ئاقسا قىستۇرما «slimbox» ۋە ئۇ ئارقىلىق رەسىم كۆرۈش ئۈنۈمىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇش

slideshow-pro

ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر، تۇرايىمىز بىر ئايلىق ئاپەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھازىر قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە جىددىي ئاتلاندى ھەمدە بارلىق كۈچلەر سەپەرۋەرلىككە سېلىنىپ، يازما يوللاش تىزلىكى شىددەت بىلەن ئاشتى، بۈگۈن، ھەرقايسى ئەزىزلەرگە ناھايىتى كاتتا ئۈنۈملۈك بولغان بىر قىستۇرما، يەنى، يازمىسىدا كۆپرەك رەسىم ئىشلىتىپ سالىدىغان بلوگگېرلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى رەسىم كۆرۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدىغان قىستۇرما «slimbox»بىلەن جىددىي تونۇشۇپ ئۆتكۈسىمىز، دىققىتىڭىزلار يازما داۋامىدا بولسۇن!…

 

قىستۇرما ھەققىدە

ئەمەلىيەتتە بۇ قىستۇرمىنىڭ ئىقتىدارى ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىزدا تونۇشتۇرغان قىستۇرما «Auto Highslide ھەققىدە»بىلەن ئوخشىشىپ قالىدىغان بولۇپ، پەرقى بۇ قىستۇرمىنىڭ ئۈنۈمى «Auto Highslide»غا قارىغاندا كۆركەم ۋە ھەشەمەت. «slimbox» بولسا يازمىغا قىستۇرۇلغان سۆرەتلەرنى ئايرىم كۆزنەكتە چوڭايتىپ ئېچىپ كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ بىرىدىغان قىستۇرما بولۇپ، يازمىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. مەزكۇر قىستۇرما ئۇيغۇربەگنىڭ باھانىسىدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىلدى.

ئۈنۈمىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە پارچە رەسىمدىن كۆرۈڭ، چەكسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرىسىز!

blogimizchewendazlarkitappurushrustenjanblog

 

 

قىستۇرمىنى قاچىلاش ۋە قوزغىتىش

1.  قىستۇرمىنى چۈشۈرۈڭ.

2. قىستۇرمىنى ئارقا سۇپىدىكى يېڭىدىن قىستۇرما قوشۇش دېگەن جايدىن بىۋاستە قاچىلاڭ ياكى ftp ئارقىلىق wp-content/plugins ئىچىگە يۈكلەڭ.

3.قىستۇرمىلار مەركىزىدىن،مەزكۇر قىستۇرمىنى تېپىپ قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

4.ناۋادا كېرىكى بولمىسا،قىستۇرمىنى توختىتىپ ياكى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قىستۇرما ئىشلىتىش ھەققىدە ئېزاھات

قىستۇرمىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن، يازمىغا سۆرەتنى بىۋاستە قىستۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ ياكى رەسىمگە چوڭايتماقچى بولغان رەسىمنى ئۇلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش

يۈك مەنبەلىرى:  بەگلىكدىن | ئورگان بېتىدىن | پرېستىن يېشىش پارولى : www.uyghurbeg.net

 

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


22 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئۇزھال | 2012.02.12 جاۋاب

    مىنىڭكىگە نىمە بالا تەگدىكىن، ICP نورمال ئەمەس دەيدۇ، تەكشۈرسەم نورمالدەك. ئالدىراشچىلىقتا بۇنىڭ بىلەن ئېتىشقۇدەك ۋاقىتمۇ يوق. سىزگە ئىنكاس يېزىپ بىرىپ ئولتۇراي. بۇنىڭ ئارقا بېتىمۇ ئۇيغۇرچىمۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.13

      ئارقا بەت تەڭشىكى يوق، بىۋاستىلا ئىشلىتىمىز…
      سىز خىزمەتكە چىقىپلا بلوگ ئوينىمىدىڭىز، بوپتۇ ھەي، سىز بولسىمۇ ئىنكاس يېزىپ ئاكتىپ بولۇپ بېرىڭ!

  • مۇزات | 2012.02.12 جاۋاب

    مېنىڭ بلوگىمنىڭ بۇنداق ئىقىتىدارى بار،ھى ھى!بۇنداق ئۇنۇم بولسا بەك پىچەت بۇلىدىكەن،مەن بەك ياقتۇرۇپ قالدىم،بولسا كۆپچىلىكمۇ مۇشۇنداق ئۇنۇمىنى قوشىسا بلوگى پىچەت بۇلۇپ كېتىدۇ… :cool:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.13

      مەنمۇ ئۇزاققا قالماي قىستۇرمىسىز قوشۇۋېلىشىم مۇمكىن…

  • ئەلشات | 2012.02.13 جاۋاب

    رەسىم سۈرەت بلوگلىرىغا تازا ماس كەلگۈدەك

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.13

      بىزنىڭ بلوگغىمۇ ماس كەلدى…لول لول لول…

  • ئەلكۈن | 2012.02.13 جاۋاب

    ناۋادا مەنمۇ قاچىلاپ ئىشلەتسەم… مۇشۇنى قاچىلىسام بولغۇدەك. ئەمما يەنە بىر باش ئاغرىقى بار. ئېلخەت يوللاش ئىقتىدارىنى نورماللاشتۇرالمايۋاتىمەن. مۇلازىمىتېر قوللىمايدىكەن دەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك قىستۇرمىنىمۇ قاچىلاپ كۆرۈپ باقتىم. يەنىلا مەغلۇپ بولغۇچى بولدۇم… بەگلىكتىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلدىم :cool:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.13

      ئەركەك بوشلۇق ئالسىڭىز بولغۇدەك ئەمىسە…

    • ئەلكۈن | 2012.02.13

      ھازىر ھەقسىز بوشلۇقتا كىتىۋاتىمەن

  • ھىكمەت | 2012.02.14 جاۋاب

    ياخشى قىستۇرما ئىكەن.

  • wiros | 2012.02.15 جاۋاب

    پوخخخخخخو . مەنمۇ قاچىلىۋالدىم مانا !

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.15

      مارەك ۋوسۇن ۋىروس تاغا…

  • بۇ قاچانقى رەسىم :mrgreen: . مەن بۇ ئۇسلۇبىمنىڭ مۇشۇ ئالمىشىپ چىقىدىغان رەسىملىك ئېكرانىغا ئامراق ئىدىم. بۇنىڭمۇ باھانىسى تېپىلىپتۇ مانا :evil:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.15

      ئەمما لېكىن…بىزنىڭ گۇمپىلار ناھايىتى ياخشى دەيمە!

  • Erke | 2012.02.22 جاۋاب

    مەنمۇ قىستۇرۋالدىم بۇنى، راستىنلا بەك پەچەتكەن ، سىلىگە كۆپ رەھمەت جۇمۇ بىگىم…! :grin:

  • heweskar | 2012.02.23 جاۋاب

    چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقمۇ نىمە ؟؟ چۈشۈرەلمىدىمغۇ ؟؟ ماڭا قويۇپ قويدىڭىزمۇ يە بېگىم ؟؟ :mrgreen: (چاقچاق)

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.23

      سىزگە كەلگەندە ئۇخلاپ قالغان چېغى…

  • heweskar | 2012.02.23 جاۋاب

    ئەمدى چۈشتى

  • مەن قاچىلىدىم ئەمما ئۈنىمىنى كۈرەل مىدىم،قانداق قىلسام نورمال بۇلىدۇ

  • ئەركە | 2012.04.9 جاۋاب

    بۇرۇنقى ئۇسلۇبتا ئىشلىگەنتى، ماۋۇ ئۇسلۇبتا ئىشلىمەمدۇ نىمە..؟ رەسىمنى باسقىلىمۇ بولمىدى… پرستان ئۇسلۇبى ئىدى ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقىنىم…

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.13

      ئىشلەيدىغۇ؟ رەسىمگە ئۇلىنىش قىلغانمۇ رەسىم ئادرېسىنى؟

  • يالغۇز | 2013.01.17 جاۋاب

    بۇ قىستۇرمىنىڭ نامىنى سىلىمكامنىڭ ئامبىرى دىسەك بولغۇدەك

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif