- سەھىپە:WP قىستۇرمىسى
- | باھا:20
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Custom Smilies, قىستۇرما
WordPressنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بايقىدىڭىزمىكىن،wp-includes/images/smilies كاتالوگىدا بىر قىسىم چىراي ئىپادە رەسىم ھۆججەتلىرى ساقلانغان،ئەمما،WordPressنىڭ ئۆزىدە بۇ چىراي ئىپادىلىرىنى قوزغىتىدىغان فۇنكىسىيە يوق.ئۇنى يېڭى كود قوشۇش ئارقىلىق ياكى قىستۇرمىلار ئارقىلىق قوزغىتىشقا توغرا كېلىدۇ. Custom Smilies -مۇشۇنداق قىستۇرمىلارنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇ ئارقىلىق يازما ياكى ئىنكاس يوللىغاندا چىراي ئىپادىلىرىنى قوشۇشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
Custom Smiliesنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 2.9.1 بولۇپ،Wordpress 2.5دىن تۆۋەن نۇسقىلىرىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.سىز تېخى خالىغان چىراي ئىپادىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز.
قىستۇرمىنى باشقا قىستۇرمىلارغا ئوخشاش قاچىلاپ ئاكتىپلاپ بولغاندىن كىيىن،باشقۇرۇش تىزىملىكىدە(ئادەتتە تەڭشەش تىزىملىكىدە) ‹‹Smilies››دەپ تاللاش قوشۇلىدۇ،بۇ يەردە بۇ قىستۇرمىنىڭ تەڭشىكى بار بولۇپ،ئۆزىڭىزنىڭ ھاجىتى بۇيىچە تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ(نورمال ئەھۋال ئاستىدا تەڭشەش ئېلىپ بارمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)
ئاندىن يازما يېزىش-تەھرىرلەش ئىستونىدا چىراي ئىپادىسى تاللىشى قۇشۇلغان بولىدۇ،لازىم بولسا شۇ يەردىن بىۋاستە ھالدا يازمىڭىزغا چىراي ئىپادىلىرىدىن تاللاپ قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدى،ئىنكاس رايونىدا چىراي ئىپادىسى قوشۇش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يۇقارقى كودنى مۇۋاپىق جايغا قۇيۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
مەن بۇ كودنى Comments.phpنىڭ بۆلىكىنىڭ ئاستىغا ئورناتتىم.ئۈنۈمىمۇ خېلى بوپ قالىدىكەن.
قىستۇرما ھەققىدە مۇشۇنچىلىك توختىلاي،چۈشەنمىگەن ياكى ياردەم لازىم بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.مۇشۇنىڭدەك قىستۇرمىلاردىن يەنە Smilies Themer Toolbar مۇنداق بىرىمۇ بار،ئەمما ئۇ قىستۇرمىنى ئىشلىتىپ باقمىدىم،قىزىققانلار چۈشۈرۈپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- يېقىندا كۆرۈپ تۈگەتكەن، ماڭا ناھايىتى ياققان ئېسىل كارتون فىلىم–باتۇرلۇق قىسسىسى (9)
- [ۋىروسخور]يېڭى كومپىيۇتېر ئالغانلارغا تەۋسىيە:تۆت ھەقسىز،كۈچلۈك ۋىروسخور (1)
- ئۇيغۇربەگنىڭ 500 دوللارلىق كىرىم قىلىش جەريانىدىكى خەتەرلىك سەزگۈرەشتىس (2)
- WordPressدە EOT تونۇتۇش (1) : تەييارلانغان EOT ھۆججىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش (6)
- WordPress ھەققىدە يىللىق خۇلاسە
- «Prestan Simple»دا ئۆزگىرىش كۆپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىدىغان بولدۇق! (8)
- يېڭى دەۋر ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئۈچۈن «ئۈچۈن سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس»، قوشۇلامسىلەر؟ (46)
- بېيجىڭدىكى سىتۇدېنتلار ئىشلىگەن يېڭى ئىجادىي مىكرو كىنو–BATTLE (13)
- 2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى (3)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە (5)
- قازاقىستان دەرۋىش ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇڭ ناخشىسى–ھەر ئاخشام (10)