بۈگۈن Godaddyدىن تىزىملاتقان تور نامىڭىز مۇقىممۇ؟

godaddy-promo

Godaddy بولسا نۆۋەتتە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق چوڭ تور نامچىلىق شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ قولايلىقلىقى بىلەن نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. شەخسەن كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي تور ناملىرىنى مۇشۇ شىركەتتە ساقلاۋاتىمەن  ھەمدە بىر قىسىم بلوگگېر خېرىدارلىرىمنىڭ تور نامىنىمۇ مۇشۇ يەردىن تىزىملىتىپ بىرىۋاتقان ئىدىم، ھالبۇكى ئاخشامدىن باشلاپ بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىم، شۇنداقلا بىر قىسىم خېرىدارلىرىم بەس-بەستە ئۇچۇر يوللىشىپ بلوگلىرىنىڭ ئېچىلمىغانلىقىنى ئېيتىشتى، توردىكى خەۋەرلەرگە كۆرە بىر قىسىم يەرلىك «شەرەپلىك» تېلىگراف ئىدارىسى Godaddyنىڭ تور نامىنى يىشىشكە ئاتىغان DNS مۇلازىمىتىرىنى چەكلەپ قويغانمىش، شۇنىڭ بىلەن قىسمەن جايلاردا بۈگۈن Godaddyدىن تىزىملاتقان تور نامىنى زىيارەت قىلغىلى بولماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىققان.

Godaddyنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىشى تۇنجى قېتىملىق ئەمەس، بۇنىڭدىن نەچچە يىل بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق زىيانكەشلىك پات-پات سادىر بولۇپ تۇراتتى، گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپ بۇنى «زىيانلىق ئۇچۇرلارنى توسۇش» دەپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، «چوڭ بوران»دا بىزدەك بىگۇناھ «كىچىك مايسىلار»نىڭمۇ قۇربان بولۇپ كېتىشى بىزنىڭ كاللىمىزدىن ئۆتمەيدىغىنى ئېنىق. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاتامانلارنىڭ تور ناملىرىنى ھەرگىزمۇ ئالدىراپ-تىنەپ Godaddyدىن دۆلەت ئىچىگە يۆتكەپ كېلىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز، بەلكى ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن NS يىشىش مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە قوللىنىپ تۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. نۆۋەتتە بۇنداق مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان بېكەتلەر خېلى كۆپ، دۆلەت ئىچىدىمۇ بۇنداق مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان بېكەتلەر خېلى نۇرغۇن. نۆۋەتتە ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى شۇنداقلا كەمىنىنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ مەسىلىسىنى بۇ خىل ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق ھەل قىلدىم، بۇ خىل مەسىلىگە يولۇققان تورداشلارنىڭ تۆۋەندىكى بېكەت ئارقىلىق تىزراق ھەل قىلىۋېلىشىنى سورايمىز.

مەنزىل:

https://www.dnspod.cn/



无觅相关文章插件,快速提升流量


11 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ناھايىتى ئومدان بولاپتۇ ماۋۇ يازما … مەنمۇ تور ناملىرىمنى يۆتكەپ كەتمىسەم بولمىدى، 9 ئاي ھەر ئايدا 100 سومدىن تۆلىسەم ، قولۇمدىكى بارلىق تور ناملىرىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بولالايدىكەنمەن :cry:

    • مۇزات | 2012.05.12

      سىزنىڭ نېمانداق جىق؟ قايسى بلوگلار سىزنىڭ،دەپ بېرىڭە؟

  • مىنىڭ نورمالكەن! ھى ھى… :smile:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.12

      بۈگۈن تۇرايىمىزدىمۇ سەل نورمالسىزلىق كۆرۈلدى….

  • مۇزات | 2012.05.12 جاۋاب

    مېنىڭ تۇلا شۇنداق بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ،مەن تېخى بوشلۇقنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ دەپتىمەن.مەن بىر سىناپ باقايچۇ. :roll:

    • نۇرنىجات | 2012.05.13

      dnspodراستلا ئوڭشىيالامدا؟

  • مىنىڭمۇ https://www.dnspod.cn نى ئىشلىتىپ نورمال ، بولمىسا بۇ خەقلەرنىڭ «قارا تام» دىن ئۆتەلمەسلىكى ئېنىق.

    • نۇرنىجات | 2012.05.13

      مەنمۇ تېخى بۈگۈن ئالدىم تور نامىنى!

  • ئاشىق | 2012.05.24 جاۋاب

    قانداق ئىشلىتىشنى تەپىسىلى يازسىڭىز خىلى جىنى بار تىما بولدىكەن بۇ :o

  • نىدا | 2012.05.26 جاۋاب

    بۇ داداشنىڭمۇ 184 تىن باشلانغان IP دىكى بوشلۇقىنى زادىلا ئاچقىلى بولماس قىلىپ قويۇپتۇ، توردىن ئامالىنى ئىزدىسەم، بوشلۇق پروگراممىسىنى ئالماشتۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، باشقا IP غا ئېرىشىش ئۇسۇلىنى دەپتىكەن، داداشتىن سىناپ باقاي دېسەم، بۇنداق قىلىدىغانلار بەك جىق بولۇپ كەتتىمۇ، داداش ئۇ خىل ئۇسۇلنى قىلغىلى بولماس قىلىپ قويۇپتۇ، بىلوگۇمنى قايتا ئېچىشقە مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ، يا ماۋۇ قىياسنىڭ ئىشىمۇ ئىتتىكرەك ھەل بولمىدى، ئىشقىلىپ، بۇ بالىغا بىر ئىش بولمىغىيتى، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر-ھە!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.29

      تۇرايىمىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ…

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif