يالما كەنت بالىلىرى، كېلىڭ، يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ بېقىپ فىلىمنى كۆرۈپ كېتىڭ!…

jhrenew

شۇنداق بىر جاي بار ئىكەن، ئورنى قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر ناھىيە، تاشمىلىق يېزىسىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يالما مەھەلللىسىدە. بۇ مەھەللىدە 30 نەچچە ئائىلىلىك بولۇپ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن قېيىنچىلىقتا، توك ۋە باشقا ھېچقانداق ئېلىكتىر ئەسلىھەلىرى يوق. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار 12 نەپەر، ئۇلارنىڭ مەھەللىسىدىكى مەكتەپمۇ، سىنىپمۇ، ئىشخانىمۇ، ئوقۇتقۇچىمۇ پەقەت ۋە پەقەت بىر نەپەر. 1–يىللىقتىن 5-يىللىققىچە مۇشۇ بىر سىنىپتا، يەنى ئاشۇ بىر دوسكىنى 3كە بۆلۈپ ھەر قايسى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئورتاق دەرس ئۆتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا پەقەت ماتىماتىكا، ئەدەبىيات مۇشۇ ئىككى پەندىنلا دەرس بىرىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلار 30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن موتوسىكىلىت بىلەن كېلىپ مۇشۇ 12 ئوقۇغۇچىلارغا خالىس، ھېچقانداق ھەق ئالماي دەرس ئۆتىدىكەن…باشقا تەپسىلاتىنى مەزكۇر فىلىمدىن كۆرۈڭ….

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


16 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئىزتىل | 2012.08.27 جاۋاب

    ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك ، ھازىر بىزدە شۇنداق ئازادە ۋە يۇرۇق سىنىپلار ، يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى ، شۇنچىلىك ياخشى شارائىت تۇرۇقلۇق بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىز پۇرسەتنى ھەرگىز قەدىرلىمەيدۇ . بۇ بىر تەشۋىق قىلىشقا تېگىشلىك فىلىمكەن .

  • ئىزتىل | 2012.08.27 جاۋاب

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ( كىچىك بالىلارنىڭ ) ئالدىدا تاماكا چېكىۋاتقىنى بەلىكىم بىرەر جاينىڭ ئەمەلىدارى ھېچبولمسا دۆلەت خىزمەتچىسى بولسا كېرەك ، بەلكىم ئۆزىنى شۇنچىلىك مەدەنىيەتلىك ھېسابلايدۇ ، بىراق ئۆزىنىڭ شۇ سەبئىيلەرنىڭ ئالىدىدا قانچىلىك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگىنىنى ھەم قانچىلىق دەرىجىدە مەدەنىيەتسىزلىك قىلغانلىقنى ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك ، ھالىغا ۋاي !!!

  • كونا شەھەرلىك تۇرۇپ بۇنداق يەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن :sad:

  • ئۇلارنىڭ مەھەللىسىدىكى مەكتەپمۇ، سىنىپمۇ، ئىشخانىمۇ، ئوقۇتقۇچىمۇ پەقەت ۋە پەقەت بىر نەپەر دىگەن گەپ بىلەن كەينىدىكى ئوقۇتقۇچىلار 30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن موتوسىكىلىت بىلەن كېلىپ مۇشۇ 12 ئوقۇغۇچىلارغا خالىس، ھېچقانداق ھەق ئالماي دەرس ئۆتىدىكەن ، بىر نەپەر ئادەمنى ئوقۇتقۇچىلار دىسەك قاملاشماس ؟؟؟ كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر :!:

  • پرېستان | 2012.08.29 جاۋاب

    ئاۋۇ يەردە بىرى سىنىپ ئىچىدىلا تاماكا چىكىۋاتىدا؟ ئازاپقا پايلىيالماي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدىغا چىكىپ كېتىپتۇ،،ھەي،،،ئازاپلانماڭ!

  • مەن بۇ فىلىمنى كۆرەلمىدىم، شۇنچە قىلساممۇ 很抱歉!该视频暂时无法观看 دەپ چىقىۋالدى.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.08.29

      سىزمۇ ماڭا ئوخشاش chrome ئىشلىتىۋاتقان ئوخشىمامسىز؟ :oops:

  • بۇ فىلىمنى كۆرۇپ بىر تەرەپتىن ئىچىم بەك ئاچچىق بولدى،يەنە بىر تەرەپتىن بەك ئىچىم ئاغرىدى ،لىكىن ئاۋۇ قوسقى يوغان ئادەمنىڭ بۇ بالىلارنىڭ ئالدىدا تاماكىنى شوراپ چىكىشلىرى غەزىبىمنى كەلتۇردى ،بۇلار كەچكىچە قۇرۇق گەپ قىلىشقۇچە بۇ ئوقوغۇچىلارغا ياردەم قولىنى سۇنسا بولماسمىدى مىڭ ئىغىز قۇرۇق گەپتىن بىر قىتىملىق ياردىمى ئەلا بۇلار بۇ ئوقوغۇچىلارغا ياردەم قىلسا يەنە باشقىلار نۇرغۇن بايلار ھاجىلار بۇ ئوقوغۇچىلارغا مەكتەپ سىلىپ بەرسە ئوروندوق پارتىلىرىنى يىڭىلاپ بەرسە تىخىمۇ ياخشى بولاتتى

  • بەگ ئىنىم دېگەندەك، مەن ئادەتتە chrome ئىشلىتەتتىم، باشقا تور كۆرگۈدە كۆردۈم.
    تەشكىل ۋە رەھبەرلىكمۇ ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.
    فىلىمنىڭ ئاخىرى يامان يەرگە كەلگەندە تۈگەپ كەتتى ….
    ياشاپ كىتىڭ ئابدۇرۇسۇل ئاكا!

  • ھەق يول | 2012.08.30 جاۋاب

    بىر نەرسە يازماي دىسەم قولۇم قىچىشىپ كەتتى، ئاۋۇ فىلىمنى كۆرۈپ بىر ئىش ئىسىمگە كەلدى. دوسكىنىڭ ئۈستىگە ئېسىۋالغان ماۋزودۇڭ بىلەن ماركىسنىڭ رەسىمىنى ھازىرغا قەدەر ئېسىپ يۈرگىنى جاھىلىيەت ۋاقتىنى ئەسلىتىدىكەن، يەنە بىر ئىشى ماركىسنىڭ يۈزىدە بىر پاتمان ساقال تۇرىدۇ، لېكىن ماۋزۇدۇڭنىڭ يۈزىدە بىرمۇ ساقال يوق، ماركىسنىڭكىنىمۇ قىرىۋەتكەن بولسا ئاندىن ماسلىشاركەن.

    • نۇرنىجات | 2012.09.1

      بىزنىڭ سىنىپتىمۇ،خۇجىنتاۋ بىلەن ماركىسنىڭ پورترېتى ئېسىقلىق دوسكىنىڭ ئۈستىدە…

  • تەشنايى | 2012.08.31 جاۋاب

    تۇرا ھېچ يىڭىلىناي دېمەيدا؟ كۈندە كەلسەم يەنە شۇ …ھى ھى !

  • مەنمۇ كۆرۈپ ئىچىم ئاغرىدى !!!!!!!ئۇتاماكا چەككەن ئۇيغۇر بەلكىم ئازراق پۇلىغا ياكى ھوقوقىغا تاينىپ شۇنچىلا ئادەمنىڭ ئالدىدا تاماكا چىكىپ پەخرلىنىپ كىتىپتۇ ھايۋان پۇلۇڭ بوسا ئوزەڭگە ئۇلانى كۆزگە ئىلمغۇدەك كىمتىڭ سەن پوق قورساق ياردەم قىلغىنڭمۇ تايىللىق :twisted:

  • پىنھان | 2012.09.10 جاۋاب

    بەگ ئەپەندىن سىلىنىڭ بوشلۇققا icp كەتمەيدىغان ئوخشىمامدۇ . نەدىن ئالغان سىلى بۇ بوشلۇقنى

  • پىنھان | 2012.09.13 جاۋاب

    justhost تا ئادەتتىكىدەك كىنو ناخشا بەت ياكى باشقىچە كۆڭۈل ئېچىش بېتى قورغىلى بولمايدۇ دىگەن گەپمۇ ئەمدى .

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif