- سەھىپە:يۇمتال بازىرى
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 633 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، format factory, Software, Windows, ئۇيغۇر
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا،توردىن چۈشۈرگەن ياكى باشقا مەنبەلەردىن سۆكۈپ ئەپكەلگەن سىن،فىلىم،ئۈن ھۆججەتلىرىنىڭ فورماتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەپ قالىدۇ،گەرچە توردا بۇ خىلدىكى ئايلاندۇرغۇچ ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ،ئەمما،بەزى ئايلاندۇرغۇچلارنىڭ ئۈنۈمى سەل ناچار بولغاچقا،ياخشى بولغان بىر ئايلاندۇرغۇچ تېپىش ناھايىتى زۆرۈر بوپ قالىدۇ.بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان Format Factory جەزمەن سىزنىڭ ھۆددىڭىزدىن چىققۇسى!
Format Factory ھەققىدە
Format Factory-نۆۋەتتە بىرقەدەر مودا بولىۋاتقان ئايلاندۇرغۇچ بولۇپ،ئىشلىتىش ئوڭاي،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغاچ،تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.Format Factory نىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇ يەردىكى،بۇ كاساپەت نۆۋەتتىكى ئاساسلىق مېدىيا ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك قوللايدۇ،ئەڭ مۇھىمى تېخى بۇزۇلغان فىلىم ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئوڭشىيالايدۇ.
يانفون ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن،بۇ يۇمتال تېخىمۇ ياخشى تاللاش.چۈنكى،بۇ كاساپەت ئارقىلىق،ھۆججەتلىرىمىزنى iPhone/iPod/PSP قاتارلىقلارنىڭ خاس مېدىيا ھۆججەتلىرىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا،رەسىمگە تامغا بېسىش،چۈرگىلىتىش،DVD سىنىنى سۈمۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىمۇ بار.
تەكىتلەشكە ئەرزىيدىنى شۇكى،مەزكۇر يۇمتال ئاللىقاچان بىزنىڭ نامسىز قەھرىمانلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ بولغان بولۇپ،تەڭشەكلەر قاتارىدىكى تىل بۆلىكىدىن ئۇيغۇر دىگەن خەتنى بېسىش ئارقىلىق،يۇمتالنى ئانا تىلىمىزدا ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ .
Format Factory ئالماشتۇرالايدىغان سىن فورماتلىرى: MP4/3GP/MPG/AVI/WMV/FLV/SWF
Format Factory ئالماشتۇرالايدىغان ئۈن فورماتلىرى:MP3/WMA/AMR/OGG/AAC/WAV
Format Factory ئالماشتۇرالايدىغان سۆرەت فورماتلىرى:JPG/BMP/PNG/TIF/ICO/GIF/TGA
مەيلى،ھازىرچە بۇ يۇمتالغا ئىھتىياجلىق بولماي قويۇڭ،ئەمما،بۇ يۇمتال سىزنىڭ ساقلاپ قويىشىڭىزغا ئەرزىيدىغان نوچى يۇمتال،ماڭا ئىشىنىڭ!
Format Factory يۇمتالىنى چۈشۈرۈش
Format Factory ئورگان بېتى:http://www.formatoz.com
Format Factory نەشىرى:2.60 يېشىل نۇسخىسى
ھۆججەت نامى:Format Factory | ھۆججەت سىغىمى: 28.20MB |
MDB تەستىقى:نامەلۇم | ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن! |
يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ | [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ] |
◎تۇرايىمىزدىكى يۇمتاللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان،سودا خاراكتىرىدە پايدىلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ◎نەشىر ھوقۇقۇمغا دەغلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،شۇ ھامان ئىنكاس قىلىڭ،24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىمىز.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [بلوگگېرلار چايخانىسى]ئۇيغۇربەگدىن ھەر قايسى بلوگگېرلارغا ساۋاق ۋە نەسىھەت (2) (24)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- [WordPress تېخنىكىسى] مۇناسىۋەتلىك يازما ئۈنۈمىنى قىستۇرمىسىز ھاسىل قىلىش (1)
- ۋوردپرەسكە زىيارەت قىلىۋاتقانلار سانىنى چىقىرىشنىڭ تەدبىرى (14)
- مېھرىبان ئانىلار ، بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن !!! (2)
- «سۇمبۇل چاچ مەلىكە»نى كۆرگەنمۇ؟ قۇلىقىدىن تۇتۇپ سۆيگەنمۇ؟…. (36)
- تېپىۋالغان پۇل،شەيتان ۋە ئادەم (ئەبجەش يازما)