيال قىپ قېلىپ،ئاخىرى بۇ پىكىرخانىنى ئاچتىم.قېنى،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا قانداق پىكىر-تەلەپلىرىڭىزباركىن،بەخىرامان ئوتتۇرىغا قويغايسىز...