بېيجىڭدىكى سىتۇدېنتلار ئىشلىگەن يېڭى ئىجادىي مىكرو كىنو–BATTLE

battle

پايتەخت بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئادىلجان ئىسلام ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا بەدىنىگە چەكتۈرگەچكە، ئانا يۇرتى شىنجاڭدىن ئۆزىنى كۆرگىلى كەلگەن ئاتىسى بىلەن ئىختىلاپ يۈز بېرىدۇ، مۇشۇ ئىتىقاد ۋە ئەقىدە جەھەتتىكى زىل مەسىلىدە ئاتا-بالا ئىككىلىسى بىر-بىرىگە يول قۇيۇشنى ئويلىمايدۇ، نەتىجىدە….مەزكۇر مىكرو كىنونىڭ ئاخىرىدا نەتىجىسىنى كۆرىسىز. بىلىشىمچە، مەزكۇر مىكرو كىنونى بېيجىڭ كىنو ئېنىستوتىدىكى بالىلار ئىشلىگەن بولۇپ، باش پېرسوناژنى قېرىنداش مىللەتلەردىن دېيىشمەكتە، ئەلۋەتتە، مەزكۇر كىنونىڭ باش تېمىسى بۇ ئەمەستە، قېنى، كىنوغا نەزەر سالغايسىز….


فىلىمخانا


13 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    كىنو خېلى ياخشى چىقىپتۇ ،ئەمما ئاۋۇ بالا ئۇيغۇرچىنى تازا ياخشى سۆزلىيەلمەمدۇ نىمە ؟؟؟ سەل خۇيۇم تۇتۇپ قھلدى

    • پرېستان | 2013.03.13

      ئۇيغۇر بالا ئەمەس، ئۇ خۇيزۇ.

  • بىرلىك | 2013.03.11 جاۋاب

    ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى ئوبدان تاللاپتۇ، ۋەقەلىك تەپسىلاتىغا ئانچە كۈچىمىگەن ئوخشايدۇ… ئىشقىلىپ ياقتۇردۇم، مۇشۇنداق ئېتىقاد تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئىشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • قاراخان | 2013.03.11 جاۋاب

    ياخشى ئېشلەپتۇ.

  • مەلەك | 2013.03.11 جاۋاب

    دىۋاندا مەنمۇ بى ئولتۇرۇپ باقاي .
    بۇلار خۇيزۇ ئوخشىمامدۇ؟
    دادىسى خاتا قىلدى ،ئىسلام ھەقىقەتلىرىنى چىرايلىقچە ئولتۇرۇپ ،چۈشەندۈرگەن بولسا ،ئۇ يامانلاپ سىرتقا چىقىپ كېتىپ تاياق يىمىگەن بولاتتى. ئاخىرى بەك تەسىرلىككەن

  • ئالپبەگ | 2013.03.11 جاۋاب

    مەلەك خانقىز توغرا دەيدۇ. بۇ كىنونى كۆرۈپ دادىسىنىڭ بالىسىنى تىللاپ ئۇرغىنى ئىسلام دىنىنى خۈنۈكلەشتۈرگەن بىلەن باراۋەر. گەرچە ئاخىرىدا ئادىل چەكمىنى يۇيدۇرۋەتكەن بولسىمۇ، بۇنى كۆرگۈچىلەردە ئىسلام دىنى مەجبۇرلاش ئاساسىغا قۇرۇلغان دىنكەن دېگەن خاتا چۈشەنچىنى بېرىپ قويىشى مۇمكىن.
    ئەمدى بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىنى قايسى تەرەپتىن كۆزىتىشنى ھېچ بىلىپ بولالمىدىم.. :roll:

  • ئىلتەبىر | 2013.03.11 جاۋاب

    ھازىرقى بىر قېسىم تەرەققىيپەرۋەر بالىلارنىڭ دۇنيا قارىشنى خېلى يۇرۇتۇپ بېرىپتۇ.

  • نۇرتىكىن | 2013.03.11 جاۋاب

    مەلەكنىڭ دىگىنى توغرا،ئىسلام دىنىنى خۇنۇكلەشتۇرگەن ئىش باركەن گەرچە بۇ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار كىنو بولسىمۇ؟مىنىڭ چۈشەنچەم بولسا بۇنى ساپ خىتاي تەربىيىسىدە چوڭ بولغان ئۇيغۇر باللار ئىشلىگەن ئىكەن،بۇ باللار بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتوتىنى ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن.بولسا شۇ بالىلارغا تەكلىپ پىكىر بەرسەك تۈزۈتۈپ نىمىنى قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى بىلىۋالالايدۇ.رولنى ياخشى ئەپتۇ.

  • داداش | 2013.03.11 جاۋاب

    ئۇيغۇر بالىلار ئىشلىگەن؟
    مەن راستىنى ئېيتسام بۇنىڭ ئەخلەت ئىكەنلىكىدىن باشقىنى ھېس قىلمىدىم. بۇنى قاندىقىسىغا ئۇيغۇر ئىشلىگەن؟ نېمە مۇددىئادا ئىشلىگەن؟؟ كۆرگۈچىلەر زورىغا مەنا بىرىۋالدىڭلارمۇ نېمە؟

  • پاسئان | 2013.03.11 جاۋاب

    بۇ فىلىمنى ئىدىيەۋىي مەزمۇن نۇقتىسىدىن باھالىغاندا ئېنىقكى ئورۇنسىز تالاش-تارتىشلارنىڭ قاينىمىغا كىرىپ قالىمىز. ئەمما، كۆرۈنمە تەسىر، مونتاژلىق، رول ئېلىش، مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كىنو سەنئىتىنىڭ ئەسلى تەلىپى نۇقتىسىدىن ئويلىغاندا، خېلىلا يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشلەنگەن دەپ قارايمەن.

    • داداش | 2013.03.12

      ئۇنداقتا قايسى مۇھىم، نوقۇل سەنئەت نۇقتىسىدىنلا سۆزلەمدۇق؟ شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭدا نۇرغۇن كەمتۈكلۈك مەۋجۈت. ئەمما مۇھىمى بىز كىنونى تېخنىكىلىق باھالىغۇچى ئەمەس، ھەم كىنو دېگەن شۇ ئىدىيە تارقىتىش ياكى مۇھاكىمىگە تاشلاشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ مەزگىلىدىكى روھى ھالىتمىز نى چىقىش قىلساق، بۈنداق مۇجىمەل بىر نېمىلەرنىڭ بىزنى قايمۇقتۇرۇشىنىڭ زىيىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدىن يامان.
      بىز ئۈمىدكە مۇھتاج.

  • ئوربىتا1018 | 2013.03.11 جاۋاب

    بۇ كىنۇنى ئۇيغۇر باللار ئشلىگەنما؟؟؟ نىمە ئۈچۈن بىرمۇ ئۇيغۇرچە خەت يوق بۇنى پەقەت چۈشەنمىدىم.

  • لۇتۇن | 2013.03.12 جاۋاب

    راسلا،بۇ مىكرو فىلىمنى ئىشلەشنىڭ مۇددىئاسى زادى نىمە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەقەلىك بەك مۈجمەل…ھېلىقى بالا بەدىنىدىكى خەتنى راست ئۆچۈردىمۇ؟ مىنىڭچە ياق،چۈنكى ئاخىرىدىكى كۆرىنشتىن كۆرىۋالىمىز،ئۇ خەت بالىنىڭ بەدىنىدە تارتۇق ھالەتتە تۇرۇپ قالدى،بىلمىدىم باشقىلار قانداق قارايدۇ. قىسقىسى بۇ فلىم سۈرەت ئېلىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن باشقا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق!

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif