- سەھىپە:بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
- | باھا:25
- | زىيارەت: 1,308 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، بلوگ
مەكتەپكە قايتىپ كېلىشدىن بۇرۇن، يەنى تەتىل مەزگىلىمدە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرىدىن بىر قانچەيلەن ئېلخەت،QQ ئارقىلىق ياكى تۇرايىمىزغا خەت قالدۇرۇش ئارقىلىق بەگلىكنىڭ يېڭىلىنىشىغا تەقەززا بولىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتىشقان ئىدى. ئۆزۈممۇ، نېمىشقىكىن، مۇشۇ خىلدىكى تەلەپ-پىكىرلەرنى كۆرگەن ھامانلا، بلوگنى يېڭىلاشقا ئالدىراشقا باشلايتىم. ئويلاپ باقسام، مەن بلوگنى ئاشۇ سادىق ئوقۇرمەنلىرىم ئۈچۈن يېڭىلاپ كېلىۋېتىپتىمەن. ئاشۇ ئوقۇرمەنلىرىم نېمىنى خالىسا شۇنى يوللاپ، نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى يېزىپ كەپتىمەن. گەرچە، پىكىر ئەركىنلىكىم بىر ئاز بوغۇلغاندەك قىلسىمۇ، مەن قەتئىي ۋايسىماي شۇنى يېزىپ كەپتىمەن…
بلوگنى دەسلەپ باشلىغان چاغدا، ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ھاياتىنى ھەمدە قىزىقىشىمنى يازىمەن دەپ ئويلىغان ھەمدە بىر مەزگىل شۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىپ كەلگەن ئىدىم. كىيىن بلوگگېرلىق ھاياتىمغا رەسىمىي قەدەم قويغاندىن كىيىن، پرېستان بىلەن بىرلىشىپ، ئەينى چاغدىكى غايىمىز ئۈچۈن، يەنى ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن، دەسلەپكى پىلان بويىچە، بلوگگېرلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى پلانلاپ، مەخسۇس بلوگگېرلارنى كۆزدە تۇتقان يازمىلارنى يېزىپ كەلدۇق. تۇرايىمىزغا شۇنداق كۆپ سەھىپىلەرنى قوشقان، ئوخشىمىغان مەزمۇندىكى يازمىلارنى يازغان بولساقمۇ، نېمىشقىكىن يەنىلا تېخنىكىلىق مەزمۇنلار كەڭ زىيارەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا، قوللىشىغا، ئىشتىراك قىلىشغا ئېرىشتى. شۇڭلاشقا، تەجرىبىمىزنىڭ يوقلۇقى، ۋاقتىمىزنىڭ قىسلىقى، ئەڭ مۇھىمى ماتىرىيال مەنبەسىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي ھەتتا دەرسلىك ئىشلەيمىز دەپ داۋراڭ سېلىپمۇ يۈردۇق. ئىشقىلىپ، بلوگنىڭ يېڭىلىنىشىغا ھەممىدىن بەك ئىلھام بولىدىغىنى، زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ يازغان ئىنكاسى بولاتتى، ئۇلار نېمىنى خالىسا شۇنى تېپىپ تۇرۇپ يازىدىغان بولدۇق…
تەتىل مەزگىللىرى، بلوگ ھەپتە-ھەپتىلەپ يېڭىلانمىغان ئاشۇ مەزگىللەردىمۇ يېڭى يازما ئىزدەپ كەلگەن ئاشۇ زىيارەتچىلىرىمىز ئۈچۈن؛ مېنى بلوگ يېڭىلاشقا دەۋەت قىلىۋاتقان بلوگگېرلار ئۈچۈن، يېڭى مەۋسۈم باشلانغاندا، نېمىشقىكىن دەرسلىرىمنىڭ كۆپلۈكىنى، بلوگ يىزىشدىن زىرىككەنلىرىمنى باھانە قىلاي دىسەممۇ، ئاخىرى بەگلىكنى يېڭىلاشقا بەل باغلاپ يەنە بىر يازمىغا تۇتۇش قىلدىم. ئويلاپ باقسام، تۇرايىمىزنى ئاشۇ ياردەمگە مۇھتاج بلوگگېرلىرىمىز ئۈچۈن، بلوگ تېخنىكىسىغا مۇھتاج ھەۋەسكارلار ئۈچۈن، تەجرىبىگە مۇھتاج يېڭىياچىلار ئۈچۈن، قىسقىسى بلوگ ساھەسىگە قەدەم قويغان تورداشلار ئۈچۈن يېزىپ كەپتىمەن.
مەزكۇر يازمىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بلوگگېر دوستلىرىم ئويلاپ باقتىڭىزلارمىكىن، سىز كىم ئۈچۈن بلوگ يېڭىلاۋاتىسىزكىن؟…
مەزكۇر يازما ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدىن ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ يۆتكەپ كېلىندى…

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [تەسىرات](Günesi gördüm)دىن تۇغۇلغان ئويلار (9)
- 50 تال html5 دىكى ئىسىل بەتلەر (7)
- (كۆچۈرۈلمە)WordPress 3.1 بىزگە نېمە ئېلىپ كىلىدۇ؟ (2)
- [Blogbus ئۇسلۇبى] Prestan1.0 ھەقسىز تارقىتىلدى (85)
- ئۇسلۇب قاتىللىق دېلوسى پاش قىلىندى : باش گۇماندار Prestan Uzhal ئاشكارا تارقىتىلدى! (22)
- بىرنەچچە يۈرۈش WordPress چىراي ئىپادىلىرىنى توننىلاپ يوللىۋەتتۇققۇ! (13)
- WordPress نىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشدىن ئېرىشكەن تەجرىبەم (8)
- [ئالاھىدە تەۋسىيە] WordPressنىڭ مۇقىم ئۇلانما ئىقتىدارى ۋە كۆرسەتمە كودلار (17)
- WordPress نىڭ كىرىش پارولىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ (7)
- ئۆي كۆچكەندىن كېيىن wordpress بلوگىنىڭ تور نامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەدبىرى (4)
- WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى ستاتىستىكىلاش (6)
- Sinaapp گە wordpress3.3.1 نى قاچىلاش ئۇسۇلى (18)