office2013+Windows8 ھەقىقىي نەشىردىكى ئاچقۇچ كودىنى سېتىۋېلىشقا ئالدىراڭ!…

112_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئۈچۈنچى ئاي كىرگەندىن كېيىن، مىكروسوفىتنىڭ 98 يۈئەنلىك ئىتىبار باھادا سېتىش پائالىيىتىمۇ ئاخىرلاشتى، بۇ كۈننىڭ ئالدىدا، ئۆزۈمنىڭ نامىدا ئىلتىماس قىلغاننى ئازراق پايدا چاپلاپ ئۆتۈنۈپ بېرىش، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ نامىدا پايپالدا پۇل تۆلەپ بېرىش، ئۆزۈمنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا 98 يۈئەنلىك ئىتىبار باشقىلارنىڭ ئىتىبار باھادا پۇل تۆلەپ بېرىش ئارقىلىق ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 250گە يېقىن كىشىگە 500 پارچىگە يېقىن Windows8 ھەقىقىي نەشىردىكى ئاچقۇچ كودىنى تەمىنلەپ بەردىم. يەنە نۇرغۇن ھاجەتمەنلەرگە بىۋاستە ياردەم قىلىپ، يىراقتىن كونترول قىلىپ تۇرۇپ ئۇچۇرنى توشقۇزۇپ، پۇل تۆلىشىپ بەردىم(يەنى، ئۆزىنىڭ پايپال ھېساۋاتى بار، ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلەرگە مەشخۇلات قىلىپ بەردىم)، مەندىن ئاچقۇد كودى ئالغانلار بىر قىسىم دوستلارغا ھەتتا يىراقتىن باشقۇرۇپ سېستىمىنى ئورنىتىش، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش ئىشلىرىنى قىلىپ بەردىم، ئۇچرىغان مەسىلىلىرىگە چارە تېپىشىپ دىگۈدەك رازى بولغۇدەك مۇلازىمەت قىلدىم. خوش، گەپكە كەلسەك، قولۇمدا ھەقىقىي نەشىردىكى ئاچقۇچ كودىدىن يەنە بىر ئاز بار، شۇلارنى سېتىۋېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن تورداشلارغا 250 سومدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.

سېتىۋالغان تورداشلارغا قاچىلاشقا، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلماقچى بولىۋاتقان ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دىتالى بولغان  office 2013نىڭ ھەقىقىي ئاچقۇچ نومۇرىدىن بىرنى سوۋغا قىلىمەن(بۇ نومۇرمۇ Windows8 ئاچقۇچ نومۇرىغا ئوخشاش بىرلا كومپىيۇتېرغا ئىشلەيدۇ)، شۇنداقتا سىز 250 يۈئەنگە Windows8 ھەقىقىي ئاچقۇچ نومۇرىنى ئېلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلماقچى بولىۋاتقان ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دىتالى بولغان  office 2013نىڭ ھەقىقىي ئاچقۇچ نومۇرىدىن بىرگە ئېرىشەلەيسىز، office 2013 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغان ھامان ئۇيغۇرچە مەشخۇلات سېستىمىسى ۋە ئۇيغۇرچە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش پروگراممىسىنى تەڭلا ئىشلىتىپ، ئانا تىلنىڭ ھۇزۇرىدىن قانغۇچە بەھىر ئالالايسىز، بولامدىكەن؟ يارىغان بولسا تىزدىن سېتىۋېلىشقا ئالدىراڭ. سانى چەكلىك!…

مېنى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى  ۋە ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدىن تاپالايسىز.

ئالاقە ئۇسۇللىرىم:

ئېلخەت: uyghurbeg@yahoo.com | QQ: 761250477 | تېلىفون: 15622899182

تېلىفون ۋە QQدا ئالاقە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، QQنى قاتقاندا Windows8 دەپ ئەسكەرتىش بېرىشنى ئۇنۇتماڭ!

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


11 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئىليار | 2013.03.1 جاۋاب

    مەن win8 نى ئوڭۇشلۇق قاچىلىۋالغان ، ئەمدى office 2013 نى سېتىۋالسام بولاتتى ، ئاڭلىسام بەك قىممەت دەۋاتاتتى ، سىز سوۋغات بۇيۇمى سۈپىتىدە تارقاتقىلى تۇرۇپسىزغۇ :idea:
    ئايرىم سېتىۋالساق قانچە ئاقچا؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2013.03.3

      ئايرىم ساتمايتىم…

  • سۇبات87 | 2013.03.2 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ۋىندوۋس 8 ھەققىدە بىر ياردەم قىلسىڭىز . 1. سېستىما ئاكتىپلاشمىدى . 激活بولمايۋاتىدۇ .
    2. cدىسكا 30 گىگا ئىدى . ھازىر 5گىگالا قاپتۇ ، پەقەت ياماقلىرى بىلەن ۋىروسخورلا قاچىلىغان ، يىڭى قاچىلغاندا 18گىگا يەرنى ئىگەللەپتىكەن ، مۇشۇ توغرىمۇ ،
    3. كومپيوتېرنىڭ ئانا تاختىسى P41ئىدى ، ھازىر 2گىگالىق ئىچكى ساقلىغۇچ بار ، بۇ يىتىشمىگەندەك بولۋاتىدۇ ، بۇ p41 قانچىلىك ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ ،
    ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم ..

  • بېگىمگە بايان ئەيلەيدىغان دۇردۇ- ھا؛ىم بار ئىدىلەر!
    مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا كۆزنەك 8 نىڭ ھالال نەشىرى بار ئىدى، بىر نەچچە كۈن بولدى تورغا ئۇلىساملا قايتا قوزغىلىپ كېتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئادەمنىڭ ھەيرانلىقنى كەلتۈرىدىغان بىر ھادىسە، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى، مەسىلەن: ئالىم ئەھەت بىلوگى، نۇرقۇت،باغداش،ئىزدىنىش… ئىشقىلىپ خېلى كۆپ تور بېكەتلەرنى ئاچساملا قايتا قوزغىلىپ كېتىۋاتىدۇ. قانداق قىلسام بولار؟ :cry:

    • ئۇيغۇربەگ | 2013.03.8

      سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ باقتىڭىزمۇ؟

  • پاسئان | 2013.03.7 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    ۋىندوۋۇس8 ئوڭۇشلۇق قاچىلانغان ئىدى. بىراق ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى قاچىلانمىدى. سېستىما يېڭىلاشنى تولۇق ئېلىپ بارغان بولمىسا. ئەمدى سېستىمىنى يەنە قايتا قاچىلاپ سىناپ باقساق بولارمۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2013.03.8

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سېستىمىنى قايتا قاچىلاشنىڭ ئورنى يوق. ئاۋۋال سېستىمىغا ئىنگىلىزچە تىل بولىقى(ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى)نى قاچىلاپ بولۇپ، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن ئاندىن ئېمەيىلدىكى دەرسلىك بۇيىچە ئۇيغۇر تىلى بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.

  • پاسئان | 2013.03.10 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    سىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك قاچىلىغان ئىدىم، مۇۋاپپىقىيەتلىك بولدى. رەھمەت سىزگە. يەنە باشقا رەھمەتلەرمۇ بار ئىدى، ئۇنى ئايرىم يەتكۈزەي. :mrgreen:

  • كائىنات | 2013.03.11 جاۋاب

    مەن wordpress-3.5.1-zh_CN.tarقچىلغان لىكىن http://localhost/phpmyadminماۋۇ ئادىرىسنى ئىجرا قىلغان بولمايۋاتىدۇ ياردەم قىلساڭلار..275146764 چچ نۇمرۇم

  • ئىزدەن | 2013.03.15 جاۋاب

    ئەسالام بەگ ئەپەندى، ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى… بىزنىڭ بلوگىمىزنىڭ (ئىزدەن بىلوگى) ICPئەن نومۇرى بېكار قىلىنغاندىن بۇيان بلوگ بىلەن ھەپلەشمەي يۈرۈپ تۇرايىڭىزغىمۇ كەلمىگىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ. يېڭىلىقلار بەك كۆپ ئىكەن. قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن…
    مەقسەتكە كەلسەك office 2013 نىڭ ئاچقۇچ نومۇرى ئايرىم سېتىلامدۇ يوق، شۇنى بىلىپ باقاي دىگەن. ۋىندوۋس 8 نى 248 يۈەنگە ئۆتكەن يىلى 12- ئايدىلا ئېلىپ بوپتىكەنمەن، بولمىسا بىراقلا بوشۇپ سېتىۋالغان بولسام بەك ياخشى بولاركەن … :smile:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif