wordpress تە ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق يازمىغا خەت قوشۇش

wordpress تە ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ، مەسىلەن بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق نادىر سۈرئەت بەلگىلەيدۇ، يازمىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ئەسلى ئادرېسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، wordpress دا يازمىدا پەقەت بىرلا ماۋزۇ يازىدىغان ئورۇن بار، ئەگەر سىز ماۋزۇنىڭ ئاستىغا ئىنگىلىزچە ماۋزۇمۇ كۆرىنىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز، ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ.

بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك يەر شۇكى ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكىنىڭ رولى ماۋزۇدىن ئىككىنى قىلىپلا قويۇش بولماستىن يازمىڭىزنىڭ ھەرقانداق جايىغا ھەرقانداق خەت ياكى رەسىم ۋە ياكى فىلىم قوشۇش رولى بار، ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە كودنى ئەركىن ئۆزگەرتىپ بايدىلانسىڭىز بولىدۇ، تۆۋەندە مەن پەقەت تېكىست قوشۇش ھەققىدە توختىلىمەن.

كود قىسىمى:

$key="menbe"; echo get_post_meta($post->ID, $key, true); ?>

يۇقۇردىكى كودنى كۆچۈرۈپ، index.php ياكى single.php نىڭ ئىچىگە چاپلاڭ، سىز خەتنى قايسى ئورۇنداق كۆرۈنسۇن دېسىڭىز شۈ ئورۇنغا چاپلىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، سىز ماۋزۇنىڭ كەينىدە كۆرۈنسۇن دېسىڭىز، تۆۋەندىكى كودنىڭ كەينىگە چاپلاڭ.

سىز ئەمدى قايسى خەتنى قىستۇرماقچى؟

خەت قىستۇرۇش ئۇسۇلى بەكلا ئاددى، سىز خەت قوشماقچى بولغان يازمىنى تەھرىرلەش ھالىتىگە ئېلىپ كېلىپ «ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى» دىن تەڭشىسىڭىز بولىدۇ، يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدەك.

«نامى» دېگەننىڭ ئاستىغا menbe دەپ يازىسىز، «قىممىتى» دېگەن يەرگە سىز قوشماقچى بولغان خەتنى يازىسىز. ئەگەر سىزدە ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى كۆرۈنمىسە، باشقۇرۇش بېتنىڭ سول ئۈستى تەرپتىكى «كۆرسىتىش تاللاشلىرى» دېگەن خەتنى بېسىپ تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量


6 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئىقبال | 2012.05.5 جاۋاب

    ناۋاتتەك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز بەگ ، بۇنىڭ ياردىمى تىخىمۇ زور بولغۇدەك . دېمەك بىز بۇ ئارقىلىق يازما رايۇنىنىڭ خالغان يىرىگە ئۆزىمىز خالىغاننى قىستۇرالايمىز ، شۇنداقمۇ؟
    رەھمەت ئەجىر-مىھنىتىڭىزگە !!!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.5

      باللا ھەي، قاراپراق گەپ قىلىڭلا، ما يازمىنى مەن يازمىدىم جۇما، پرېستانغا رەھمەت دەپمۇ قويىلى مانداق!

  • شۇ مەن پرېستاننىڭ بلوگىدا كۆرگەندەك قىلغان دەيمە… :idea:

  • Geek | 2012.05.7 جاۋاب

    ياخشى ھۆنەرنىدىن بىېنى ئۆگەندىم مانا :| راقمىت

  • ئارسلان | 2012.05.28 جاۋاب

    مەن ئۇنداق ئۆزى بەلگىلەيدىغان دەيدىغان يەرنى تاپالمىدىميا ؟
    پۈتۈن ئارقا بەتنى بىر ئاختۇرۇپ چىقتىم بولمىسا،سىلە رەسىمگە تۇتۇپ يوللاپ قويغاندەك نەرسە يوق مەندە؟ ياكى بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىشىمۇ يە ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.29

      يازما تەھرىرلەش ھالىتىدە ئۈستى تەرەپتىرەك كۆرسىتىش تاللاشلىرى دېگەن بىر جاي بارغۇ، شۇ يەردىن قىلسىڭىز بولىدۇ.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif