[ۋىروسخور]يېڭى كومپىيۇتېر ئالغانلارغا تەۋسىيە:تۆت ھەقسىز،كۈچلۈك ۋىروسخور

6.jpg_100102185655_conew1

يېڭى يىل كەلدى،يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى،مۇئاش تارقاتتى،تەتىلدە ئىشلەپ پۇل تاپتى،ئەمدە يېڭى كومپىيۇتېر ئالىدىغانغا باھانە تېپىلدى.كومپىيۇتېرنىغۇ ئالدۇق،ئەمما ياخشىراق بولغان ۋىروسخور تاپمىساق بولمايدۇ-دە،يېڭى ئالغان نەرسىنى قوغداپ تۇرىدىغان.ئاۋۇ پۇللۇق ۋىروسخورلارنى ئالاي دىسەك يانچۇق قۇرۇق تۇرغان،قانداق قىلىمىز؟ مەندىن سورايسىزغۇ،ماۋۇ يازمىنى بىكارغا يازمىدىن مەن،كىرىپ ئوقۇمامسىز ؟

avast!

چىخfree-anti-virus-avastدىن كەلگەن بۇ ۋىروسخور نۆۋەتتە 20 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان بۇ پىشقەدەم ۋىروسخورنىڭ چەتئەلدىكى بازار ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەلمەكتە.AVASTنىڭ نازارەت قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ،تور ئوتتام بىخەتەرلىك رايونى،توربەت بىخەتەرلىك رايونى،ئالاقە قورالى بىخەتەرلىك رايونى،ئېلخەت بىخەتەرلىك رايونى،P2P يۇمتاللىرى بىخەتەرلىك رايونى قاتارلىق بولۇپ،توققۇز قاتلاملىق بىخەتەرلىك قوغداش رايونى بار بولغان مەزكۇر ۋىروسخور سېستىمىڭىزنى قەلئەنى قوغداۋاتقان جەڭچىلەردەك قوغداپ بىرىدۇ،شۇنداقلا لۈكچەك دىتال،ئەخلەت ئۇچۇرلارغا بولغان قارشىلىقىڭىزنى بىر قەدەم يۇقىرى كۆتۈرىدۇ،بۇ ۋىروسخورنىڭ نەشىرىنى يېڭىلىماق ھەم ئوڭاي.

Avast چىختىكى بىر يۇمتال شىركىتى(ALWIL Software)نىڭ مەھسۇلاتى.ALWIL شىركىتى چىخنىڭ ئاستانىسىگە جايلاشقان بولۇپ،دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك يۇمشاق دىتال ئورگانلىرى بىلەن ئاجايىب ياخشى ھەمكارلىقى بار.ئەينى چاغ،80 يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا،ALWIL  شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىك يۇمتاللىرى ئەينى چاغدىكى بازارنىڭ خېلىلا بىر قىسمىنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ،ئەمما چىخ چىگراسى ئىچىدىلا چەكلىنىپ قالغان.ALMIL شىركىتى-نۆۋەتتە بىخەتەرلىك يۇمتاللىرى ئىشلەپ چىقىرىش جەھەتتە ئاجايىب تەجرىبە ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ،نۇرغۇنلىغان مۇكاپات ۋە ماختاشلارغا سازاۋەر بولماقتا.

avast! ھەقسىز نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش مەنزىلى:

http://www.avast.com/zh-cn/free-antivirus-download

Avira AntiVir(قىزىل كۈنلۈك)

free-anti-virus-avira_antivir1     Avira AntiVir(قىزىل كۈنلۈك) بولسا گېرمانىيە Avira شىركىتىنىڭ پەخىرلىك ۋىروسخورى بولۇپ،2010-يىلى 5-يانۋاردا،جۇڭگو بازىرىغا ئۇشتۇمتۇت كىرىپ كەلگەن بۇ بۇ كاتتا ۋىروسخورنىڭ بازار تالىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەقسىز نەشىرى ئېلان قىلىندى.ئۇنىڭدىن بۇرۇن،بۇ كاساپەت ئىزچىل ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىپ كەلگەن.گەرچە،سىرىتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ئويلىغاندەك كۆركەم بولمىسىمۇ،ئەمما،كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى “ئەرزان مالنىڭ شورپىسى يوق،بىكار ۋىروسخورنىڭ گۇمپىسى(ئۇيغۇربەگ خەلق ماقاللىرى)”دىگەن بىمەنە قاراشنى ئۆزگەرتكەن بۇ ۋىروسخورنىڭ سېستىمىنى سىكاننىرلاش،ھەرۋاقىت قوغداش،ئۆزلۈكىدىن يېڭىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارلىرى ھەقلىق ئوخشاش تۈردىكى ۋىروسخورلاردىن قېلىشمايدىغان بولۇپ،بەزى جەھەتلەردە ھەتتا شۇلاردىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن،شۇنداقلا نۆۋەتتە 70 مىليوندىن ئارتۇق ئابونتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلمەكتە.

سەمىمىي ئەسكەرتىش:بۇ ۋىروسخور ئۆچۈرۈش تىز شەكلى(卸载快捷方式)نى بەرمەيدىغان بولۇپ،كونترول مەركىزىدىكى يۇمتال باشقۇرۇش قورالى ياكى 360يۇمتال غوجىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۆچۈرۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

Avira AntiVir(قىزىل كۈنلۈك) ھەقسىز نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش مەنزىلى:

 http://www.free-av.com/zh-cn/download/index.html

كېنىيۇ(可牛) ۋىروسخورى

free-anti-virus_keniuئالدىنقى مەزگىلدىكى << 360 & QQ جېڭى>>دە،توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ بازار تاپقان(بۇ گەپ خەنزۇچە بېكەتلەردىن نەقىل ئېلىندى)جۇڭگولۇق  كېنىيۇ ۋىروسخورى ئالتۇن تاغ(金山)ۋىروسخورى بىلەن ھەمكارلاشقان،كۆرۈنۈشى سىپتا،ئىقتىدارلىرى كۆپ بولغان ۋىروسخور بولۇپ،بۇ ۋىروسخورغا كاباسكىي(卡巴斯基)ۋىروسخورىنىڭ ماتورى(KAV8.0)بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك بۇلۇت ماتورى ئوكيان ۋىروس ئامبىرى سەپلەنگەن بولۇپ،ۋىروس تازىلاش،ھەرۋاقىت قوغداش،يۇچۇق ئىتىش،مەخسۇس تازىلاش قاتارلىق تۆت چوڭ ئىقتىدارغا بۆلۈنگەن.نۆۋەتتە،بۇ ۋىروسخورنى بىۋاستە ئۆچۈرۈش تاللىشى بار بولۇپ،قاچىلاش ۋە ئۆچۈرۈش ناھايىتى قولايلىق.

كېنىيۇ(可牛) ۋىروسخورى ھەقسىز چۈشۈرۈش مەنزىلى:

 http://sd.keniu.com/index.html

360 ۋىروسخورى

free-anti-virus-360_antivir1360 ۋىروسخورى جۇڭگودىكى بىرقەدەر داڭلىق بولغان ھەقسىز ۋىروسخور بولۇپ،دۇنيادىكى ئىلغار بولغان سىكاننىرلاش ماتورىنى ئۈزىگە مۇجەسسەملىگەن،شۇنداقلا 360 بىخەتەرلىك مەركىزىدىكىلەر ياساو چىققان بۇلۇت ئۆلتۈرۈش ماتورى بىلەن 360 ۋىروسخورى ۋىروس يوقۇتۇش جەھەتتە تېخىمۇ يۈكسەلگەن،بولۇپمۇ نامەلۇم لۈكچەك يۇمتاللارغا بولغان قارشىلىق كۈچى زور دەرىجىدە ئاشقان.قوش ماتورلۇق بۇ ۋىروسخور يالغۇز ۋىروس يوقۇتۇش جەھەتتىلا ئەمەس،يەنە يېڭى ۋىروس،ياغاچ ئاتلارغا بولغان ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىمۇ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بۇ يۇمتال پۈتۈنلەي ھەقسىز،سېستىمىنىڭ سۈرئىتىگە تەسىرى يوق.

يېڭى نەشىردىكى 360 ۋىروسخورى-360 ياغاچ ئات ئوتتام ۋە 360 بىخەتەرلىك قالقىنىنى ئۈزىگە سىڭدۈرۈۋالغان بولۇپ،ھەرخىل لۈكچەك پىروگرامما،ياغاچ ئات ئېسىلغان بېكەتلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن،شۇنداقلا يۇقۇملانغان،يۈكلەنگەن ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىش جەھەتتە ئىلگىرىلەش بولغان.

360 ۋىروسخورى ھەقسىز چۈشۈرۈش مەنزىلى:

http://sd.360.cn/?src=360home

مەزكۇر يازمىنى تەييارلاۋاتقان مەزگىلىمدە،ئۈنۈمىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن 360 ۋىروسخورىنى بىر ھەپتە توختىتىپ قۇيۇپ،باشقا ئۈچ ۋىروسخورنى ئىشلىتىپ سىناپ كۆردۈم،ئۈنۈمى خېلى يامان ئەمەس.تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ سىناپ كۆرۈشىنى ھەمدە بۇ ھەقتە پىكىر-ئويلىرىنى ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



无觅相关文章插件,快速提升流量


1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • بۆرە | 2012.03.8 جاۋاب

    دىۋان ماڭا قالغان ئوخشىمامدۇ. ;-)

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif