سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئاپتورلار بېتى

H[SBUX@2O((UC~8O15I{DVP_副本

شۇنداق قىلىپ بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان قىشلىق تەتىلمۇ ئاياغلىشىپ، نەچچە مىڭ كېلومېتىرلىق مۇساپىنى تاماملاپ مەكتەپكىمۇ قايتىپ كەلدىم. نەچچە كۈن سەپەرلىك ئارام ئېلىش ۋە يېڭى مەۋسۈمنىڭ ئالدىراش ئىشلىرى ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما لېكىن بەگلىككە كېلىۋاتقان بلوگداشلارغا دەردىم بار، دېمىسەم بولمايدۇ، بەگنىڭ غېمى تاشتى، كېلىڭ بلوگداش، سىزگە بىردەم دەرت تۆكۈپ بېرەي، بەلكىم بۇ دەردلەرنى سىزمۇ دېيەلمەي ئاران تۇرغانسىز…

تۇلۇق ئوقۇش »

battle

پايتەخت بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئادىلجان ئىسلام ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا بەدىنىگە چەكتۈرگەچكە، ئانا يۇرتى شىنجاڭدىن ئۆزىنى كۆرگىلى كەلگەن ئاتىسى بىلەن ئىختىلاپ يۈز بېرىدۇ، مۇشۇ ئىتىقاد ۋە ئەقىدە جەھەتتىكى زىل مەسىلىدە ئاتا-بالا ئىككىلىسى بىر-بىرىگە يول قۇيۇشنى ئويلىمايدۇ، نەتىجىدە….مەزكۇر مىكرو كىنونىڭ ئاخىرىدا نەتىجىسىنى كۆرىسىز. بىلىشىمچە، مەزكۇر مىكرو كىنونى بېيجىڭ كىنو ئېنىستوتىدىكى بالىلار ئىشلىگەن بولۇپ، باش پېرسوناژنى قېرىنداش مىللەتلەردىن دېيىشمەكتە، ئەلۋەتتە، مەزكۇر كىنونىڭ باش تېمىسى بۇ ئەمەستە، قېنى، كىنوغا نەزەر سالغايسىز….

تۇلۇق ئوقۇش »

429

WordPress نىڭ باشقۇرۇش قىسمىغا بىر قېتىم كىرگەندىن كېيىن، ئادەتتە يەرلىككە بىر دانە Cookie ھۆججىتى ئارقىلىق تىزىملىنىپ كىرىش ئۇچۇرلىرىمىزنى ساقلاپ بېرىدۇ ۋە بۇ ئۇچۇرنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 48 سائەت بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە سىز پەقەت تور كۆرگۈنى تاقىمىسىڭىزلا، 48 سائەتكىچە باشقۇرۇش قىسمىدىن چېكىنىپ كەتمەيدۇ. ناۋادا باشقۇرۇش قىسمىغا كىرىدىغان چاغدا، ساقلىۋېلىش دېگەن ئورۇنغا بەلگە ئۇرۇپ قويغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھەر قېتىم باشقۇرۇش قىسمىغا كىرگەندە پارول سورىمايلا ئاپتوماتىك كىرىسىز، ھەمدە بۇ نىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 14 كۈن بولىدۇ، بۇ 14 كۈن توشسا، باشقۇرۇش قىسمىدىن چېكىندۈرۈلىسىز ۋە قايتا كىرىشكە مەجبۇر بولىسىز.

تۇلۇق ئوقۇش »

G d4

ھازىر پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، بايا تور ئارىلاۋېتىپ تۆۋەندىكى بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. يەنى، ھازىر دۇنياغا داڭلىق مىكروسوفت شىركىتىدە پىراكتىغا قىلغان جىنھا لى(Jinha Lee) ناملىق بىرەيلەن 3D ئۈستەل يۈزى مۇھىتى SpaceTopنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر مۇھىتتا قوللانچىلار كومپىيۇتېر ئېكرانى ئىچىگە «كىرىپ»، رېئال دۇنياغا ئوخشاش تور بېكەت، ھۆججەت ۋە فىلىملەرنى «تۇتالايدىكەن»،«سىيلىيالايدىكەن»…

