WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ بىر نەچچە تەدبىرى (2)

wp_dev_plugins_3_副本

بۈگۈنكى يازمىمىز تۇرايىمىزدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلغان «WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ بىر نەچچە تەدبىرى (1)» ناملىق يازمىنىڭ داۋامى بولۇپ، WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز. دىققىتىڭلار يازمىنىڭ داۋامىدا بولسۇن.


تەدبىرنىڭ بايانى ۋە پايانى

سىناق ئۈچۈن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى « WordPressدە تەۋسىيە يازما، ئەڭ يېڭى يازما، ئەڭ يېڭى ئىنكاسلارنىڭ ئۆلچەملىك كودلىرى » ناملىق يازمىدىكى بىر قىسىم كودلارنى سىناققا ئىشلىتىمىز.

بۇ تەدبىردە مەن ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان Windows Live Writer سۇپىسىنىڭ قىستۇرمىسى ئارقىلىق كود قىستۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشىمىز. Windows Live Writer سۇپىسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى «  [تەۋسىيە]Windows Live Writerئارقىلىق WordPressكە يازما يوللىسا ناھايىتى پەچەتكەن!»  يازما ئارقىلىق ساۋادىڭىزنى چىقارغايسىز، مەنزىل : http://www.uyghurbeg.net/2567.html

ساۋادىڭىز چىقىپ بولغان بولسا، Windows Live Writer سۇپىسىنى ئورنىتىپ تەييار قىلىڭ، ئاندىن تۆۋەندىكى مەنزىل ئارقىلىق  Code Snippet ناملىق قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ ھەمدە قاچىلاڭ، مەنزىل:

http://plugins.live.com/writer/detail/code-snippet-plugin-for-windows-live-writer

ئورنىتىپ تەييار بولغاندىن كېيىن، Windows Live Writer سۇپىسىنىڭ تىزىملىك ئىستونىنىڭ 插入 دېگەن بۆلىكىگە كىرسەك، قىستۇرما بۆلىكىدە Code Snippet دېگەن خەتنى ئۇچرىتىمىز. رەسىمدىكىدەك:

wlwcode01

Code Snippet دېگەن خەتنى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەككە ئېرىشىمىز:

wlwcode02

بىرىنچى بوش ئۇرۇنغا كودنى قۇيۇپ ئۈستىدىكى HTML دېگەن خەت بار جايدىن كودنىڭ تىلىنى تاللايمىز. ئاستىدىكى Formatted Code Snipped دېگەن قۇردىكى تاللاشلاردىن بىر قىسىم تەڭشەكلەرنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى مېنىڭ تەڭشىكىم ۋە مەن قىستۇرغان كود كۆزنىكى:

wlwcode03

يۇقارقى تەڭشەكدىن ئېرىشكەن كود ئۈنۈمى تۆۋەندىكىدەك:

php

$rand_posts = get_posts('numberposts=10&orderby=rand');

foreach( $rand_posts as $post ) :

?>

<li><a href="&lt;?php the_permalink(); ?>">php the_title(); ?>a>li>

php endforeach; ?>

تولۇقلىما: ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشىدىن قارىغاندا Windows Live Writerنىڭ شۇنداقلا يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كود قىستۇرۇش قىستۇرمىسىنىڭ ئەڭ ئەلا ئىجرا بولۇش مۇھىتى Windows7، بلوگداشلارنىڭ بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۇنداق قىلىپ ھازىرچە مەن بىلىپ كەلگەن كود قىستۇرۇش تەدبىرلىرى يۇقارقىدەك. بىلمىدىم، ھەر قايسى بلوگداشلارغا ياردىمى تەگدىمۇ-يوق، ياردىمى تەگكەن بولسا ھايت دەپ قۇيارسىلەر. ناۋادا بۇ تەدبىرلەردىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە قولاي بولغان باشقا تەدبىرلەرنى ئۇچراتقان بولساڭلار بىزگىمۇ بىلدۈرۈپ قويغايسىلەر.



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


13 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئاخىرى ئۇيغۇر بەگتىكى مەخپىيەتلىكنى بىلىۋالدىم ، بەگ ئەپەندىمنىڭ مىھنەتسىز ئەمگىكىگە ھەشقاللا.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.08.25

      سىزگىمۇ ھەشقاللا….

    • ئىزدەن | 2012.08.28

      «مىھنەتسىز» ئەمەس «مىننەتسىز» غۇ دەيمەن!… ساقال تاراپ قويدۇم،ئەيىپكە بۇيرۇماڭلا!

  • ئىزتىل | 2012.08.23 جاۋاب

    مەن Windows Live Writer ئارقىلىق كود قىستۇرۇپ باقمىدىم ، بىراق يازما يوللايمەن ، ھەقىقەتەن پەيزى بولىدىكەن ، سىلەرمۇ سىناپ باقساڭلار بۇلىدۇ ، مەنمۇ دەل بەگ قالدۇرغان يازما ئارقىلىق ساۋادىمنى چىقارغان . :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.08.25

      سىزغۇ مېنىڭ تىرىشچان شاگىرتىم بولۇپ قالدىڭىز!

  • نىدا | 2012.08.23 جاۋاب

    مەنغۇ ھازىرچە بىرەر كود قىستۇرۇپ باقمىدىم، ئەمما قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە، مېنىڭچە، يەنىلا EditPlus ياخشىمىكى، كودنى يېزىۋالغاندىن كېيىن، چاپلىماقچى بولغان كود قىسمىنى تاللايمىز، ئاندىن دېتالنىڭ «تەھرىرلەش» تىزىملىكى (编辑,Edit) دىكى «چاپلاق تاختا» (剪贴板) تۈرىدىكى «HTML قىلىپ كۆچۈرۈش» (复制为HTML) تۈرىنى تاللىساقلا، تاللانغان كود قىسمىنى رەڭلىك قىلىپ HTML كودى شەكلىدە چاپلاق تاختىغا كۆچۈرۈپ بېرىدىكەن، ئۇنى يازمىدىكى كود قىستۇرماقچى بولغان جايغا چاپلىساقلا بولىدىكەن. :grin:

    • مەدىكار | 2012.08.24

      نىدا سىز دېگەندەك قىلسا كود ئالدى بەتتە ئىجرا بولۇپ كەتمەمدىكەن؟تەپسىلىيراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

    • سەھرايىم | 2012.08.25

      ماۋۇ مەدىكار ئاداشمۇ قىززىققكەن دەيمەن ، باشقىلار شۇنداق ياخشى دەپ بەرسە سىناپ باقماي ، كاچىلما ياڭاقتەك سۇراۋىرىدىكەن . ئاۋال بىر سىناپ باقىلى دەيمەن

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.08.25

      بومۇ بولىدىغان چارىمۇ نېمە؟

    • نىدا | 2012.08.25

      كود ئالدىنقى بەتتە ئىجرا بولمايدۇ، ئەگەر ئىجرا بولۇپ كېتىدىغان ئىش بولسا مەنمۇ تەۋسىيە قىلمىغان بولاتتىم. :shock:

  • huxhuy | 2012.08.24 جاۋاب

    چۈشىنىشلىك دەرس بوپتۇ.تەشەككۇر!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.08.25

      تۈزۈت قىلمىسىلا ئاغا…

  • ئۇيغۇربەگنىڭ مۇشۇنداق يەرلىرىنى دېمىسە…

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif