- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:28
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئۇيغۇربەگ, پرىستان, ھەمكارلىق
شۇ تاپتا،مەزكۇر يازمىنى يېزىش داۋامىدا ئۆزۈمنىڭ قاتتىق ھاياجانلىنىپ تۇرغانلىقىمنى سىزىپ تۇرىۋاتىمەن.چۈنكى،تېخى بىرنەچچە ھەپتە بۇرۇن،يۈكسەلكامنىڭ ‹‹كۆپ كىشىلىك بلوگنىڭ كەلگۈسى››دىگەن يازمىسىغا قارىتا يازغان ‹‹شەخسىي بلوگنىڭ كەلگۈسى ۋە چىقىش يولى››دىگەن يازمامنى يوللىغان ئىدىم.ئەمما،بۈگۈن بلوگباس ئۇسلۇبى ۋە تېخنىكىسى جەھەتتە يۈكسىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان سابىق پرىستان بلوگى بىلەن ئۆزۈم ماڭدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى يېڭىچە ئىلھام بىلەن،جۇشقۇن قەدەملەرنى بېسىپ ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن قۇلىمىزدىن كېلىشىچە ھەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن رەسىمىي بىرلىشىپ، ئۇيغۇربەگ دىگەن نام ئاستىغا ئۇيۇشتۇق.
يازمىنى تەييارلاش داۋامىدا ئۆزۈمنىڭ بلوگ ھاياتىمنى تۇيۇقسىز ئەسلەپ قالدىم.ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئەينى چاغ ئارامگاھ بلوگىدىكى يازمىلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن،بلوگباسدىكى تۇنجى بلوگۇم ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ۋۇجۇدقا چىققانىدى.ئۇ چاغدا ھەۋەسكار بولغاچ بلوگ ھەققىدە تۈزۈك نەرسىلەرنى بىلمەيتىم،تور بىلىملىرىگە پىششىق ئەمەس ئىدىم،كودلار بىلەن تونۇشمايتىم،بلوگ مەزمۇنى ئاساسەن مەن دەسلەپ ياقتۇرۇپ كەلگەن داڭلىق ئەسەرلەر،تارىخىي يازمىلار بولۇپ كەلدى ھەمدە ‹‹يازما ئوغرىلاش›› جەريانى مەندە بولۇپ كەلدى.كىيىن،ئاناتىلىم بلوگىدىن مۇشۇ يازما ئوغرىلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسىنى كۆرگەندىن كىيىن،قاتتىق ئويلىنىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىي يازمىلىرىنى شۇنداقلا ئىجادىي تەرجىمە ئەسەرلىرىم بىلەن بلوگ يېزىشنى باشلىدىم،بېراق،يەنىلا يازما ئوغرىلاش باشقۇچىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىدىم...
بلوگ ئويناش جەريانىدا،پرېستان بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلەن تاسادىبىي ئۇچرۇشۇپ قالدىم،كىيىن ئىككىمىز بلوگ ھەققىدە تولا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بولدۇق.پرىستان ئەپەندى-گۈزەل-سەنئەت تۇيغۇسىغا باي،تور دۇنياسىغا بولغان قارىشى توغرا،شۇنداقلا كىشىگە خۇشاللىق بىلەن ياردەم بىر ئېسىل يىگىت ئىدى،مېنىڭ بلوگ ھاياتىمغا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن كىشى بولسا دەل مۇشۇ پرىستان ئەپەندى ئىدى.ئۇ ماڭا بىلمىگەننى ئۆگەتتى،بلوگۇم ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىب-پىكىرلەرنى،كۆرسەتمىلەرنى بەردى.بارا-بارا مەن بلوگ ھەققىدە كۆپلىگەن كۆز-قاراشلارغا ئىگە بولدۇم،يازما كۆچۈرمىكەشلىكدىن ئىجادىي يازمىلارغا ،ئاددىي يازمىلاردىن مەزمۇنلۇق يازمىلارغا ئۆتتۈم.بارا-بارا بلوگىمنى چۈرگىلەپ كېلىدىغانلار كۆپەيدى،مېنىڭمۇ بلوگ ھاياتىم بارغانسىرى موللىشىشقا باشلىدى.مۇشۇ چاغلاردا،پرىستان ئەپەندىممۇ بلوگباس ئۇسلۇبلىرى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتاتتى،ياسىغان ئۇسلۇبلىرى شۇنداق سىپتا،كۆركەم بولغاچ كەڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشدى.دەرسلىك فىلىملىرى بولسا بلوگ ھەۋەسكارلىرىنىڭ نۇرغۇن ھاجەتلىرىدىن چىقتى.دېمەك،پرىستان بلوگىمۇ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى ئىلغار بلوگلارنىڭ بىرى بولۇشقا تىرىشىۋاتاتتى.
بىزنىڭ بىرلىشىشىمىز شۇنداق تۇيۇقسىز،ئەمما پىلانلىق بولدى.چۈنكى،بىزنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىمىز ھەر ئىككىلىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى.ھەر ئىككىلىمىز بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆگۈنۈش ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرماقچى بولساق،بىر تەرەپتىن ياردەم لازىم بولغانلارغا بىلگىنىمىزنى تۆكۈپ،ئۆگەنگەن ئىلمىمىزنىڭ زاكىتى بېرىشكە تەييار ئىدۇق.قىسقىسى،ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە،جۈملىدىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا ئاز-تولا بولسىمۇ ھەسسىمىزنى قوشالىساق دىگەن ئارماندا ئىدۇق.بىزدە ئاجايىب ئارمانلار بار ئىدى،بۇ ئاجايىب ئارمانلارنى كىچىك-كىچىك قەدەملەر بۇيىچە،ئەتراپلىق پىلانلاپ ئېلىپ مېڭىشىمىز لازىم ئىدى،شۇڭا،ئەجدادلارنىڭ ‹‹يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس››دىگەن ھېكمىتى ئىچىدە بىرلىشىش قارارىغا كەلدۇق،چۈنكى،بىرلەشكەندىلا بۇ كىچىك قەدەملەرنى خاتاسىز ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ ماڭالايتۇق،كۆزلىگەن نىشانىمىزغا تېخىمۇ بالدۇر يېتەتتۇق،پايدىمىز تېخىمۇ كۆپ تىگەتتى.
بۇ بىرلىشىشدىن خۇسۇسەن ئۆزۈم ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم،بۈگۈن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدا شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلايمەنكى:ئەييۇھانناس،ئەي ئاۋام-خاس! ئاڭلىماسقا سالغانلار ئۆزىنى بىلسۇن،ئاڭلىغانلار بېرىپ ئاڭلىمىغانغا دىسۇن،بىلمىگەنلەر بېلىپ قالسۇن،بىلگەنلەر كېرىپ تەبرىكنامە ئەۋەتسۇن،ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى،پرىستان بلوگى & ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى بىرلەشتى!

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى بىلەن جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدىكى پەرقلەر، كۆرسىڭىز ھەممىنى بىلىسىز!… (36)
- WordPressدە EOT تونۇتۇش (1) : CreateMyEot قورالى ئارقىلىق EOT تەييارلاش
- EOT ئادرىسىنى ئۆزگەرتىش يۇمتالىنى چۈشۈرۈڭ
- Prestan Simple 2.0 ئۇسلۇبى ئېلان قىلىندى، چۈشۈرمىگەن بلوگگېرلار ئارماندا… (39)
- [تەرجىمە دەرسلىكى]ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە…
- WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى ستاتىستىكىلاش (6)
- [WordPress ئۇسلۇبى] سابىق ئۇسلۇبىمىز WPINK كۆك رەڭلىك نۇسخىسى(ھەقلىق) (1)