بۈگۈن تېخنىكا ئۆگەنمەيمىز، ئولتۇرۇپ پرېستاننىڭ يەنە بىر قاتىللىقىغا گۇۋاھ بولىمىز!

287-1

ساياھىتىم تۈگەپ ئاغىينەم پرېستان بىلەن ئولتۇرۇپ بەگلىككە قانداقراق ئېسىل تېخنىكىلارنى يوللايمىز، مەسلىھەتلىشەي دەپ ئولتۇرسام بۇ ئاغىينەم يېڭى ئالغان گۈرۈچفون(小米) بىلەن ھەپىلىشىۋاتامدۇ، بىلمىدىم، يوق، ئۆزۈممۇ يېقىندىن بۇيان كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق تۇرمىغاچقا يېڭى تېخنىكىلاردىن خەۋەرسىز قاپتىمەن، تۇيۇقسىز كاللامغا ئىنقىلابىي يولداش پرېستاننىڭ ئۆزقانى بلوگى ئۈچۈن بىر قوللۇق لايىھەلەپ پۈتتۈرگەن(پۇلغا جۇمۇ!…) يەنە بىر قاتىل ئۇسلۇبىنى پرېستانغا بىلدۈرمەي سىلەرگە ئاشكارىلىۋېتىشنى قارار قىلدىم، قىسقىسى، بۈگۈن تېخنىكا ئۆگەنمەيمىز، ئولتۇرۇپ پرېستاننىڭ يەنە بىر قاتىللىقىغا گۇۋاھ بولىمىز! ئەمىسە، قاتىللىق نەق مەيدانىغا قاراپ غەززەب بىلەن ئالغا!…


ئۇسلۇب ھەققىدە

بىلمەيمەن، پرېستان ياكى ئۆزقانى ئاغام ئۆزى بايان قىلسۇن.

ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

بىلمەيمەن، پرېستان ياكى ئۆزقانى ئاغام ئۆزى بايان قىلسۇن.

ئۇسلۇبنىڭ كۆرگەزمە رەسىمى

ozkani-blog



无觅相关文章插件,快速提升流量


19 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئەلشات | 2012.05.4 جاۋاب

    نىمانچە رەڭدار، پەيزى چىقىپتۇ

  • يارقىن | 2012.05.4 جاۋاب

    ئۇسلۇبقۇ ياخشىكىن. لىكىن ئۇسلۇب رەڭلىرى كۆزلىرىم ئالچەكمەن قىلىۋەتتى ….

  • ئىقبال | 2012.05.4 جاۋاب

    شۇنداق رەڭدار ئۇسلۇبكەن ، پىرىستان يىغلاڭغۇلۇق قىلماي تۇرارمۇ؟ئەمدى يىغلىسىمۇ ئامال يوق . ئاتقان ئوقنى قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ دە…….

  • ھارماس | 2012.05.4 جاۋاب

    بەك ياخشى چىقىپتۇ

  • تاتلىق | 2012.05.4 جاۋاب

    بىلوگىمنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئۇزۇن بوپتۇ بۇ تۇراغا دەسسەپ باقمىغىلى! :mrgreen: پىچچەت ئۇسلۇبكەن! ھە راس بىگىم تاتلىق تور كۇلۇبى ئىزدەش سېستىمىسى تار قىتىلدى ماقۇل كۆرسىلە سىلەرنىڭ تۇرادىمۇ تەشۋىق قىلايلى!

  • ياخشى چىقىپتۇ ما ئۇسلۇب، بۇرۇن ئۆزقاننىڭ ئۇسلۇبىنى كۆرۈپ ئازراق كۆڭلۇم بىر قىسمى بولۇپ قالاتتى. :smile:

  • ھەي بەگ پرىستاننى بوزەك قىلىۋەرمەڭ بۇلامدۇ…بىكار باشقا بەگلىكلەر توپىلاڭ كۆتۈرمىسۇن… :cool:

  • ئۇچقۇن | 2012.05.4 جاۋاب

    بەگ سىز :cool:

  • مۇزات | 2012.05.5 جاۋاب

    بۇ ھەسەن-ھۈسەن ئۇسلۇب بوپتۇ،بەكلا چىرايلىقكەن.

  • ئۆزقان | 2012.05.5 جاۋاب

    ئىنىلەرنى بىر قانچە كۈن ئاۋارە قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى بۇ ئۇسلۇبنى ياسىتىۋالدىم. گەرچە بىر سەنئەتكار بولمىساممۇ، ئۆزەمنىڭ رەڭ قارىشى بويىچە بەزىبىر ئازادە تۇيغۇ بېرىدىغۈان رەڭلەرنى ئىشلىتىشكە تىرىشتىم. باشقىلار ياىتۇرامدۇ-يوق، بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۆزەم ياىتۇرغانلىقىم ئۈچۈن ياخشى چىقتى دەپ قانائەت ھاسىل قىلدىم. خىزمەت بېسىمىنىڭ زىيادە ئارتىپ كېتىشى بىلەن بىلوگدىكى يازمىلارنى ۋاختىدا يېڭىلىيالمىغانىدىم.ئاللاھ خالىسا، ئەمدى ۋاختىدا يېڭىلاپ ماڭىمەن دېگەن نيەتتە مەن. بىلوگداشلارنىڭ كۆپرەك كۆرسەتمە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا پىرېستان، ئۇيغۇربەگ قاتارلىق ئىنىلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتىمەن!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.6

      بلوگىڭىزنىڭ دەھشەت يۈرۈشۈپ كېتىشىگە تىلەكداشمەن!

  • ئىزدەن | 2012.05.5 جاۋاب

    كۆزلىرىم ئالاق-جالاق بولۇپ كەتتىيا!

  • ئەمدى بۇل قاتىللىق دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىمىز بەگ جانابلىرى… چۈشۈرۈش ئادرېسى يوقما :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.6

      بۇنىڭ يوقتەك قىلىدۇ جۇمۇ! :|

  • ھەقىقەتەن رەڭدار چىرايلىق ئۇسلۇبكەن….. ئەپسۇس چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ھىچ يەردىن تاپالمىدىم……. :oops:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.8

      بۇ ئۇسلۇب چوڭاملار زاكاس قىلدۇرغان ئۇسلۇب، شۇڭا تاپالمىغانلىقىڭىز ئېنىق…

  • شۇنداق قىلىپ قاتىللىق دىلوسى بارغانسىرى ئەۋجىگە چىققىلى تۇردى قاتىلنىڭ ئىسمىنى بىلىپ تۇرۇپ جازالىيالمايۋاتىمىز ھە :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.8

      جازالاشقا قول بارمايۋاتىدۇ، كۆڭۈل ئۇنىمايۋاتىدۇ ئەمەسمۇ…

  • بۇ ئۇسلۇب ھەقىقەتەن ئېسىل چىققان ئۇسلۇبكەن،ۋاھ دېگۈدەك چىرايلىق ئىكەن.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif