![قۇياشنى كۆردۈم]()
كىچىك چاغلىرىمدىن تارتىپ تۈركىيەنىڭ كىنوسىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم.بولۇپمۇ،كومىدىيەلىك كىنولارنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىشلەيدىغان كامال سۇنالنىڭ ‹‹شابان››ئوبرازىدىكى ھەجۋىي كىنولىرىنى قويماي دىگۈدەك كۆرۈپ چىققانىدىم.ئۇ چاغلاردا،تەڭتۇشلىرىم ئارىسىدا ‹‹ئىسمىڭ نىمە؟››دىسە ‹‹شابان››دىيىش ناھايىتى مودا ئىدى.ئۇنىڭدىن باشقا‹‹چالىقۇشى››،‹‹دانىيەدىن كەلگەن كېلىن››…قاتارلىق نۇرغۇن كىلاسسىك كىنولار يۇرتىمىزدا شۇقەدەر ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.
كىيىن،تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىم مەزگىللىرىدە ئاساسەن دىگۈدەك ھوللىۋودنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن ئىشلىگەن سۈنئىي كىنولىرىغا مەپتۇن بولۇپ ‹‹خاككېر ئىمپىرىيىسى››دىن‹‹ھۆكۈمران ئۈزۈك››كىچە ئايلىنىپ يۈردۈم،تۈركىيەنىڭ ناخشىلىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا،قېرىنداش مىللەت كېلىدىغان بۇ خەلقنىڭ كىنولىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىم بارغانسىرى يىراقلاپ كېتىۋاتاتتى.ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن،نەزىرىمدە ھېلىھەم ئوسمانلى ۋاقتىدىكى ھالىتىدە يۈرۈيدۇ دەپ ئويلايدىغان تۈركىيە بارغانسىرى دۇنيانىڭ نەزىرىنى تارتىشقا باشلىدى.مەيلى ھەربىي ئىشلار بولسۇن،مەيلى دېپلوماتىيە ۋە ياكى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن،جۇڭگودىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پات-پات تۈركىيەنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق،بەزىدە تېخى،تۈركىيەنىڭ ياخشىراق خەۋىرى چىقىپ قالسا،خۇددىي ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرىدەك قىزىقىپ كۆرىدىغان بولدۇق…مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈركىيە كىنولىرىنىڭ دۇنيا كىنو ساھەسىدە داڭقى چىقىشقا باشلىدى.ئۇزاق بولمىغان ۋاقىت ئالدىدا‹‹ئۈچ مايمۇن››ناملىق فىلىم ھەتتا گانا كىنو فېستىۋولىدا ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەل تىلى مۇكاپاتى›› ئېلىشقا ئازلا قېلىپ ‹‹مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتى››غا نائىل بولدى.بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ ئۈزۈلمەي كەپ تۇرۇشى،بارغانسىرى تۈركىيە كىنوچىلىقىغا بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغانىدى… تۇلۇق ئوقۇش »
![无觅相关文章插件,快速提升流量]()