سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «تۇرا يېڭىلىقلىرى» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

未命名_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆز ئالدىمىزدا كەلگەن قۇتلۇق قوربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا ۋەكالەتەن بارلىق بلوگداشلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل قېرىنداشلارنىڭ خاسىيەتلىك قۇربان ھېيتىنى قۇتلايدۇ، ئەزىز ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، كۈنلىرىڭلار شادلىق ئىچىدە ئۆتسۇن، چىھرىڭلاردىن كۈلكە، چۆنتۈكۈڭلەردىن ئاقچا، ھويلاڭلاردىن مىھمان ئۈزۈلمىسۇن، ئائىلەڭلەرگە بەرىكەت، تۇرمۇشۇڭلارغا خاتىرجەملىك كەلسۇن، ئىشقىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ خەيىرلىك ئىشلار سىلەرنىڭ شۇنداقلا مېنىڭمۇ بېشىمغا قونسۇن، ئۆيدە گۆش يىگەن ۋاقتىڭلاردا مەندەك ياقا يۇرتتا قوي كۆرۈشكىمۇ نىسىپ بولالمىغانلارنى ئەسلەپ قۇيارسىلەر، رەھمەت…

1342797300433_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، يېقىندىن بۇيان قىززىۋاتقان مىكرو ئۇچۇر(微信)نىڭ يانفون تۇرمۇشىمىزغا يېڭىلىق ئەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىمىز. تۇرايىمىزنىڭ ئىخلاسمەنلىرىگە تۇرايىمىزدىكى يېڭى يازما ئۇچۇرلىرى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە يەتكۈزۈپ بىرىش ئۈچۈن تۇرايىمىزنىڭ مىكرو ئۇچۇر ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلدۇق، بىزنى قوشۇۋالغان ئەزىزلەر تۇرايىمىزدا ئېلان قىلىنغان يېڭى يازمىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ULY شەكلىدە تاپشۇرۇپ ئېلىپ، قىسقىچە مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولالايدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش »

1345267354

ئەي خالايىق،كەڭ ئاۋام-خاس! ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى،بۈگۈن ئولۇغ روزا ھېيت،بۇ كۈن شۇنداق بىر كۈنكى،ھىچقايسىڭلارنىڭ كۈلمەي يۈرۈشۈڭلارغا رۇخسەت يوق!ئايالى بارلار ئايالى بىلەن؛بالىلىرى بارلىرى بالىلىرى بىلەن؛شۇنداقلا ئاتا-ئانا،ئورۇق-تۇققانلىرى بىلەن؛دوست-بۇرادەر،تونۇشلىرى بىلەن؛خىزمەتداش-ساۋاقداشلىرى بىلەن جەم بولۇشسۇن!ئوخشىتىلغان قوي شورپىسى،ساڭزا،توقاچ قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول ئۇيغۇرچە يېمەكلىكلەردىن بەھۇزۇر ھالدا خالىغانچە يېيىشسۇن!تاپالمىغانلىرى ھازىرلا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا كېلىشسۇن،ئېمپىرىيە خەزىنەسىدىن ھەربىرەيلەنمە بىرپاتمان خۇشاللىق ۋە مىڭ پاتمان بەخت تەييارلاپ قويۇلدى،كېلىپ بەھۇزۇر ئېلىپ كېتىشسۇن!بىرنەچچە كۈن خاپىلىق ياكى تەشۋىش تارتىشقا سەللىمازا رۇخسەت يوق،خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئېمپىرىيە تۈرمىسىدە كۈلدۈرۈش،قىززىق سۆز ئېيتىپ بىرىش جازاسى بېرىش بىلەن بىرگە،ئاھ ئۇرماسلىق،ئۈمىدۋار-جاسارەتلىك ياشاش قاتارلىق سېلىق سېلىنىپ،مۇددەتسىز بەختلىك بولۇش تۈرمىسىگە تاشلىنىدۇ!ئاخىرىدا،شۇنى سۈر بىلەن جاكارلايمىزكى:ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!….يارلىق تامام،ھېيت پەتىسى باشلانسۇن!

where-is-prestan

ئالدىنقى يازمامنى يوللاپ يوقاپ كەتكىلى بۈگۈن دەل 1 ئاي بوپتۇ، بۇ جەريادا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار، يەنى مەكتەپ ھاياتىمدىن بىردىنلا جەمىئەت ھاياتىغا قەدەم بېسىش، ئائىلىدىكى قىلسا-قىلسا تۈگىمەيدىغان ئەمما قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار ۋە خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى تىڭرىقاشلار سەۋبىدىن تورغا چىقالمىدىم، بەلكىم يۇقۇردا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى «بانا»دۇر، راست گەپنى قىلسام ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن تورغا چىققۇم كەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى.

تۇلۇق ئوقۇش »

sazblog2

ئەسىرلەر ئۆتتى ، يىللار ئۆتتى ، ئاينى قوغلاپ ، ئاي كەينىدىن كۈنلەر ئۆتتى . مانا شۇنداق قىلىپ ، بىز ئىنسانلار سۇدا ياشايدىغان بىلىق بولمىساقمۇ ، مۇشۇ ئىنتىرنىتتىن ئىبارەت تور دۇنياسى بارلىققا كېلىشى بىلەن ، تورغا چۈشكەن بىلىقلاردەك تورغا باغلىنىپ قالدۇق . تورغا چۈشكەن بىلىقلار جان قايغۇسىدا قىينالسا ، ئەكسىچە بۇ "تور"بىزلەرگە مەنىۋى ئوزۇق ، ئۆز ئىقتىدارىمىزنى جارى قىلدۇردىغان ، ئۆزىمىزنى تونۇتىدىغان سەھنە شۇنداقلا بەيگە مەيدانى بولۇپ قالدى. يۇقىرىقى قۇرلارنى مەن يازدىممۇ ياكى بۇ قۇرلار مېنى يېزىۋاتامدۇ بىلمىدىم ، توساتتىن قۇلىقىمغا "ساز بىلوگ".......قۇرۇلۇپتۇ دېگەن پاراڭلار ئاڭلىنىپ دىققىتىم چىچىلىپ كەتتى .

تۇلۇق ئوقۇش »

615-1

مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇنبىرىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان كونا-يېڭى بلوگداش ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ يېڭى ئادرېسى بولمىش  www.blogdax.com تور نامىنى رەسىمىي يولغا قويدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن مۇنبىرىمىزنى  www.blogdax.com تور نامى ئارقىلىق زىيارەت قىلىشقا ئادەتلىنىڭ، ئەسلىدىكى ئادرېسhttp://bbs.uyghurbeg.net/forum.phpمۇ ئەلۋەتتە داۋاملىق ئىناۋەتكە ئىگە بولىدۇ.

ئىھتىرام بىلەن :
WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى

27-01_wordpress_missing_features_ld_img

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتامانلار، بلوگگېرلار، ياخشىمۇسىلەر؟ (چاۋاكدىن كېيىن، بىر ئاز سۈكۈتتە تۇرۇۋېتىپ داۋام قىلىنىدۇ…)
ئالدىنقى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدا يوللىغان «WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ ئېچىلماسلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايانات»تا ئېيتىلغاندەك، مۇنبەر جايلاشقان ئەسلى مۇلازىمىتىر تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇلۇۋاتقان بولغاچقا مۇنبىرىمىز ۋاقىتلىق تاقىلىپ قالغان ئىدى،  خىيالىمىزدا بۇ تەكشۈرۈلۈش پەقەت بىر قانچە سائەت ياكى بىر قانچە كۈن داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق، ئەمما قارىساق تا بۈگۈنگىچە مۇلازىمىتىر ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىدۇق، مۇلازىمىتىرنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇشتىن كۆرە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تۇرۇشنى ئويلاشقان بولغاچقا، مۇنبەردىكى يېڭى ۋە كونا ئەزالارنىڭ تەشەببۇسى ۋە قىزغىن قوللىشى بىلەن يەنە باشقا جايدىن بوشلۇق ھەل قىلىپ، بۇرۇن ئۆي كۆچكەندە ساقلاپ قويغان ساندان ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق، مۇنبىرىمىزنىڭ ۋاقىتلىق قارارگاھىنى تىكلەپ تۇردۇق، ناۋادا مۇلازىمىتىردىن خەۋەر كەلسە شۇ ھامان مۇنبەر تاقالغان كۈندىكى ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋاملىق ئىلگىرىلەيمىز، ناۋادا خەۋەر كەلمىسە ھازىرقى قارارگاھنى قۇماندانلىق شىتابى قىلىپ، مۇنبىرىمىزنى قايتىدىن گۈللەندۈرگۈسىمىز. قېنى ئاتامانلار. مۇنبەرنى قايتا گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلىنايلى!(چاۋاك…چاۋاك….)، ئاڭلىغىنىڭلارغا رەھمەت!…

ئىھتىرام بىلەن :

WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى

74-1

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۇرايىمىزنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى. بىلگىنىڭىزلاردەك بىر نەچچە ئاي بۇرۇن تۇرايىمىزنىڭ پىلانلىشى ۋە كەڭ بلوگداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن WordPress ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە مۇنبەر بولغان ۋە بلوگداش ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىنىڭ كىچىككىنە تەشۋىقات-مۇنازىرە سەھنىسى بولغان WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدۇق، بىر نەچچە قېتىم ئېچىلماسلىق، ئېشەك ھارۋىسىدەك ئېغىر بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلگەندىن كېيىن، مۇئەللىم بلوگىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشى بىلەن مۇنبەرنى قىياس بوشلۇقىغا يۆتكىگەن ئىدۇق. يېقىندا، قىياس بوشلۇقچىلىقىنىڭ مۇلازىمىتىرى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولغاچقا، مەزكۇر مۇلازىمىتېردىكى WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن بېكەتلەرنىڭ ئېچىلماسلىقى كېلىپ چىقتى. بىز قىياس بوشلۇقىنىڭ ئاتامانىنىڭ بۇ قېتىملىق بوران-  چاپقۇندىن تىنچ-ئامان ئۆتۈۋېلىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، مۇنبەر ئەھلىنىڭ مۇنبەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشىنى سورايمىز. شۇنداقلا، تورداشلارنى پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىققا، پىتنە-ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىمىز…

مۇنبىرىمىز پات ئارىدا ئەسلىگە كېلىپ، داۋاملىق كەڭ بلوگگېر دوستلار ئۈچۈن خىزمەتتە بولغۇسى. بلوگداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىھتىرام بىلەن :

WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى

287-1

ساياھىتىم تۈگەپ ئاغىينەم پرېستان بىلەن ئولتۇرۇپ بەگلىككە قانداقراق ئېسىل تېخنىكىلارنى يوللايمىز، مەسلىھەتلىشەي دەپ ئولتۇرسام بۇ ئاغىينەم يېڭى ئالغان گۈرۈچفون(小米) بىلەن ھەپىلىشىۋاتامدۇ، بىلمىدىم، يوق، ئۆزۈممۇ يېقىندىن بۇيان كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق تۇرمىغاچقا يېڭى تېخنىكىلاردىن خەۋەرسىز قاپتىمەن، تۇيۇقسىز كاللامغا ئىنقىلابىي يولداش پرېستاننىڭ ئۆزقانى بلوگى ئۈچۈن بىر قوللۇق لايىھەلەپ پۈتتۈرگەن(پۇلغا جۇمۇ!…) يەنە بىر قاتىل ئۇسلۇبىنى پرېستانغا بىلدۈرمەي سىلەرگە ئاشكارىلىۋېتىشنى قارار قىلدىم، قىسقىسى، بۈگۈن تېخنىكا ئۆگەنمەيمىز، ئولتۇرۇپ پرېستاننىڭ يەنە بىر قاتىللىقىغا گۇۋاھ بولىمىز! ئەمىسە، قاتىللىق نەق مەيدانىغا قاراپ غەززەب بىلەن ئالغا!…

تۇلۇق ئوقۇش »

03

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئەزىز مېھمانلىرىمىز. كۆرگىنىڭىزدەك، تۇرايىمىز، يەنى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى كەڭ بلوگگېرلارغا يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇچۇر، يېڭى ئۇسلۇبلارنى تەمىنلەپ كېلىۋاتقان كەسپىي تېخنىكا بلوگى بولۇپ، پرېستان ئىككىمىزنىڭ ئۇسلۇب ۋە تېخنىكا ئىزنالىرىنى نۇرغۇن بلوگلاردا ئۇچرىتالايسىز. بۈگۈنكى يازمىدىن بۇرۇن بىز نۇرغۇن ھاجەتمەن بلوگگېرلار ئۈچۈن ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولۇپ تۈرلۈك جەھەتلەردە ياردەم قىلىپ كەلگەن. ئەلۋەتتە، ھەقلىق ياردەملەرنى قىلىپ ئىقتىسادىي كىرىممۇ قىلىپ كەلدۇق. خوش، گەپكە كەلسەك، تېخىمۇ كۆپ بلوگگېرلىرىمىزغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش شۇنداقلا ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىز ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ كېرىم قىلىش ئۈچۈن بىر مەزگىللىك پىلان ئارقىلىق بلوگ مۇلازىمىتى كەسپىي بېكىتى «بلوگچى.بىز»نى پۈتتۈرۈپ چىقاردۇق. «بلوگچى.بىز» قانداق بېكەت؟ يازما داۋامىغا نەزەر سالغايسىز!…

تۇلۇق ئوقۇش »

01

ئەي خالايىق، ئەي ئاۋام خاس، بلوگ ئۇسلۇبىغا زار بولغان، ئۇسلۇب تاپالماي خار بولغان، بلوگلىرى قانغا تولغان ئەزىمەتلەر، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى، ئۇسلۇب قاتىلى، تۇرايىمىزدىكى داڭلىق قاسساپ پرېستاننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى، بلوگ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇنسۇرلارنىڭ تىل بۈرۈكتىرىشى بىلەن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ سىرىتقى قىسمىدا ئۇسلۇب قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ قېتىم قاتىللىق ۋەقەسىنىڭ باش گۇماندارى پرېستان «Prestan Simple» ئۇسلۇبىنىڭ كەينىگە كېرىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كود يېزىش، كود ئۆزگەرتىش، كود كۆچۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ «Prestan Uzhal» ناملىق بىر ئۇسلۇبنىڭ قاتىللىق ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى، بۇ ۋەقەدە «Prestan Simple» ئۇسلۇبى ئاساسىدا  «Prestan Uzhal»  ناملىق يېڭى ئۇسلۇب ياسالدى، قېنى بېرىپ بۇ قاتىللىققا گۇۋاھ بولغايسىزلەر…

تۇلۇق ئوقۇش »

 

140-1

ئەي خالايىق، ئەي ئاۋام خاس، بلوگ ئۇسلۇبىغا زار بولغان، ئۇسلۇب تاپالماي خار بولغان، بلوگلىرى قانغا تولغان ئەزىمەتلەر، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى، ئۇسلۇب قاتىلى، تۇرايىمىزدىكى داڭلىق قاسساپ پرېستاننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى، بلوگ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇنسۇرلارنىڭ تىل بۈرۈكتىرىشى بىلەن ياسالغان ئۇسلۇب Prestan Simple رەسىمىي تۈردە يېڭىلاندى. بۇ قېتىملىق يېڭىلىنىشتا ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى كۆپ، ئېنىقكى، خاتالىقلارمۇ ناھايىتى كۆپ، ئالدىنقى قېتىم تۇرايىمىزنىڭ ئۇسلۇبىدىكى خاتالىق-يېڭىلىقلىرىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەنلەرگە شۇنداقلا بۇ قېتىملىق خاتالىقنى كۆرسۈتۈپ ياكى تېپىشىپ بەرگەنلەرگە مەزكۇر ئۇسلۇب ئالدىدىن سوۋغا قىلىنىدۇ، پۇرسەت غەنىيمەن، شۇ ھامان مەزكۇر جاكارنامىنى ئىجرا قىلىپ ئالتۇن ئۇسلۇبنى قولغا چۈشۈرگەيسىزلەر! بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ راستلىقىغا بىرلەشكەن بلوگلار تەشكىلاتى باش نازارەتتە، بىرلەشمىگەن بلوگلار تەشكىلاتى خالىسانە نازارەتتە بولغۇسى! پائالىيەت باشلاندى، خاتالىق تېپىشقا قاراپ ھۇررا!…

خاتالىق تېپىش بېتى :  http://simple.prestan.net

ئىزاھات: خاتالىقلارنى مەلۇم قىلغاندا تور كۆرگۈچ، تور كۆرگۈچنىڭ نەشىرى، ئىشلەتكەن سېستىمىڭىز قاتارلىقلارنى ئۇنۇتماڭ، زۆرۈر بولسا سۆرەتكە تارتىپ prestan@qq.com غا ئەۋەتىپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز! مەزكۇر ئۇسلۇبدىكى مەسىلىلەر ھەل قىلىنغاندىن كېيىن تارقىتىلغۇسى!

无觅相关文章插件,快速提升流量