«120 كىشىنىڭ جېڭى» ۋە بىر ۋەتەننىڭ تىراگىدىيىسى

ئالدىنقى قېتىم،«قۇياشنى كۆردۈم»بىلەن «دادام ۋە ئوغلۇم» ھەققىدە تەسىرات يازغاندىن كېيىن،نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈرك فىلىملىرى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىم توختىلىپ قالدى.ئەمما،تۈركچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىم تۈپەيلى،ئۆزۈمگە تىل مۇھىتى ھازىرلاش ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ھازىرقى زامان نادىر كېنولىرىدىن بەھىر ئېلىشنى توختۇتۇپ قويمىدىم.بۇ كېنولار ئىچىدە،ھېلىھەم مېڭەمگە قايتا-قايتا نامايان بولىۋاتقىنى يەنىلا «120 كىشىنىڭ جېڭى» ئىدى،چۈنكى بۇ 120 كىشىنىڭ ھاياتى بىر ۋەتەن بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن ئىدى…


فىلىم بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى ۋاقتىدىكى(يەنى ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى) سەركامىس جېڭىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ،ئوق-دورىلىرى تۈگىگەن تۈرك ئارمىيىسى ھەربىي ياردەمگە ناھايىتى مۇھتاج بولۇپ كېتىۋاتقانىدى.پۈتكۈل تۈرك ئەرلىرى ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ھەرجايلارغا چېچىلىپ كەتكەن بولۇپ،روسىيە چىگراسىغا يېقىن بىر كەنىتتىكى كىشىلەر چىگراغا بۆسۈپ كىرمەكچى بولغان روس ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇۋاتقان تۈرك جەڭچىلىرىگە ئوق-دورا ئەۋەتمەكچى بولسىمۇ،بۇ كەنىتتە يارىغۇدەك ئەرلەر قالمىغاچقا،پۈتۈك كەنىتتىكى قېرىلار،ئاياللار قاتتىق تەشۋىشكە قالىدۇ.ئاخىرى،بىر قېتىملىق جەڭدە ئوغلىدىن ئايرىلغان مەكتەپ مۇدىرى بۇ ۋەزىپىنى كەنىتتىكى بالىلارغا يۈكلىمەكچى بولىدۇ.ۋەتەن ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشنى پىلانلاۋاتقان 12 ياشدىن 17 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ ۋەزىپىنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قېلىپ،ئەسكەرلەرگە ھەربىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈشتەك ئولۇغ مەنزىلگە ئاتلىنىدۇ.

فىلىمدە تەسۋىرلىنىدىغىنى دەل مۇشۇ 120 ئۆسمۈر ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بالىلىرىنى كۈتۈۋاتقان ئاشۇ تەسىرلىك،ھەقىقىي ۋەقەلىكلەر بولۇپ،فىلىمنىڭ باشلىنىشىدىلا ئەرمەن دوختۇر بىر تۈرك ئائىلىسىگە بېرىپ،ئۇلارنىڭ ئاغرىپ قالغان بالىسىنى داۋالايدۇ.گەرچە،بۇ دوختۇر بۇ ئۆيگە كۆپ قېتىم كەلگەن بولسىمۇ،بۇ ئائىلىدىكى بىر بالا بۇ دوختۇرنى زادىلا ياقتۇرمايدۇ ھەمدە ئەرمەنلەر تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى دەپ ئويلايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا فىلىمدە Hunchaksنىڭ باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم ئەرمەنلەر چىركاۋغا يىغىلىپ،تاجاۋۇز قىلىپ كىرىۋاتقان رۇس قۇشۇنلىرىغا قوشۇلۇشنى قەسەم قىلىدۇ ھەمدە ھېلىقى دوختۇر دوختۇرخانىدىن ئايرىلغان ھامان ئۇنى قەست قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ.


بۇ 120 ئۆسمۈرنىڭ بىر قىسمى پەقەت بىرنەچچە قېتىملا مىلتىق ئېتىشنى مەشىق قىلغانلا بولۇپ،قالغانلىرى كۆپىنچە ئانا سۈتى ھىدى كەتمىگەن گۆدەكلەر ئىدى.ئەمما،ئۇلاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك سۆيگۈسى ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتى،ھەتتا باينىڭ بالىسى بولغان بودەكمۇ دوستلىرىنىڭ مازاق قىلىشىغا پىسەنىت قىلماي،ئاكتىپلىق بىلەن ئارمىيىگە قوشۇلىدۇ،يولدا ئۆز-ئارا يۆلىشىپ،قوللىشىپ ئاخىرى ۋەتەن تاپشۇرغان مۈشكۈل سەپەرنى تاماملايدۇ،بېراق،شۇ 120 ئۆسمۈردىن پەقەتلا 22 نەپىرىلا ھايات قايتىپ كېلىدۇ،ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى،قۇربان بولغانلار ھەرگىزمۇ جەڭ مەيدانىدا جان ئۈزگەنلەر بولماستىن،بەلكى زەپەردىن خۇش بولۇپ،ئۆيگە ئالدىراپ،قىسقا يولنى تاللاپ،ئاخىرى تاغدىكى قارلىق شىۋىرغاندىن ئىبارەت تەبىئىي ئاپەتتە ئۆلگەنىدى…
فىلىمنى كۆرۈپ بولۇپ،يازغۇچىمىز ئەسەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»دېگەن كىتابىدىكى ھېلىقى ئاتاتۈرك مۇستاپا كامال بىلەن جەڭگە قورال-ياراق توشۇۋاتقان ئايالنىڭ دېئالوگى چىقىدىغان قۇرلاردىكى ئايالنىڭ مونۇ سۆزى ئېسىمگە كەچتى:«مەن بالامنى قايتا تۇغالايمەن،ئەمما ۋەتەننى قايتا تۇغالمايمەن!…»

فىلىم ھەققىدە

◎  فىلىم نامى : 120 كىشىنىڭ جېڭى،خەنچە:120人的战役
◎ فىلىم چىققان يىل : 2008-يىلى
◎ تىلى: تۈرك،ئەرمەن
◎ تۈرى: تارىخىي\ئورۇش
◎ ئوزۇنلۇقى: 1 hr 50mn 53s
◎ رېژىسسور: Özhan ErenMurat Saraçoglu
◎ ئارتىسلار:Özge ÖzberkCansel ElcinBurak SergenOytun ÖztamurKemal Ozan ÇelikAlican YilmazMelih AtalayMelza Burcu



无觅相关文章插件,快速提升流量


2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • bahtim | 2012.02.26 جاۋاب

    قېنى چىقمايدىغۇ؟

  • شەمشەر | 2012.04.29 جاۋاب

    ئەسالام خانداخ ئەھۋالىڭىز مەن سىزنىڭ خىلىۋاتكەن ئىشلىرىڭىزدىن كوپ مىننەتارمەن بولسا تېىخىمۇ تىرىشىپ خەلكىمىز ئۇچۇن تەخىمۇ كاتا ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىڭىزلارنى ئۇمۇت قىلمىز ئللاھ سىلەرگە چەكسىز ئۇتۇق ئاتا قىلسۇن ۋە ئوز پاناھىدا ساقلىسۇن ئامىن……. ;-) ;-) :smile:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif