- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:73
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Wordpress
مەزكۇر ئۇسلۇب-ئەينى چاغلاردا WordPress Theme Directory غا تىزىپ قۇيۇلغان ئۇسلۇبلارنىڭ بىرى بولۇپ،تىل بولىقى ئارقىلىق ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلغىلى بۇلىدىغانلىق،شۇنداقلا ئىشلەتكەن كودلىرى بىرقەدەر نەپىس بولۇشدەك ئالاھىلىكلەرگە ئىگە بولغاچ،كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى.ئۇسلۇب تارقىتىش بېتىگە قارىسام،تەرجىمە قىلىنغان تىللار ئارىسىدا ئانا تىلىمىز-ئۇيغۇر تىلىمۇ قۇشۇلغان بولۇپ،ئۇنى ahbar (ئەكبەر؟) بىر توردىشىمىز تاماملىغان ئىكەن.قىزىقىپ،چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىۋىدىم،دەرۋەقە يامان ئەمەس تەرجىمە قىپتۇ،ئەمما،تەرجىمە پۈتمىگەچ،شۇنداقلا ئەجەللىك ئىملا خاتالىقلىرى،شۇنداقلا تەرجىمە خاتالىقى كۆرۈلگەچ ئەسلى تەرجىمە ئاساسىدا رەتلەش ئېلىپ چىقتىم.كىيىن،بۇ ئۇسلۇبنى تارقاتقان شەخىسكە ئېلخەت ئەۋەتىپ تىل بولىقىنى يېڭىلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلغان بولساممۇ،ئۇ كىشى بەك ئالدىراشمۇ،ئەۋەتكەن خېتىمگە جاۋاب كەلمىدى.ئامال يوق،ئۆزۈم بۇ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇربەگ تورتۇرايىدا تارقىتىش قارارىغا كەلدىم.
ئۇسلۇب نامى:iNove
ئۇسلۇب ئاپتورى:neoease
ئاپتور ياكى ئۇسلۇبقا ئالاقىدار مەنزىل:
http://www.neoease.com/themes
تىل بولىقىنى تەرجىمە قىلغۇچى: ahbar
تۇلۇقلىغۇچى:ئۇيغۇربەگ
سىناق قىلىنغان ۋاقتى:2010-08-09 13:28:03
سىناق قىلىنغان تور كۆرگۈچ: IE8،IE7،IE6،Firefox
سىناق قىلىنغان سېستىما نەشىرى: WordPress 2.8.9
ئۇسلۇب ھەققىدە:
يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك.
قوللايدىغان قىستۇرمىلار:
WP-PageNavi
WP23 Related Posts
WP-RecentComments
Highslide4WP
WP-Syntax
Quick Comments
WP-EasyArchives
Thread Twitter
WP-Polls
AJAX Comment Pager (Comment list ID: thecomments | Callback method name: custom_comments)
Mail To Commenter
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1.مەزكۇر ئۇسلۇبدا رەسىمنى تۇغ ئورنىدا ئىشلىتىش(يەنى،بەت بېشىدىكى بلوگ ئىسمىنىڭ ئورنىغا رەسىم قويۇش)ئۈچۈن،title_psd ھۆججەت قىسقۇچىدىكى PSD ھۆججىتىنى ئۆزىڭىزنىڭكىگە ئۆزگەرتىپ title.gif ھالىتىدە ساقلىغاندىن كىيىن،style.css ئىچىدىكى #title a بۆلىكىنى تېپىپ،بۇ بۆلەكنىڭ كود ئىزاھات قىسمىنى چىقىرىپ تاشلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
2.مەزكۇر ئۇسلۇب پەقەت تىل بولىقىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئۇسلۇب قاچىلاش تامام بولغاندىن كىيىن style.css قىسمىدىن تەڭشەش ئېلىپ،يەنە بىر قەدەم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەشخۇلاتى قىلىشىڭىز شەرت.
كۆرگەزمە رەسىمى : ( چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ،چوڭايغاندىن كىيىن پۈتۈن ئىكران قىلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ)
كۆرگەزمە ئادرىسى(كۆرگەزمە ئورنىدىكى ئۇسلۇبنىڭ style.css بۆلىكىنى ئۆزۈم تەڭشىگەن...)
بۇ يەرنى بېسىڭ
2010.11.26 يېڭىلاندى
تورداشلارنىڭ ئېھتىياجىغا كۆرە،ئۇسلۇبنى تۇرايىمىزدا بىۋاستە چۈشۈرۈلىدىغان قىلىپ تەڭشەلدى،ئىلتىماس قىلغان تورداشلار بىۋاستە چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەيسىلەر.
چۈشۈرۈش:inove2
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- «ئۇيغۇربەگ» دىكى يېقىنقى يېڭىلىقلار… (1)
- [wordpress قىستۇرمىسى] Comment Info Detector (ئىنكاسچىلار ئۇچۇرى) (8)
- [ئىجادىيەت] بلوگگېرلار ئۈچۈن ئېلان چىكىشكە ئون باھانە، ئەمدى ئېلانىمنى چەكمىگىنىڭىزنى بىر كۆرەي! (56)
- ئۇيغۇر پاركورچى باللا ئىشلىگەن مىكرو كىنو – سۈرئەت (14)
- يانفونىڭىزنى قانچىلىك باكتىرىيە ئۇۋا قىلىۋالغاندۇ؟ (9)
- [تاماشا]دۇنيادىكى ئەڭ راھەت ئورۇندۇق (2)
- بلوگ سېستىمىسى] emlog 3.5.2 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى تارقىتىلدى
- SEO ئوينايدىغان بلوگگېر كېلىڭ، SEO قىستۇرمىسىنىڭ ھاجىم دادىسىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي… (19)
- WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىنى قىستۇرمىسىز ئىقتىدار كېڭەيتىش تەدبىرى (7)
- wordpress سېستىمىسىدا jquery ئۈنۈمىدىكى بلوگ لىفىتى ئىقتىدارىنىڭ يېڭى تەدبىرى (5)
- WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ بىر نەچچە تەدبىرى (2) (13)
- پرېستان نەگە كەتتى؟ (11)