تۇلۇق ئوقۇش »

112_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئۈچۈنچى ئاي كىرگەندىن كېيىن، مىكروسوفىتنىڭ 98 يۈئەنلىك ئىتىبار باھادا سېتىش پائالىيىتىمۇ ئاخىرلاشتى، بۇ كۈننىڭ ئالدىدا، ئۆزۈمنىڭ نامىدا ئىلتىماس قىلغاننى ئازراق پايدا چاپلاپ ئۆتۈنۈپ بېرىش، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ نامىدا پايپالدا پۇل تۆلەپ بېرىش، ئۆزۈمنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا 98 يۈئەنلىك ئىتىبار باشقىلارنىڭ ئىتىبار باھادا پۇل تۆلەپ بېرىش ئارقىلىق ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 250گە يېقىن كىشىگە 500 پارچىگە يېقىن Windows8 ھەقىقىي نەشىردىكى ئاچقۇچ كودىنى تەمىنلەپ بەردىم. يەنە نۇرغۇن ھاجەتمەنلەرگە بىۋاستە ياردەم قىلىپ، يىراقتىن كونترول قىلىپ تۇرۇپ ئۇچۇرنى توشقۇزۇپ، پۇل تۆلىشىپ بەردىم(يەنى، ئۆزىنىڭ پايپال ھېساۋاتى بار، ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلەرگە مەشخۇلات قىلىپ بەردىم)، مەندىن ئاچقۇد كودى ئالغانلار بىر قىسىم دوستلارغا ھەتتا يىراقتىن باشقۇرۇپ سېستىمىنى ئورنىتىش، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش ئىشلىرىنى قىلىپ بەردىم، ئۇچرىغان مەسىلىلىرىگە چارە تېپىشىپ دىگۈدەك رازى بولغۇدەك مۇلازىمەت قىلدىم. خوش، گەپكە كەلسەك، قولۇمدا ھەقىقىي نەشىردىكى ئاچقۇچ كودىدىن يەنە بىر ئاز بار، شۇلارنى سېتىۋېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن تورداشلارغا 250 سومدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.

سېتىۋالغان تورداشلارغا قاچىلاشقا، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلماقچى بولىۋاتقان ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دىتالى بولغان  office 2013نىڭ ھەقىقىي ئاچقۇچ نومۇرىدىن بىرنى سوۋغا قىلىمەن(بۇ نومۇرمۇ Windows8 ئاچقۇچ نومۇرىغا ئوخشاش بىرلا كومپىيۇتېرغا ئىشلەيدۇ)، شۇنداقتا سىز 250 يۈئەنگە Windows8 ھەقىقىي ئاچقۇچ نومۇرىنى ئېلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلماقچى بولىۋاتقان ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دىتالى بولغان  office 2013نىڭ ھەقىقىي ئاچقۇچ نومۇرىدىن بىرگە ئېرىشەلەيسىز، office 2013 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغان ھامان ئۇيغۇرچە مەشخۇلات سېستىمىسى ۋە ئۇيغۇرچە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش پروگراممىسىنى تەڭلا ئىشلىتىپ، ئانا تىلنىڭ ھۇزۇرىدىن قانغۇچە بەھىر ئالالايسىز، بولامدىكەن؟ يارىغان بولسا تىزدىن سېتىۋېلىشقا ئالدىراڭ. سانى چەكلىك!…

مېنى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى  ۋە ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدىن تاپالايسىز.

ئالاقە ئۇسۇللىرىم:

ئېلخەت: uyghurbeg@yahoo.com | QQ: 761250477 | تېلىفون: 15622899182

تېلىفون ۋە QQدا ئالاقە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، QQنى قاتقاندا Windows8 دەپ ئەسكەرتىش بېرىشنى ئۇنۇتماڭ!

love3

تىل ئالاقە ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى ئومۇرتقىسى، مىللىي مەۋجۇدلۇقىنىڭ زۆرۈر كاپالىتى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سولماس قانىتى. دۇنيادىكى بارچە تىللار ئوخشاش گۈزەل ۋە بۈيۈك ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھەر مىللەت ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلى ئەڭ مۇقەددەستۇر! بۈگۈن مانا بۇ مۇقەددەس تىلىمىزنى ئادەتتىكىدىن بەكەرەك ئۇلۇغلايدىغان، ئۇنىڭ شەنىگە گۈللەر ياپىدىغان كۈن. بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا خەلىقلىرىنىڭ ئانا تىل بايرىمىدۇر.

تۇلۇق ئوقۇش »

01262-1

WordPress نىڭ 3.5.1 نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى نەشىرىدە ئاپتوماتىك قوشۇلىدىغان JS كىرگۈزگۈچ ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، WordPress نى بۇ يېڭى نەشىرگە كۆتۈرگەندە گەرچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى نورمال بولسىمۇ، بىراق باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنمەيدۇ. ناۋادا WordPress 3.5.1 نى يېڭىدىن قاچىلىساق، ئۇنداقتا فونت ۋە كىرگۈزگۈچ ھەر ئىككىسى چىقىرىپ تاشلانغان. گەرچە بۇ يىراقنى كۆزلىگەندە ئاقىلانە تاللاش بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنى نورمال ئۇيغۇرچە ئىشلەتكۈسى بار تورداشلار ئۈچۈن ھېچقانداق تاللاش يولى قويۇلمىغان. مەزكۇر قىستۇرما شۇ ئېھتىياج تۈپەيلى ياسالغان بولۇپ، ئېھتىياجى بار تورداشلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش »

مىكروسوفت Windows 8 قاپلىق نەشرىنى رەسىمى تارقىتىشتىن بۇرۇن، ئېتىبار باھادا توردىن سېتىۋېلىشنى يولغا قويغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيمىز ئەلۋەتتە. كەمىنە ۋىروسمۇ بىرقانچىنى ئېلىپ تاشلاپ قويدۇم. ئەتراپىمدىكى بىرقانچە ئاكاشلارمۇ مىكروسوفىتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان بۇ ئەمگىكىنى ئاڭلاپ، كومپيۇتېر ساۋادىنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىماي بەسبەستە سېتىۋالدى. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ مىكروسوفت تەرەپنىڭ بىزدىن(شىنجاڭ بازىرى) كۈتكەن نىشانىغا يىقىنلاشمايدۇ. بىز تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىپ بۇ مەھسۇلاتنىڭ شىنجاڭ بازىرىدىكى سېتىلىشى ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈلۈش نىسپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك! تۇلۇق ئوقۇش »

ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە:ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تىل - يېزىقى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى بويىچە سېلىشتۇرغاندا پۈتۈن دۇنيادىكى 6000 دىن ئارتۇق تىل ئىچىدە ئالدىنقى 70 نىڭ ئىچىگە كىرگەندىن باشقا، جۇڭگودا خەنزۇ (كانتون ۋە باشقا دېيالېكتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىلىدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدىغان نوپۇزلۇق تىل-يېزىقتۇر. نۆۋەتتە Windows 8 ۋە گۇگول، ۋوردپرېس، ۋىكىپېدىيە قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئىشلەنگەن بولۇپ، IT ساھەسىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى ئازەرى، تاتار تىللىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرغاندىن باشقا، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، ئوردو، تىبەت ۋە باشقا نۇرغۇن تىل-يېزىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. تۇلۇق ئوقۇش »

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ تۆتىنچى يىلىنىڭ تۇنجى مەۋسۇمى ئاخىرلىشىپ، خىزمەت ئىزدەش ۋە پىراكتىكا قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن سەپەردە بولۇپ قالدىم، بۈگۈننى ھېسابقا ئالغاندا كومپىيۇتېر ئالدىغا كەلمەي رېئال دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمغا بىر ھەپتە بولۇپ قالدى، شۇڭلاشقا بلوگنى نورمال يېڭىلاشقا، بلوگغا چۈشكەن سۇئاللارغا جاۋاب يېزىشقا، شۇنداقلا QQرىمغا قالدۇرۇلغان خەتلەرگە جاۋاب يېزىشقا پۇرسەت چىقمىدى، ئىشلىرىم ھېلىھەم ئورنىغا چۈشمىدى، قاچان چۈشىدۇ ھەم بىلمەيمەن، تەتىل ۋاقتىدا پۇرسەت چىقسا بلوگنى نورمال يېڭىلاپ تۇرغۇسىمەن، چىقمىسا تەتىل توشقاندىن كېيىن مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن يېڭىلىغۇسىمەن، بۇ جەرياندا كەمىنە ئۇيغۇربەگنى ئىزدەش توغرا كەلسە ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىشىڭلارنى سورايمەن، تەتىل جەريانىدا Windows8 كەسپىي نەشىرىنىڭ ھەقىقىي ئاكتىپلاش ئاچقۇچ كودىنى ئالماقچى بولغان ئەزىزلەرگە ئاچقۇچ كودىنى ئېلىپ بېرىشدىن باشقا،بلوگداشلارغا WordPress ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش، ئۇچرىغان مەسىلىلەرگە ياردەم بېرىش، بوشلۇقچىلىق، تور نامچىلىق قاتارلىق ئىشلاردا داۋاملىق مۇلازىمەت قىلغۇسىمەن، جىددىي ئىزدەيدىغانلار ئېلخەت ئارقىلىق تېلىفون نومۇرۇمغا ئېرىشسەڭلار بولىدۇ. ھەممىڭلارنىڭ كۈنىنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.
ئالاقە ئۇچۇرلىرىم تۆۋەندىكىدەك:
ئېلخەت: uyghurbeg@yahoo.com
QQ:761250477

13

ئىلاۋە: دوستۇم ئەركىنىڭ بۇ ھېكايىسى مەن ھازىرغىچە ئوقۇغان ھېكايىلەر ئىچىدە سۆيۈپ ئوقۇغان ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. 2008- يىلى سابىق بەرقى مۇنبىرىگە يوللىنىپ تورداشلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرشكەن بۇ ھېكايە 2009- يىلى بەرقى تورىنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغاندا دوستۇم ئەركى ئۆزىدە بۇ ھېكايىنىڭ ئورگېنالىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ بەكمۇ ئەپسۇسلانغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مېنىڭمۇ ئىچىم ئېچىشقان ھەم پات-پات ئەركى بىلەن بۇ ھېكايە توغرىسىدا سۆزلىشىپمۇ قوياتتۇق . دوستۇمنىڭ ماڭا بەرگەن يېڭى يىللىق سوۋغىسى « ئادىشىم چايان» نى كۆرگەندىن كېيىن مەنمۇ ئۇنىڭغا يېڭى يىللىق سوۋغا بېرىش ئۈچۈن جىق ئويلاندىم. كاللامغا تۇيۇقسىز بۇ مەرھۇم  ھېكايە كەلدى. بىر كۈن ئىز قوغلاپ ئاختۇرۇش، بوشاشماسلىق نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئاV غا باغلانغان بىر تۈركۈم چاتما ھېكايىلىرىنى قولغا چۈشۈردۈم.

تۇلۇق ئوقۇش »

ontime

مەلۇم يىگىت سۆيگۈنىگە توي تەكلىپى قويۇپ رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئېنتايىن ئازابلانغان ھالدا ئايروپىلان كۈتۈش ئورنىغا كېلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا بىر يۇچۇن كىشى پايدا بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورايدۇ ۋە ئۆزىدە بىر خىل ئەسۋابنىڭ بارلىقىنى، مۇشۇ ئەسۋاب ئارقىلىق كەلگۈسى 30 سىكۇنىت كېيىنكى ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يىگىت باشتا ئىشەنمەيدۇ، ئەمما يۇچۇن كىشى ئۇنىڭغا ئۇ ئەسۋابنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، يىگىت ئىنتايىن چۆچۈپ كېتىدۇ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئويلىمىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ…

تۇلۇق ئوقۇش »