سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «پرىستان» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

01

ئەي خالايىق، ئەي ئاۋام خاس، بلوگ ئۇسلۇبىغا زار بولغان، ئۇسلۇب تاپالماي خار بولغان، بلوگلىرى قانغا تولغان ئەزىمەتلەر، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى، ئۇسلۇب قاتىلى، تۇرايىمىزدىكى داڭلىق قاسساپ پرېستاننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى، بلوگ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇنسۇرلارنىڭ تىل بۈرۈكتىرىشى بىلەن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ سىرىتقى قىسمىدا ئۇسلۇب قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ قېتىم قاتىللىق ۋەقەسىنىڭ باش گۇماندارى پرېستان «Prestan Simple» ئۇسلۇبىنىڭ كەينىگە كېرىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كود يېزىش، كود ئۆزگەرتىش، كود كۆچۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ «Prestan Uzhal» ناملىق بىر ئۇسلۇبنىڭ قاتىللىق ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى، بۇ ۋەقەدە «Prestan Simple» ئۇسلۇبى ئاساسىدا  «Prestan Uzhal»  ناملىق يېڭى ئۇسلۇب ياسالدى، قېنى بېرىپ بۇ قاتىللىققا گۇۋاھ بولغايسىزلەر…

تۇلۇق ئوقۇش »

U+P

شۇ تاپتا،مەزكۇر يازمىنى يېزىش داۋامىدا ئۆزۈمنىڭ قاتتىق ھاياجانلىنىپ تۇرغانلىقىمنى سىزىپ تۇرىۋاتىمەن.چۈنكى،تېخى بىرنەچچە ھەپتە بۇرۇن،يۈكسەلكامنىڭ ‹‹كۆپ كىشىلىك بلوگنىڭ كەلگۈسى››دىگەن يازمىسىغا قارىتا يازغان ‹‹شەخسىي بلوگنىڭ كەلگۈسى ۋە چىقىش يولى››دىگەن يازمامنى يوللىغان ئىدىم.ئەمما،بۈگۈن بلوگباس ئۇسلۇبى ۋە تېخنىكىسى جەھەتتە يۈكسىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان سابىق پرىستان بلوگى بىلەن ئۆزۈم ماڭدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى يېڭىچە ئىلھام بىلەن،جۇشقۇن قەدەملەرنى بېسىپ ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن قۇلىمىزدىن كېلىشىچە ھەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن رەسىمىي  بىرلىشىپ، ئۇيغۇربەگ دىگەن نام ئاستىغا ئۇيۇشتۇق. تۇلۇق ئوقۇش »