- سەھىپە:IT يېڭىلىقلىرى
- | باھا:6
- | زىيارەت: 959 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، internet, Windows
ھازىر پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، بايا تور ئارىلاۋېتىپ تۆۋەندىكى بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. يەنى، ھازىر دۇنياغا داڭلىق مىكروسوفت شىركىتىدە پىراكتىغا قىلغان جىنھا لى(Jinha Lee) ناملىق بىرەيلەن 3D ئۈستەل يۈزى مۇھىتى SpaceTopنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر مۇھىتتا قوللانچىلار كومپىيۇتېر ئېكرانى ئىچىگە «كىرىپ»، رېئال دۇنياغا ئوخشاش تور بېكەت، ھۆججەت ۋە فىلىملەرنى «تۇتالايدىكەن»،«سىيلىيالايدىكەن»…
SpaceTopنىڭ ئالدى-كەينىدە
ئالدىنقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن جىنھا لى(Jinha Lee) شۇ يىللىق TED چوڭ يىغىنىدا مىكروسوفىتتىكى پىراكتىكا ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ چىققان 3D ئۈستەل يۈزى مۇھىتى SpaceTopنىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى نامايىش قىلدۇرغان ئىدى.
ئەمما ئۇ چاغدا جىھا لى نامايىش قىلدۇرغىنى تۇتقىلى بولىدىغان ئېغىرلىقى كېمەيتىلگەن شارەكچە ZeroN ئىدى(يۇقىرىدىكى سۆرەتكە قاراڭ). ZeroN بولسا بىر كىچىك تىپتىكى ھىملەنمىگەن بوشلۇق بولۇپ، ئىلىكتىر ماگنېت مەيدانى ئارقىلىق شارەكچىنى ھاۋادا لەيلىتەتتى، شارەكچە قوللانچىلارنىڭ قوللىرىنىڭ يۆنىلىشىگە ئاساسەن ھاۋادا يۆتكىلەتتى ۋە ياكى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەن بۇيرۇققا ئاساسەن ھەرىكەت قىلاتتى.
SpaceTopتە بولسا، ZeroN مۇھىتىغا ئوخشايدىغان باشقىچە مۇھىت بولۇپ، مەزكۇر مۇھىتتا قوللانچىلار كومپىيۇتېر ئېكرانى ئىچىگە «كىرىپ»، رېئال دۇنياغا ئوخشاش تور بېكەت، ھۆججەت ۋە فىلىملەرنى «تۇتالايدىكەن»،«سىيلىيالايدىكەن»، ھەتتا تور بېكەتلەرنى ئورنىدىن «يۆتكىيەلەيدىكەن»…
مەزكۇر مۇھىت بىر سۈزۈك LCD ئېكران ۋە ئىككى كامىرادىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىر كامىرا قولنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگەشسە، يەنە بىر كامىرا كۆزنىڭ كۆرۈش يۆنىلىشىنى كۈزىتىدىكەن ھەمدە كۆزنىڭ يۆنىلىشىگە ئاساسەن سايىلەش گىرادۇسىنى تەڭشەيدىكەن.
SpaceTop نەق مەيدان سىناق خاتىرىسى
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [Blogbus ئۇسلۇبى] Uzhal_1.0 ھەقسىز تارقىتىلدى (35)
- [تەۋسىيە يۇمتال]Photoshop CS5 Extend يېشىل كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى
- ھەۋەسدىن ھەمكارلىققىچە-ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى & پرېستان بلوگى بىرلەشتى (28)
- [ۋىروسخور]يېڭى كومپىيۇتېر ئالغانلارغا تەۋسىيە:تۆت ھەقسىز،كۈچلۈك ۋىروسخور (1)
- ھۈجەيرە ئىچىدىكى ھاياتلىق (5)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- [WordPress ئۇسلۇبى] سابىق ئۇسلۇبىمىز WPINK كۆك رەڭلىك نۇسخىسى(ھەقلىق) (1)