دۇنيادىكى ئەڭ مېھىرلىك ، ئەڭ سېھىرلىك ، ئەڭ سۆيۈملۈك ، ئەڭ كۆيۈملۈك ، ئەڭ گۈزەل ئىنسان – ئۇ ئانا !
ئۇ بىزنى توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتىرىپ ئاچچىق تولغاقلارنى يەپ قۇدرەتلىك اللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن بۇ يۇرۇق دۇنياغا ئاپېرىدە قىلدى .
تاكى بىز تۇغۇلۇپ ئىڭە دىگەن ۋاقتىڭىزدىن باشلاپ – ئۆي ئوچاغلىق بولۇپ ، بالا – چاقىلىق بولۇپ يەنە بىر ئۆينى تۇتىۋاتقان ئوغۇل – قىز بولۇپ بولساقمۇ ، يەنىلا بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ ، بىزنىڭ ھەلەكچىلىكىمىز بىلەن ئالدىراش ھالدا بۇ يۇرۇق دۇنيادىن خوشلىشىدۇ …
…
كىچە – كېچىلەردە ، پۈتكۈل كائىنات شىرىن ئۇيقۇدا .
ئەمما ئەنە شۇ مېھرىبان ئانا – بوۋاق ۋاقىتلىرىمىزدا بولسا سىيىۋەتكەن لاتىلارنى ئالماشتۇرۇش بىلەن ئويغاق …
قارغىشلىق قىلىپ ئىڭەلەپ يېغلاۋاتقاندا بولسا – تاتلىق ئۇيقۇسىدىن كىچىپ – بىزنى ئەللەيلەش بىلەن ئويغاق …
ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىمىز بولسا – ئەتە مەكتەپكە كۆتىرىپ بارىدىغان بوغچىللىرىمىزنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن جايرىلىرنى ياماش بىلەن ئويغاق …
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋاقتىمىزدا – بىزنىڭ مەكتەپتىكى خىراجەتلىرىمىزنى قامداش ئۈچۈن ، ئەتە قايسى ئىشنى قىلسا كۆپرەك پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئويغاق …
ياش ۋاقىتلىرىمىزدا بولسا ، سىز – بىز شىرىن ئۇيقۇدا تاتلىق ، شىرىن چۈشلەرنى كۆرۈپ ئۇخلاۋاتقاندا بولسا ، ئەشۇ مېھرىبان ئانىمىز ، سىز – بىزنىڭ بەختىمىزنى ، سالامەتلىكىمىزنى اللاھتىن تىلەپ جەيناماز ئۈستىدە ئويغاق …
سىز ، مەن ئەتە كېيىدىغان كىيىملەرنى دەزماللاپ – قىرلاش بىلەن ئويغاق …
توي قىلىپ ، بىر ئائىلىگە باش بولۇپ بولغان ۋاقتىمىزدىمۇ – يەنە ئەشۇ ئانا كېچە – كېچىلەپ بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ ئۇيقۇسىز – ئويغاق …
…
ئەمما بىزچۇ ؟
قېنى قايسىمىز ، قانچىمىز ئانىللىرىمىزنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان مۇشۇ قۇتلۇق بايرام كۈنىدە ئەشۇ مېھرىبان ئانىمىزنىڭ كۈندىن – كۈنگە مۈكچەيگەن قەددىگە دىققەت قىلىپ باقتۇق ؟
قايسىمىز ، قانچىمىز ئاشۇ مۈكچەيگەن ، كۈچىدىن قالغان پۇت – قوللارنى ئۇۋىلاپ قويالىدۇق ؟ ئەشۇ قاداق باسقان قوللارنى يۈزىمىزگە سۈرۈپ ، < ئانا ، ئارام ئېلىۋالغىن ، بۇ ئىشلارنى مەن قىلىۋېتەي … > دەپ باقتۇق ؟
قايسىمىز ، قانچىمىز ئەشۇ سۆيۈملۈك ئانىمىزنىڭ كۈندىن – كۈنگە نۇرىدىن قېلىۋاتقان كۆزلىرىگە قاراپ باقتۇق ؟ قايسىمىز ھىس قىلىپ باقتۇق ؟
ئەتىگەنلىرى سىز – بىز ئۇخلاپ ئەمدى ئويغانغاندا بولسا ئەتىگەنلىك ناشتىمىزنى كىم تەييار قىلىپ بىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ ؟
ھويلا – ئاراملارنى كىم شۇنداق رەتلىك ، پاكىزە تازىلاپ تۇرىدۇ ؟
ئاشۇ ۋاقىتلاردا قېنى قايسىمىز ، قانچىمىز ئانىمىزنىڭ قولىدىن سۈپۈرگىنى ، چۆگۈننى ئېلىپ ئانىمىزنى ئارام ئېلىشقا دەۋەت قىلىپ باقتۇق ؟
ئەلۋەتتە ، بۇنداق كىچىككىنە مىساللار تۇرمۇشىمىزغا قارايدىغان بولساق ناھايىتىمۇ كۆپ .
مانا ، ئانىمىزنىڭ بايرىمى كېلىپ قالدى .
جاپاكەش ئانىمىزنىڭ قولىدىن سۈپۈرگىنى ، چەينەكنى ، كەتمەن – ئورغاقنى قولىمىزغا ئالايلى .
ئۇلارنىڭمۇ بايرام ئويناش ، بايرامدا دەم ئېلىش ھوقۇقى بار !!!
بايرامدىلا ئەمەس ، ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئۆزىمىز قىلالايدىغان ، قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى ئۆزىمىز قىلايلى . بىچارە جاپاكەش ئانىللىرىمىز بىزنى تۇغۇپ چوڭ قىلغاننىڭ بەدىلىگە بىزنى بىر ئۆمۈر < بېقىپ > ئۈتۈپ كەتمىسۇن …

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPress بلوگىغا Favicon رەسىم قوشۇش تەدبىرى (12)
- بەيدۇ شىركىتىنىڭ 12-چىسلادىكى ۋەقە بولغان باياناتى (5)
- wordpress تە باشبەت يازمىلارنىڭ بەت نومۇرىنى كۆرسىتىش (10)
- [تەۋسىيە ئەسەر]ھەرقانداق تىلنى تېز ئېگەللەش
- ئەي بلوگداش، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، سىز زادى كىم ئۈچۈن بلوگ يېڭىلاۋاتىسىز؟… (25)
- [تەۋسىيە يۇمتال]ئىكران سىن ئېلىش دېتالى Camtasia Studio ھەققىدە (4)
- [بلوگ بېزەكچىلىكى] دۆلەت تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدىغان سانىغۇچ