WordPress قا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن چېكىنىپ چىقىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش

429

WordPress نىڭ باشقۇرۇش قىسمىغا بىر قېتىم كىرگەندىن كېيىن، ئادەتتە يەرلىككە بىر دانە Cookie ھۆججىتى ئارقىلىق تىزىملىنىپ كىرىش ئۇچۇرلىرىمىزنى ساقلاپ بېرىدۇ ۋە بۇ ئۇچۇرنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 48 سائەت بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە سىز پەقەت تور كۆرگۈنى تاقىمىسىڭىزلا، 48 سائەتكىچە باشقۇرۇش قىسمىدىن چېكىنىپ كەتمەيدۇ. ناۋادا باشقۇرۇش قىسمىغا كىرىدىغان چاغدا، ساقلىۋېلىش دېگەن ئورۇنغا بەلگە ئۇرۇپ قويغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھەر قېتىم باشقۇرۇش قىسمىغا كىرگەندە پارول سورىمايلا ئاپتوماتىك كىرىسىز، ھەمدە بۇ نىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 14 كۈن بولىدۇ، بۇ 14 كۈن توشسا، باشقۇرۇش قىسمىدىن چېكىندۈرۈلىسىز ۋە قايتا كىرىشكە مەجبۇر بولىسىز.

بۇ ئەمەلىيەتتە بىر ياخشى ئىش. پات-پات پارول كىرگۈزۈپ تۇرۇش ئارقىلىق پارولىڭىزنى ئۇنتۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز، ھەمدە باشقىلار(مەسىلەن، خاككېرلار ياكى 3 ياشلىق ئۇكىڭىز دېگەندەك) كومپيۇتېرىڭىزغا چېقىلىپ قالسا، سىزدىن بىسوراقلا بلوگنىڭ كەينى تەرىپىگە كىرىپ كېتىدۇ.
ئەمما، سىز ھەقىقەتەن پارولنى يادقا ئېلىشنى خالىمىسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ئادەمنىڭ ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىگى بولمىسا، خاككېرلاردىنمۇ ئەنسىرىمىسىڭىز، شۇنداقلا WordPress نىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىغا بىر كىرىپ قويۇپ ئۇزۇن مۇددەتكىچە چېكىنىپ كەتمەي تۇرىشىنى خالىسىڭىز، ئۇنداقتا نەچچە قۇر فۇنكسىيە بىلەنلا بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.  تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب ئىچىدىكى functions.php نىڭ ئىچىگە قويسىڭىز بولدى.

add_filter( 'auth_cookie_expiration', 'keep_me_logged_in_for_1_year' );//بىر يىلغىچە چېكىنىپ كەتمەي تۇرۇش

function keep_me_logged_in_for_1_year( $expirein ) {

    return 31556926; // بىر يىلغا تەڭ سكونت سانى

}

سىز قانچىلىك ۋاقىتقىچە چېكىنمەي تۇرۇشنى خالايسىز؟ يۇقارقى فۇنكىسىيەدە بۇ ۋاقىت بىر يىلغا ئۇزارتىلغان، ناۋادا سىز بۇ ۋاقىتنى تېخىمۇ ئۇزارتماقچى بولسىڭىز، شۇ ۋاقىتقا تەڭ سكونت سانىنى يېزىپ قويسىڭىزلا بولدى.

مەنبە: تەدبىركارنىڭ xjcfan مۇنبىرىگە يوللىغان شۇ ناملىق يازمىسى

مەنزىل:    http://bbs.xjcfan.com/thread-3340-1-1.html


3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ۋەھىمە | 2013.03.8 جاۋاب

    مىنىڭچە بۇنداق ئۇسۇل ئاقلانىلىك ئەمەس دەپ قارايمەن ، نېمىشقا دىگەندە خاككىر بالاڭزىلار ئوت چىقىرىۋىتەمىكىن دەپ . مەنمۇ داۋاملىق Cookie ئۇچۇرلىرىنى تازلاپ ماڭىمەن ، :grin:

  • بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن جۇمۇ، لېكىن مەندەك تونۇشلىرى جىق ئادەمگە ھەرگىز بولمىغىدەك،

  • ئۆزگەرتىشنى خالايدىغانلارغا بولدىكەن بۇ ئۇسۇل ھە.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif