Google I/O 2012 قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى كۈنى(يەنى بۈگۈن، بۇ نېمە قۇرۇلتايكىن، مەنمۇ بىلمىدىم) Google شىركىتى رەسىمىي ھالدا Google Chromeنىڭ IOS نەشىرى ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. گەرچە كەمىنە ئۇيغۇربەگ بۇ جاكارنامىگە بىۋاستە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، پاسىبان كۇلۇبى ئارقىلىق بۇ ئەپلىك تور كۆرگۈچنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، شۇ ھامان ئىزدەپ باقتىم، ھەقىقەتەن App Storeدا Google Chromeنىڭ قارىسىنى ئۇچراتتىم.
iOS Chrome ھەققىدە
iOS Chrome بىلەن Android نەشىرىنىڭ كۆرۈنۈش جەھەتتە ھېچقانداق پەرق يوق بولۇپ، كۆرۈنۈش ۋە تىزلىك تۇيغۇسى جەھەتتە، يەنى Omnibox تىز ئىزدەش رامكىسى، مەخپىيەتلىكنى قوغداش قۇرۇلمىسى، شۇنداقلا Google ھېساباتى بىلەن ئۇچۇرلارنى ماس قەدەملەش ئىقتىدارى جەھەتتە Android نەشىرى بىلەن ئوخشاشكەن، ئەلۋەتتە، IOS نەشىرىدە نۇرغۇن قولايلىق ۋە يېڭىلىقلار بولۇشى مۇمكىن، كەمىنە ئۆزۈمنىڭ Google ھېساباتى بىلەن ئۇچۇرلارنى ماس قەدەملەش ئىقتىدارىنى سىناپ باققاندىن كېيىن، بۇ جاھاننامىگە ناھايىتى ئامراق بولۇپ قالدىم. خۇددىي كومپىيۇتېردىكى كېرەمجاننى ئىشلەتكەندەكلا…
iOS Chrome ھەر تۈرلۈك ئالما ئۈسكۈنىلىرىدە، يەنى iPhone،iPod touch،iPad قاتارلىقلارنى قوللايدىغان بولۇپ، سېستىما نەشىرى iOS 4.3دىن يۇقۇرى بولىشى كېرەك ئىكەن، كېرەمجاننى قوللايدىغانلار، شۇنداقلا ئالمىنىڭ Safari تور كۆرگۈچىنى ياقتۇرمايدىغان بلوگگېرلار ئۈچۈن يەنە بىر تور كۆرگۈچ تۈرىدىكى ئەپدىن بىرى كۆپەيدى!
iPadدىكى كۆرۈنۈشى:
مەزكۇر ئەپنىڭ App Storeدىكى ئادرېسى تۆۋەندە:
http://itunes.apple.com/us/app/chrome/id535886823?ls=1&mt=8#
نۆۋەتتە مەزكۇر ئەپ App Storeدىكى ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن ئەپ بولۇش ئۈچۈن قانلىق كۈرەش قىلماقتا ئىكەن!
ئاخىرقى سۆز
ھەر قايسى بلوگگېر دوستلارنىڭ ئەڭ تىز، ئەڭ قولاي، ئەڭ ئىلغار بولغان ئابدۇكېرەم تور كۆرگۈچىنى، يەنى دۇنياغا داڭلىق google chromeنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈشۈرۈش مەنزىلى:
http://www.google.cn/chrome/intl/zh-CN/landing_chrome.html
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [ۋىروسخور]يېڭى كومپىيۇتېر ئالغانلارغا تەۋسىيە:تۆت ھەقسىز،كۈچلۈك ۋىروسخور (1)
- WordPress 3.4.1 نەشىرىگە يېڭىلاپ ئارقا بەتكە كېرەلمەسلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە ھەل قىلىش (10)
- [ كۆچۈرۈلمە ] ئاVنىڭ غەيرىي رەسىمىي تەرجىمھالى (9)
- [Windows7 ئۇسلۇبى] ‹‹نانىيا رىۋايىتى3›› چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى (2)
- ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ئەپسۇسلۇق ۋە ئەلەم ئىچىدە ئەسلىگە كەلدى! (51)
- Sinaapp گە wordpress3.3.1 نى قاچىلاش ئۇسۇلى (18)
- [ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك دەرسلىكى] ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مۇھىتى ھازىرلاش (4)
- WordPress ئويناۋاتقانلارغا بىر قانچە تەۋسىيە بېكەت، چوقۇم سىز دائىم كىرىپ تۇرىدىغانلىرى بار… (8)
- بۇ قېتىم مەنمۇ قاراپ ئولتامىدىم، ئىجادىي بولمىسىمۇ ئۆزلەشتۈرمە ئۇسلۇب تارقىتىمەن، نامى: D4 (94)
- Windows بوشلۇقىدا ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى (15)
- [مەخپىي رېتسىپ] jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساشنىڭ تەدبىرى، ئۆگەنمىگەنلەر ئارماندا!… (22)
- WordPressدىكى خەتكۈچ ۋىجىتىدە خەتكۈچدىكى يازما سانىنى كۆرسىتىشنىڭ تەدبىرى (13)