- سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
- | باھا:20
- | زىيارەت: 721 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئۇيغۇربەگ, بلوگ
شۇنداق قىلىپ بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان قىشلىق تەتىلمۇ ئاياغلىشىپ، نەچچە مىڭ كېلومېتىرلىق مۇساپىنى تاماملاپ مەكتەپكىمۇ قايتىپ كەلدىم. نەچچە كۈن سەپەرلىك ئارام ئېلىش ۋە يېڭى مەۋسۈمنىڭ ئالدىراش ئىشلىرى ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما لېكىن بەگلىككە كېلىۋاتقان بلوگداشلارغا دەردىم بار، دېمىسەم بولمايدۇ، بەگنىڭ غېمى تاشتى، كېلىڭ بلوگداش، سىزگە بىردەم دەرت تۆكۈپ بېرەي، بەلكىم بۇ دەردلەرنى سىزمۇ دېيەلمەي ئاران تۇرغانسىز…
بەگنىڭ بىرىنچى غېمى: ئىلھام قاچتى
بىر بلوگداش ئۈچۈن بلوگ ئىلھامدىنمۇ قىممەتلىك بايلىق بولمىسا كېرەك. ياش ۋاقىتلىرىمىزدا ياش بولغاچقىمۇ ۋە ياكى تولا تەپەككۇر قىلىپ تۇرغاچقىمۇ، ئىلھام دېگەن توشاق ئىدى، كاللىمىزغا ھەر خىل خىيال، ھەر خىل ئارزۇلار كېلەتتى، شۇڭلاشقا بلوگغا يوللىغان تېمىلار ھەر تۈرلۈك، ھەر ساھەگە چېتىلاتتى. بىر كۈنى ناخشا يوللىساق، بىر كۈنى خاتىرە يوللايتۇق، بىر كۈنى تېخنىكا يوللىساق، بىر كۈنى يومۇر يوللايتۇق، قىسقىسى ياش ۋاقىتلىرىمىزدا نېمە يازغۇمىز كەلسە شۇنى يازاتتۇق. كېيىن بالىلار رەنجىپ ئۇيغۇربەگنى تېخنىكا بلوگى ئەمەس، ناخشا مۇنبىرىگە ئالماشتۇرۇۋەتتىڭىز دەپ قاقشاپ كەتكەچكە، مەخسۇس تېخنىكىلىق يازمىلارنى يوللاپ كۆنۈپ قالدۇق. ھالبۇكى… ھازىرچۇ؟ تولۇقسىزدىكى بىر مۇئەللىمىمىز دەرسدە تازا ئويلانمايدىغان، كاللا ئىشلەتمەيدىغان باللانى «گىرانىت كاللا» دەپ قوياتتى، ۋە ياكى كاللاڭ قوتۇرماچ بوپ كەتتىمۇ دەپ سورايتى. مەن دەل شۇنىڭ ئۆزى بولۇپ قالدىم، ئىلھام يوق، ئىلھام يوق!…
ئۇيغۇربەگدىن ساۋاق: بلوگ دېگەنگە ئۆزى نېمە ياقتۇرسا شۇنى يوللاش كېرەك، قۇرۇپ كەتسۇن ئاتالمىش خاسلىق!…
بەگنىڭ ئىككىنچى غېمى: ماغدۇر كەتتى
ياش ۋاقىتلىرىمىزدا بىر يازمىنى يېزىش ئۈچۈن كومپىيۇتېر ئالدىدا نەچچە سائەت قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ كېتىدىغان. ھەتتا بەزىدە تاماقنىمۇ ئۇنتۇپ، كېچە-كېچىلەپ بلوگ يېزىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىم بار ئىدى. ھازىر نەچچە سائەت بلوگ يېزىش ئەمەس، بىر سائەت قوپماي ئولتۇرۇپ قويىدىغان بولسام كۆزلىرىم چاپاقلىشىپ، كاللام قاپاقلىشىپ، زېھنىم قاتماللىشىپ بىر يەرگە بارىمەن…
ئۇيغۇربەگدىن ساۋاق: بلوگ – ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بارلىقى ئەمەس، ئۇ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانسۇن، بولمىسا مەندەك سەمىرىپ كېتىسىز…
بەگنىڭ ئۈچۈنچى غېمى: زېھىن چېچىلدى
WordPressكە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان زامانلاردا ھاياجانىم تۇتۇپ بىر پاتمان بلوگلارنى قۇرۇپ تاشلاپتىمەن، بىلەمسىز؟ بلوگداش.كوم، سازبلوگ.كوم، بلوگىمىز.كوم، ئۇيغۇربەگ.نېت ۋە ئۇيغۇربەگ.كوملارنى بىر كۈنى تەڭلا يېڭىلاپ ماڭغان كۈنلىرىم بار ئىدى، بىلەمسىز، پرېستان توسمىغان بولسا يەنە بىرمۇنچە بالا بلوگلارنى قۇرۇپ سېلىشىم مۇمكىن ئىدى، بالا بلوگلار كۆپەيدى، ئەمما زېھىن چېچىلدى، زېھىن چېچىلىپ كۆپ ئىشلەشكە مۇھتاج بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن ماغدۇر باشتا كەتتى، ئاندىن ئىلھام قاچتى.
ئۇيغۇربەگدىن ساۋاق: بلوگ دېگەندىن بىرنى قۇرۇپ قويسا بولغۇلۇق، ھەرگىز ئۆينى ئىككى قىلماڭ…
بەگنىڭ تۆتىنچى غېمى: زىيارەت كامايدى
بىر بلوگداش ئۈچۈن زىيارەتچى ئانچە مۇھىم ئەمەس دەپ جار سالغانلىقىم ئېسىمدە، ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، تۇرايىمىزغا قانچە كۆپ زىيارەتچى كەلگەنسىرى بلوگ يېزىش قىزغىنلىقىم شۇنچە كۆتۈرۈلىدۇ، پرېستان بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ۋە سەلتەنەتلىك بلوگىمىز ڧىلىم قانىلىنى يۈرۈشتۈرۈپ پەللىگە يەتكەندە شۇنداق كۆپ زىيارەتچىلەردىن خۇش بولۇپ، بىر كۈنى مانچە يازما يېزىۋەتكىنىم ئېسىمدە، بەلكىم كۆپ قىسىم بلوگداشلار پات-پات ھالدا زىيارەتچى ئىستاتىستىكىسىغا دىققەت قىلىپ تۇرىشىمۇ مۇمكىن، مەنمۇ دىققەت قىلىپ باقتىم، بەلكىم بەگلىككە يوللانغان يازمىلارنىڭ كۇرسى چۈشكەن بولسا ۋە ياكى بەگلىكنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولىشىدىن بولسا كېرەك، زىيارەتچىلەر خېلى كېمىيىپتۇ….
ئۇيغۇربەگدىن ساۋاق: زىياتەتچى چۈشۈپ كەتسە چۈشۈپ كەتمەمدۇ، ماڭا يا زىيارەتچىدىن پۇل كېلەمتى(ۋاھاھاھاھا….)…
بەگنىڭ بەشىنچى غېمى: زىيارەتچىلىرىمىز ھورۇنلاشتى
بۇنى دېمىسەم بولمايتى، ھازىر مۇنداق قارىسام بەگلىككە كەلگەن 20 ئادەمنىڭ 1 ئىنكاس يېزىپ قويىدىكەن، قالغانلىرى….ھەي بولدى سۆزلىمەي، ئاغزىمدىن كۆپۈك يېنىپ ئەتە ماتەمگە چۈشۈپ قالمايلى يەنە…
ئۇيغۇربەگدىن ساۋاق: كىيىن زىيارەتچىلىرىڭىز كوچىدا ئۇچراپ قالسا بىر تەخسە لەڭپۇڭ ئېلىپ مىھمان قىلىشنى ئۇنۇتماڭ…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- ۋوردپرەسكە زىيارەت قىلىۋاتقانلار سانىنى چىقىرىشنىڭ تەدبىرى (14)
- [بايقاش] بىر توربەتچىنىڭ توربەت ياساش خاتىرىسى (4)
- WordPress بلوگىدىكى قسىتۇرمىلارنىڭ يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى يۇقىتىش (13)
- [تەرجىمە دەرسلىكى] WordPress مۇھىتى ھازىرلاش
- [WordPress ئۇسلۇبى] iNove ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ (73)
- قازاقىستان دەرۋىش ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇڭ ناخشىسى–ھەر ئاخشام (10)
- يانفونىڭىزنى قانچىلىك باكتىرىيە ئۇۋا قىلىۋالغاندۇ؟ (9)