wordpress تا ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان Fatal error: Cannot redeclare __popular_posts خاتالىقىنى تۈزۈش


ئۇنداقتا ئەسلى گەپكە كەلسەم، faceblog دېگەن نامدىكى ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن باشقا ئۇسلۇبقا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك خاتالىق سادىر بولۇپ قالدى. تۇلۇق كود تۆۋەندىكىدەك.


Fatal error: Cannot redeclare __popular_posts() (previously declared in /homepages/8/d100460064/htdocs/WordPress/wordpress/wp-content/themes/eve088/functions.php:1492)

ئاساسلىق ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك: ھەرقانداق ئۇسلۇب ئالماشتۇرسام يۇقىرىدىكىدەك خاتالىق كۆرۈنىدۇ، wordpress نى قايتىدىن قاچىلاپ باقساممۇ شۇنداق، ھەتتا كومپيوتېرىمدا php مۇھىتىنىمۇ قايتىدىن ياسىغان بولساممۇ ئەھۋال ئوخشاش.

google ئىزدەپ جاۋابىنى تاپالمىدىم، ئىنگىلىزچە سەۋىيە چەكلىك بولغاندىكىن ئامال يوق! ئۆزەم ئۇيەر-بۇيەرنى تاتىلاپ يۈرۈپ ئوڭشىلىپ قالدى. تاتىلاش جەريانى تۆۋەندىكىچە:
themes دېگەن مۇندەرىجىسنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ، wordpress نىڭ ئارقا سۇپىسىغا كىرىپ يېڭىدىن بىر ئۇسلۇب قاچىلىدىم. قاچىلىسام خاتالىق ئۇچۇرى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزگەرتكەن مۇندەرىجىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئوڭشىلىپ قالدى. ئۇفففففف خۇداغا شۈكرى،،،،ھەر نېمە بولسا ئوڭشالدى.

لېكىن faceblog دېگەن ئۇسلۇبنى قايتىدىن قاچىلاپ سىناپ باققۇم كەلمىدى. تەۋەككۈلچى دوستلار سىلەر سىناپ باقساڭلار قانداق، شۇڭا faceblog ئۇسلۇبىنى يوللاپ قويدۇم.(پۈتۈلەي تەرجىمە قىلىپ بولغان ئۇسلۇب جۇمۇ!)

faceblog ئۇسلۇبىنى قاچىلاشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن ئىگە ئەمەس، ئۆزىڭىز سىناپ بېقىڭ. سىناق نەتىجىسىنى ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ ھە…..

چۈشۈرۈش مەنزىلى

Note: There is a file embedded within this post, please visit this post to download the file.


2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ھەق يول | 2012.05.20 جاۋاب

    قېنىكىنە شۇ ئۇسلۇب.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      بازاردا كىلولاپ ساتقىلى تۇرۇپتىمىش…

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif