مۇلازىمەتلىرىمىز
  • باھا:7
  • | زىيارەت: 6,554 قېتىم ئوقۇلدى

تۇرايىمىز قۇرۇلغاندىن تارتىپ،بىز ئۆزىمىزنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن ماتىرىياللارنى كۆرۈپ،كەڭ تورداشلارغا قانچىلىك بىلسەك،شۇنچىنى ئۆگىتىپ،بىلمىگەننى سوراپ،ئىزدەپ يۈرۈپ ئۆگۈنۈپ،كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە شۇنداقلا كەڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلەشلەرنىڭ نەتىجىسىدە،بۈگۈنكى ھالەتكە كېلىپ،Wordpress,Blogbus,Pjblog قاتارلىق ئاساسلىق بلوگ سۇپىلىرى، شۇنداقلا نورمال ھالەتتىكى تور بىلىملىرىدىن يامان ئەمەس ئىلىم ئالدۇق.بىلگەنلىرىمىزنى ئەلدىن ئايىماي،يازما ۋە ئىنكاس ھالىتىدە ياكى نەق مەيدان دەرسلىكى ھالىتىدە تورداشلارغا ئۆگۈتۈپ كەلدۇق.كۆپ قىسىم بلوگ ھەۋەسكارلىرى ۋە بلوگگېرلارنىڭ ئۇچرىغان مەسىلىلىرىگە كۈچىمىزنىڭ بارىچە ياردەم بېرىپ،تەكلىپ-پىكىر لازىملارغا تەكلىپ-پىكىر،تېخنىكىلىق ياردەم لازىملارغا تېخنىكىلىق ياردەم بېرىپ كەلدۇق.ئەمما،نۆۋەتتىكى كۈنسىرى زورىيىۋاتقان بلوگگېر قوشۇنىدا،تېخنىكىلىق ساۋاتلاردىن خەۋەرسىز ئەمما،بلوگ يېزىش ئارزۇسى ئوتتەك كۈچلۈك كىشىلىرىمىز ھېلىھەم خېلى سالماقنى ئىگىلىمەكتە،شۇڭا،تېخىمۇ كۆپ بلوگگېرلارغا نەپ بىرىش يۈزىسىدىن بىر قىسىم مۇلازىمەتلىرىمىزنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلدۇق.

بلوگ قۇرۇش يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرى

بۇ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت مەخسۇس يېڭى بلوگگېرلار ئۈچۈن يولغا قۇيۇلغان بولۇپ، بلوگ يېزىش قىزغىنلىقى ۋە ئارزۇسى بار، ئەمما تور تېخنىكىسى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ئاز تورداشلار ئۈچۈن بىز ئىشەنچلىك ئورۇندىن بوشلۇق ۋە تورنامى ئېلىش، قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلاردىن تارتىپ ھەممىنى قاچىلاپ، eot تونۇتۇش مەشخۇلاتىنى تاماملاپ، شۇ ھامان بلوگ يازغۇدەك قىلىپ تەڭشەپ بېرىمىز. ھەق ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك:

T2LRihXdlbXXXXXXXX_!!676637789

ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش ۋە تارقىتىش

تۇرايىمىز قۇرۇلغاندىن تارتىپ WordPress,Blogbus,Pjblog قاتارلىق ئاساسلىق بلوگ سۇپىلىرىدىكى چىرايلىق،كۆركەم ئۇسلۇبلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ،كەڭ تورداشلارغا سۇنۇپ كەلدى،يېقىندىن بىرى تەتقىقات يۆنىلىشىنى WordPressكە قارىتىپ،بۇ ساھەدىكى مۇھىم بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ،كۆركەم ئۇسلۇبلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ كېلىۋاتىمىز.بۇ جەرياندا خېلى كۆپ تەجرىبىلەرگە ئېرىشتۇق،بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېلىھەم مۇشۇ يولىمىزنى توختىتىپ قالماي تېخىمۇ كۆپ ۋە كۆركەم ئۇسلۇبلارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنغۇسىمىز.

ئەلۋەتتە،ناۋادا تور دۇنياسىدا سىز ياقتۇرۇپ قالغان ئۇسلۇبلار بولسا،سىزگە مۇۋاپىق باھادا سۈپەتلىك قىلىپ،يۇقىرى سەۋىيىدە سىزگە يارىغۇدەك قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ بېرىمىز.ئەلۋەتتە،باھامۇ شۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارى ۋە قۇرۇلمىسىغا قاراپ بېكىتىلىدىغان بولۇپ،ئەمگىكىمىزگە يارىشا ھەق ئالىمىز.

ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرمەكچى بولغانلار سەمىگە:

1.ناۋادا قولىڭىزدا تەييار ئۇسلۇب بار بولسا،بىزگە شۇ ئۆزلەشتۈرۈلمەكچى بولغان ئۇسلۇبنىڭ ئەسلىي چۈشۈرۈش ئادرىسى ۋە ئالاقىدار چۈشەندۈرۈلۈشىنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك.

2.ناۋادا سىزدە تەييار مال بولمىسا،ئۇسلۇبغا بولغان تەلەپلەرنى تەپسىلىي قىلىپ بىزگە ئېيتىپ بەرسىڭىز،سىزگە شۇخىل ئۇسلۇبنى تېپىشىپ بېرىمىز.

3.ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن بۇرۇن،بىز ئۇسلۇبنى ئاۋۋال سىناپ كۆرۈپ،چاتىقىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ،ئۇسلۇبدا مەسىلە يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن،ئاندىن باھانى دېيىشىمىز.

4.ئۇسلۇب بېكىتىلىپ،باھانى پۈتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئالدىن 50% ھەقنى تاپشۇرۇپ ئالىمىز.ئۇسلۇب پۈتكەندىن كېيىن،سىزگە يارىغاندىن كېيىن،قالغان ھەقنى ئالىمىز.

5.ئۇسلۇب پۈتۈپ،ئوڭۇشلۇق پۈتكەندىن كېيىن،بلوگىڭىزغا يوللاپ سىناپ بېرىمىز،بىزدە شۇ سىناق مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان چاغدىكى ئۇسلۇب ھۆججىتىدىن بىر نۇسخا قالىدۇ.كېيىن،سېستىمىنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاش،قىستۇرما قاچىلاش ياكى ئۆزىڭىز سەۋەبلىك ئۇسلۇبدا مەسىلە كۆرۈلسە،بىز پەقەت سىزگە بىزدىكى زاپاس ئۇسلۇبنى ئەۋەتىپ بېرىمىز،باشقا مەسىلىلەرگە ئۆزىڭىز ئىگە بولىسىز.

نەتىجىلىرىمىز

تۆۋەندىكىلىرى بىز قۇرغان ياكى مۇلازىمەت قىلغان بلوگ-بېكەتلەردىن ئۈزۈندىلەر:
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى (ئۆز بلوگىمىز)
پرېستان بلوگى(ئۆز بلوگىمىز)
بلوگىمىز فىلىمخانىسى (ئۆز بلوگىمىز)
بلوگىمىز بلوگ ئۇلىنىش قانىلى (ئۆز بلوگىمىز)
ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى(ئۆز بلوگىمىز)
WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى (ئۆز بېكىتىمىز)
سازبلوگ بلوگ مۇلازىمىتى كەسپىي بلوگى (ئۆز بېكىتىمىز)
شاھ ئۇيغۇر بلوگى (ئۇسلۇبىنى تەمىنلىگەن)
ئەسىر شىركىتى شىركەت تور بېكىتى(ئۇسلۇبىنى تەمىنلىگەن)
ئابدۇرېشىت ئېلى بلوگى (مۇلازىمەت+ئۇسلۇب)
م.مەڭسۇر ئوۋچى بلوگى(مۇلازىمەت+ئۇسلۇب)
دوقمۇش بلوگى(ئۇسلۇبىنى تەمىنلىگەن)
ئۇيغۇر ئۇلىنىش بېكىتى بلوگى(ئۇسلۇبىنى تەمىنلىگەن)
چۈشتاق بلوگى(ئۇسلۇبىنى تەمىنلىگەن)
تەرمىلەر بلوگى(ئۇسلۇبىنى تەمىنلىگەن)
ئۇيغۇر Adsense بلوگى(ئۇسلۇبىنى تەمىنلىگەن)
پاساھەت بلوگى(مۇلازىمەت+ئۇسلۇب)
ئۆزباش بلوگى(مۇلازىمەت+ئۇسلۇب)
مۇئەللىم بلوگى (مۇلازىمەت+ئۇسلۇب)
ئۆز ئۇيغۇر بلوگى(مۇلازىمەت+ئۇسلۇب)
قۇتتېكىن بلوگى(ئۇسلۇبىنى تەمىنلىگەن)
ئۇنىڭدىن باشقا تىزىملىكىنى چىقىرىپ ئۈلگۈرمىگەن ھەمدە خالىسانە ياردەم قىلغان بلوگ-بېكەتلەر ھەم نۇرغۇن…

ئىقتىدار قوشۇش

WordPressدە قۇرۇلغان بلوگلار ئۈچۈن،بەت ئۆرۈش ئىقتىدارى،ئوقۇلۇش سانىنى چىقىرىش ئىقتىدارى،باش سۆرەتلىك ئىنكاس،ئىنكاسچىلار تېمى قاتارلىق تۇرايىمىزدا ئېلان قىلىنغان كۆپ قىسىم بلوگ ئىقتىدارلىرىنى، شۇنداقلا بىر قىسىم تۇرايىمىزدا ئېلان قىلىنمىغان،ئەمما باشقا توربېكەتلەردە ئېلان قىلىنىپ،تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشى بار ھەمدە قىستۇرما ياكى كود ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىقتىدارلارنى قوشۇپ بېرىمىز.ئەمما،بىر قىسىم قول سېلىپ ئىشلىنىدىغان ھەمدە تۇرايىمىزدا مەخپىي رېتسىپ سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىشنى ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم تېخنىكىلىق ئىقتىدارلارنى قوشۇپ بېرىمىز.

قىستۇرما ئۆزلەشتۈرۈش ۋە تارقىتىش

WordPress سۇپىلىرىدىكى زۆرۈر قىستۇرمىلارنى تونۇشتۇرۇش،ئۆزلەشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان تۇرايىمىز داۋاملىق ئېسىل قىستۇرمىلارنى تونۇشتۇرۇپ،زۆرۈر تېپىلسا تەشكىللىك ھالدا قىستۇرمىلارنى ئۆزلەشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

مەسلىھەت بېرىش

WordPress,Pjblog,Blogbus قاتارلىق ئاساسلىق بىر قىسىم بلوگ سۇپىلىرىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر،ئۇيغۇر توربېكەت ۋە بلوگ قۇرۇشتا لازىملىق ئاساسلىق تېخنىكىلىق بىلىملەر ھەققىدە ئەتراپلىق مەسلىھەت بېرىمىز.بوشلۇق ۋە تورنامى،بلوگ ئۇسلۇبلىرى ۋە زۆرۈر قىستۇرمىلىرىنى قاچىلاش،ئىشلىتىش داۋامىدا ئۇچرىغان قېيىنچىلىقلار بولسا،نورمال ئەھۋالدا زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىمىز.

ئىشەنچلىك، ئەركەك WordPress بوشلۇقى ئالماقچى بولسىڭىز بىزنى ئىزدەڭ!

كۆڭلىگىزگە ياققان ئۇسلۇبنى ئۆلچەملىك، پاكىزە، سۈپەتلىك ئۆزلەشتۈرمەكچى بولسىڭىز بىزنى ئىزدەڭ!

بلوگ قۇرماقچى، بلوگىڭىزنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىنى قىلغۇزماقچى بولسىڭىز بىزنى ئىزدەڭ!

باشقىلاردىن ئالغان ئۇسلۇبىڭىزدىن مەسىلە چىقسا، بلوگىڭىزدىن چاتاق چىقسا ۋە ياكى باشقا ئىشلار بىلەن بېشىڭىز قاتسا ئىككىلەنمەي بىزنى ئىزدەڭ!

بىزدىن مۇلازىمەت ۋە ياردەم قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق دەيدۇكى : ئۇيغۇربەگ ئىشەنچلىك!

 

ئالاقە ئۇسۇلى

QQ:761250477 مەزكۇر نومۇر بىلەن ئالاقە قىلىڭ!

(قاچىلىغاندا مۇلازىمەت دەپ ئەسكەرتىڭ)

E-mail:Uyghurbeg#yahoo.com


7 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • تىلەك | 2012.02.17 جاۋاب

    ياخشى ئىش بوپتۇ.

  • گەرچە بوشلۇق ۋە ئۇسلۇبنى سىلەردىن ئالمىغان بولساممۇ، لېكىن ئىش چىقسا تارتىنماي سىلەرنى ئاۋارە قىلىۋەردىم ئەمسە!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.24

      بىزنىڭ ياردەملىرىمىز ھەقسىز، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان پەيتتە، پېقىر بىكار بولسىلا ئىزدىسىلە بولىدۇ، مۇلازىمەتنى قىلىمەن، ئەلۋەتتە ھەقسىز :mrgreen:

  • ماۋۇ يېڭى ئىش بولۇپتۇ. ئۇتۇق تىلەيمەن.

  • bildur | 2012.02.28 جاۋاب

    ئاللا رەھمەت قىلسۇن ، بەكمۇ ياخشى ئىش ئىكەن

  • ھەقيار | 2012.04.4 جاۋاب

    مۇنداق ئويلىدىم :
    1 . مۇلازىمەت ھەقى بىلەن باشقا ھەقلەر ئايرىۋېتىلگەن بولسا ؛
    2 . ھەقلەر ھەرقايسى تۈرلەر ئۈستىگە تەقسىملىۋېتىلگەن بولسا ؛
    شۇنداق بولسا تېخىمۇ ئېنىق ، ھىسابقا ئەپ بولاركەن .

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.4

      تېخىمۇ ئىنىق مەلۇماتلارنى مۇلازىمەت كوت-كوتتىن ئاڭلاش كېرەك!

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif