WordPress & Pjblog: سەن يامانمۇ مەنمۇ؟…

oyalr

Pjblogدىن ئايرىلىپ،Wordpressكە كۆچۈپ كېلىۋالغانلىقىمغىمۇ بىر ئايدىن ئېشىپ كەتتى،كۆچۈشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە،Wordpressنىڭ خەنزۇچە مۇنبەرلىرىدە قاتراپ يۈرۈپ بۇ يېڭى سېستىمىغا كۆچۈپ كېلىشنىڭ باھانىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەنىدىم.ئەسلىدىكى ئويۇمدا،Pjblog4نىڭ چىقىشىنى ساقلاپ،ئاندىن بىرەر ئاۋانگارت توپى تەشكىللەپ ياكى قۇرۇلغان شۇ توپقا قوشۇلۇپ Pjblogنىڭ بۇ يېڭى نەشىرىنى كۈتۈۋېلىش ئويىدا يۈرگەنىدىم.كۈتە،كۈتە ساقلا،ساقلاپ تاقىتىم تاق بولۇۋاتاتتى،خۇددىي ‹‹[ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟›› ناملىق يازمامدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك،‹‹نەچچە قېتىم WordPress ياكى Z-blogغا كۆچۈپ كىتەي دىگەن نىيەت بولدىيۇ،بۇ قەدىناسىمدىن ئوڭايلا ۋاز كەچكۈم كەلمىدى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە Pjblog4 نىڭ ئېچىلىۋاتقانلىق ئۇچۇرى كەلدى،شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۈمىد كەلدى.بۇ يېڭى بلوگنىڭ تارقىتىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم…››(قاراڭ: [ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟)،ئەمماPjblog4نىڭ قارىسى تۈگۈل،ئۇچۇرىمۇ يوق بولدى....ئاخىرى،Wordpressنىڭ ئۇسلۇب،قىستۇرما كانى ۋە يېڭىلىنىشچانلىقىنىڭ تىزلىكى قاتارلىق ئامىللار،شۇنداقلا مېنىڭ ‹‹يېڭى تۇرمۇش››نى تېتىپ بېقىش ئارزۇيۇم،ئاخىرى قەدىناس Pjblogدىن خوشلۇشۇپ ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،Wordpress دۇنياسى…››دەپ بۇ يېڭى ھاياتقا قەدەم قويدۇم.

بلوگ كۆچكەنلىكىمنى كۆرگەن بەزى بلوگ ھەۋەسكارلىرى مەندىن دائىما بۇ ئىككى سېستىمىنىڭ پەرقىنى سوراشدى ھەمدە قايسىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە قىزىققانلىقىنى بىلدۈرۈشدى.ئەلۋەتتە،ھەر بىر سېستىمىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بارئىدى-دە!مەن بۇ ئىككى سېستىمىنىلا ئەمەس،بلوگباس،Z-blogلارنىمۇ تەتقىق قىلىپ كۆرگەن ئىدىم،ماڭا ھەممىدىن ياققىنى يەنىلا WordPress بولدى،ئەمما،بۇ دىگەنلىك WordPress ئەڭ ياخشىسى دىگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە.
ئۇنداقتا،بۇ سېستىمىلارنىڭ زادى قانداق پەرقى باردۇ؟...

سېستىما تۈزۈلۈشى،ئىشلەش مۇھىتى جەھەتتە:

PJBlog نىڭ قۇرۇلمىسى نۆۋەتتە كۆپ قوللىنىلىۋاتقان ASP+Access تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئادەتتىكى بىر دانە ASP قوللايدىغان بوشلۇقتا نورمال خىزمەت قىلىۋېرىدۇ. مۇلازىمېتىرغا بولغان تەلىپى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، بلوگ ئىگىسىنىڭ مۇلازىمېتىر چىقىمىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالالايدۇ. PJBlog ئۆزىدە UTF-8 شەكىللىك ئېنكود شەكلىنى قوللانغان بولۇپ، يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى ھەرقانداق تىلنى بىمالال قوللايدۇ(تەدبىركار بلوگىدىن ئېلىنغان نەقىل).بۇ سېستىماھازىرچە،پەقەت خەنزۇ تىلىدا(تەدبىركار ئەپەندى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان غەيرىي رەسىمىي ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ھىسابقا ئالمىغاندا)ئېچىلىۋاتىدۇ.
Wordpress بولسا PHP تىلى ۋە MySQL ساندانى ئاساسىدا ئېچىۋېتىلگەن بلوگ سېستىمىسى بولۇپ،مۇلازىمىتىردىن  PHP مۇھىتى ۋە MySQL ساندان تەلەپ قىلىدۇ(دىمەك بۇ جەھەتتە PJBlog  قارىغاندا مۇلازىمىتىرغا بولغان تەلىپى يۇقىرى،تەننەرخى يۇقىراراق).Wordpress نىڭ ئۇسلۇب ۋە قىستۇرما بايلىقى ناھايىتى مول بۇلۇپ،دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان(جۈملىدىن،ئۇيغۇرچە نۇسخىسىمۇ بۇلار ئىچىدە)،UTF-8 شەكىللىك ئېنكود شەكلىنى قوللانغان بولۇپ، يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى ھەرقانداق تىلنى بىمالال قوللايدۇ.

ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسپەتەن:

PJBlog-مەيلى ئۇسلۇبلارنىڭ تۈزۈلۈش-قۇرۇلمىسى جەھەتتىن بولسۇن،مەيلى مەشخۇلات جەريانى جەھەتتىن بولسۇن  بىر قەدەر قولايلىق،ئىشلىتىش ئوڭاي،يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ناھايىتى ئوڭايلا ئۆزلىشىپ كىتىدۇ.
Wordpress بولسا ئىقتىدارلىرى بىرقەدەر كۆپ ھەم مۇكەممەل بولغان سېستىما بولغاچقا،سېستىمىغا كۆنۈپ بولغۇچە بىر مەزگىل كېتىدۇ ھەمدە بلوگ قۇرغۇچىدىن بەلگىلىك سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە قىستۇرما ۋە ئۇسلۇب مەنبەسى ناھايىتى مول بولغاچقا،‹‹بلوگنى نوچى قىلىمەن››دەپ ماڭا ئوخشاش قىستۇرمىلار دېڭىزىغا چۆكۈپ كېتىش خەۋپى ھەر قاچان بار... :wink:

بۇلارنىڭ ئۇسلۇبلىرى قانداقتۇ؟

Pjblogنىڭ ئۇسلۇبلىرى ئاساسەن بىر قېلىپ ئاستىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ،سېستىما بەلگىلەپ بەرگەن ئاشۇ قېلىپ ئىچىدە پاسون چىقىرىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ،مۇشۇ قېلىپ ئاساسىدا cssدىن ئازراق خەۋىرى بارلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بىر ئۇسلۇبنى ئۆزلەشتۈرۈپ چىقالايدۇ.ناۋادا،بۇ قېلىپدىن ھالقىپ چىقىشنى ئىستىسىڭىز،سىز بلوگ سېستىمىسىدىكى ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ رولى ۋە ئورنىنى ‹‹پىششىق بىلىشىڭىز كېرەك››.
Pjblogغا قارىغاندا،Wordpress ئۇسلۇبنىڭ ئېچىلىشى جەھەتتىن بىر قەدەر ئەركىن،ئەمما،ئۇسلۇب ياساش ئۈچۈن سىزدىن يالغۇز css سەۋىيە ئەمەس،phpدىنمۇ بەلگىلىك ئاساس بولىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ،سىز WordPressنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر قېلىپ ياساپ چىقىپ،شۇ قېلىپ ئاساسىدا،خالىسىڭىز بىر بېكەت،خالىسىڭىز بىر بلوگ ياكى بىر مۇنبەر قۇرۇپمۇ چىقالايسىز(ئەمما لېكىن،بۇلارنىڭ ئۇسلۇبلىرىنى ئۆزلەشتۈرمەك...ھەي.بىر جاپاكەن جۇما!)

WordPressنىڭ قىستۇرمىلىرى بەك نوچى!

خۇداغا شۈكرى،Wordpressنىڭ قىستۇرمىلىرى كۆپ تىلنى قوللايدۇ،مەن خالىسام فرانسۇز،رۇس تىللىرىدا ئېچىلغان قىستۇرمىلارنى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدا بىمالال ئىشلىتەلەيمەن(ئالدىنقى شەرتى،ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن باشقا)ھېلىھەم،ئۇيغۇربەگ ئېمپىرىيىسىدە توققۇز دانە قىستۇرمىنىڭ 7سى چەتئەلنىڭ ماللىرى....ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىستۇرمىلارنى ئىشلىتىشمۇ ناھايىتى ئاددىي،چۈشۈرۈپ،قاچىلاپ، قوزغۇتۇپ قويساقلا بولىدۇ،بەكرەك بولمىسا،تەڭشەكلىرى بار،ئۆزىمىز خالىغان ئۇسۇلدا تەڭشىسەك،ياقماي قالسا ئېلىپ تاشلىۋەتسەكلا بولدى!ئاۋۇ Pjblogنىڭ قىستۇرمىلىرىنى ئىشلىتىش،يائاللا،قاچىلىغاندىن كىيىن بىرمۇنچە تەڭشىمىسە ئەسلى بولمىغان،تەڭشىسىمۇ ئىشلەتكىلى بولمىغان،بولدى ئىشلەتمەي دىسە ئەسلى....

قايسى سېستىما بەكرەك باي؟

باشدا دەپ ئۆتكەندەك،Wordpress خەلقئارالىق سېستىما بولغاچقا،ئۇسلۇب،قىستۇرما،تېخنىكا جەھەتتىكى بايلىق مىقدارى جەھەتتىن ئىلىمىزنىڭ مەھسۇلاتى بولمىش Pjblogدىن ئېشىپ چۈشىدۇ،ھەركۈنى،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەۋەسكارلار ياساپ چىققان قىستۇرمىلار،ئۇسلۇبلار WordPress باشبېتىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ،ئەمما Pjblogنىڭ مۇنبىرىدە ھەركۈنى‹‹Pjblogنىڭ ماۋۇ يىرىدىكى مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟››،‹‹Pjblog4 قاچان چىقىدۇ؟››دىگەن ئۇچۇرلار كۆپرەك...

قايسى سېستىما بەكرەك ‹‹گەپ ئاڭلايدۇ››؟

راست گەپنى قىلسام،ئەينى چاغ Pjblog ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىمدا،بىر تال قىستۇرمىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك ‹‹مۇشەققەتلەر››نى تارتقانلىقىمنى بىلمەيمەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە،نۇرغۇن قىستۇرمىلارنىڭ بلوگ سېستىمىسىنىڭ نەشىرىگە بولغان تەلىبى بولغاچقا(ئۇ چاغلاردا تەدبىركار ئەپەندىممۇ بلوگ سۇپىسىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرمىگەن چاغلار ئىدى،تور ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن بىلىم بلوگىدىنمۇ بىرسى يېڭى نەشىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپتىكەن)،بلوگ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ شۇنداق جاپا تارتتىم،تارتقان جاپاغا چۇشلۇق دەرمان يوق،ئاخىرى ئەسلىدىكى نەشىرگە قايتىپ كەلدىم.بىلىشىمچە،Pjblog4گە كۆچۈش تېخىمۇ جاپالىق،چۈنكى Pjblog4 خۇسۇسىيەت جەھەتتىن يېڭى بىر سېستىمىغا تەۋە ئىدى.
ئەمما،Wordpressنىڭ نەشىرىنى يۇقىرىلاتماق ناھايىتى ئەپچىل ئىكەن،پەقەت بوشلۇق قوللىسىلا ئارقا سۇپىدىن بىۋاستە بەشىرىنى يۇقىرىلاتساق بولىدىكەن،ئارتۇق ئىش بىھاجەتمىش.

شۇنداق قىلىپ،بۇ ئىككى سېستىمىغا بولغان تەسىراتىم مۇشۇ يەردە ئاياغلاشدى،بۇ پەقەت شەخسىي قارىشىملا خالاس،قالغىنىنى ئۆزىڭىز باشدىن كەچۈرۈپ تولۇقلىۋالغايسىز.ناۋادا،سىزنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىڭىز بولسا بەھۇرۇز ئوتتۇرىغا قويۇڭ،بىزمۇ ئاڭلاپ كۆرەيلى!


21 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • كەچكۈز | 2010.08.21 جاۋاب

    ئەسسىلام ئۇيغۇر بەگ ..

    مەن ئەسلىدە Pjblog ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم ..سىز نىڭ يازمىڭىزنى كۆرۈپ مىنىڭ مۇ كۆچۈش ئىستىكىم قوزغالدى ..مۇنكىن بولسا
    Wordpress نى تەڭشەش قاچىلاش، ئىشلىرىدا يىتەكچى بولسىڭىز … ھەمكارلىشىپ پىكىرلىشەيلى ….
    چ چ ..25649782 ..قاچىلىۋېلىڭ :-|

  • ۋاھ، يىتىلىپ قېلىۋاتىسىزدە ئۇيغۇربېگىم،
    قەلەم قۇۋىتىڭىز خېلى پىشىپ قېلىۋاتىدۇ.
    شۇنداق مەنمۇ ئىلگىرى ۋوردپرەسنى ئۇنداق ياخشى مۇنداق ياخشى دېسە زادى قانداق ياخشىدۇ؟ دەپ ئويلىنىپ قالاتتىم. لېكىن بۇ قېتىم ئىلقۇت بلوگىنى ۋوردپرەس نەشىرىگە كۆتۈرۈپ يۇلۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ماتىرىيال كۆرۈش جەريانىدا بۇ سېتىمىنىڭ راستىنلا بىز ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ياخشىلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. لېكىن سىز ئېيتقاندەك، دەسلەپ بلوگ يېزىشقا كىرىشكەنلەر مېنىڭچە يەنىلا PJblog دا بىر مەزگىل تەرەققىي قىلغىنى ياخشى.
    چۈنكى دېگىنىڭىزدەك ۋوردپرەسنىڭ بوشلۇققا بولغان تەلىپى راستلا سەل يۇقىرى، يانچۇقتا ئاقچا ئاز بولسا چاتاق دېگەن گەپ، شۇڭا يېڭى بلوگ يېزىشقا كىرىشكەنلەر يەنىلا ئاۋال PJblog دا تەرەققىي قىلىپ، بەگىلىك سەۋىيىگە يەتكەندىن كىيىن ئاندىن ۋوردپرەس ئىشلەتكىنى ياخشى. خۇددى بىز دەسلەپ بلوگباستا تەرەققىي قىلىپ كىيىن PJblog غا كۆچۈپ ئەمدى ۋوردپرەسكە كۆچكەندەك دېمەكچى.
    قىسقىسى ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بولىدۇ.
    ھە بۇرادەر، ئاپىڭىز بەك ياخشى دەپ ئۆگىتىپتىكەن. ماڭىمۇ ئاپام ئاشۇنداق كۆرۈپ بولۇپ پىكىر بايان قىلمىغانلار چىدىماسلار دەپ ئۆگەتكەن ئىدى. ماۋۇ ئىنكاس كۆزنىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش رەسىمىنى قانداق ئالماشتۇرۇىمىز. يەنە بىر گەپ مەن باش سۆرىتىمنى ھەر قانچە قىلساممۇ سىلەردەك ئۇچۇق چىقىرالمىدىم. ئاۋۇ بوشلۇققا ھەر خىل يوللاپ باقتىم، ئاخىرى ھەممىسىنىڭ ئۈنۈمى بەك ناچار چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا باش رەسمىنى قانداق قىلىش كېرەك. ياكى مەن يوللىغان رەسىمنىڭ فورماتى توغرا ئەمەسمۇ؟ تەلىم بەرمەملا، يەنە بىر گەپ بلوگدا تېمىنى چەكسە باشقا بەتتە ئېچىلىدىغان قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز. مەن ھېچ ئىزدىنىپ بولالمىدىم. باشقىلار بلوگىمدا ئىنكاس قالدۇرۇپ مۇشۇ ئىشنى چوقۇم تىزدىن ھەل قىلىشىمنى سۈيلەۋاتىدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.21

      كاتتا رەھمەتلەر،كاتتا رەھمەتلەر! ئاپام مۇشۇنداق ئۇزۇن-ئۇزۇن ئىنكاس قالدۇرغانلار چوقۇم مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغانلار دەپ ئۆگەتكەن ئىدى تېخى~~
      ئاۋۇ سىلى دىگەن تېخنىكى مەن بىرنەچچە كۈندىن كىيىن تەپسلىيرەك تېخنىكا دەرسى سۈپىتىدە يوللاپ قۇياي.باش سۆرەتلىرىنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك،مېنىڭچە،سىلىنىڭ باش سۆرەتلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا مەسىلە بار،يەنى،ئىگىزلىكى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسپىتى مۇۋاپىق بولمىغاچ،باش سۆرەت قىسىلغاندا شۇنداق بىنورمال ھالەتكە كېلىپ قالغان گەپ.
      ئاۋۇ يېڭى كۆزنەكنىڭ ئىشىنى
      ماۋۇ كودنى بىلەن بىلەن نىڭ ئىچىگە قويۇپ سىناپ بېقىڭ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.21

      ما ئىشنى،يوللىغان كودلار كۆرۈنمەيدا؟ :arrow:

  • يۈكسەل | 2010.08.21 جاۋاب

    يېڭى دوستنى تاپقاندا ، كونا دوستنى ئۇنۇتما، دەپتىكەن كونىلار. ھەرقايسىللىرى wordpress كۆچۈۋېلىپلا PJBLOG ئۈستىدىن قاقشاشقا باشلاپسىلەرغۇ ؟! :lol:
    پەنگىيارنىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق، pjblog باشلانغۇچ سەۋىيىدىكى بلوگگىرلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشى بولالايدۇ. wordpress بولسا بىرقەدەر تەجرىبىلىك بلوگىرلارغا ماس كېلىدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.21

      قاقشىمىدۇققۇ يۈكسەل ئەپەندى… :( بار گەپنى قىلىۋاتىمەنغۇ ئەينا…

    • يۈكسەل | 2010.08.22

      چاقچاق قىلىپ قويدۇق بەگ ئېنىم :twisted:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.22

      ئاپام كىچىك باللانى بوزەك قىلغانلارنى كۆرسەڭ ساقچىغا مەلۇم قىل دەپ ئۆگەتكەن ئىدى… :-|

  • ئىككىلا سۇپىنى ئىشلىتىپ باققان ئۇيغۇربەگ ئەپەندىنىڭ بۇ سېلىشتۇرما ماقالىسىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى بوپتۇ، رەھمەت.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.21

      دۇنياقارا ئەپەندىنىڭ قەدىمىگە مەرھابا!…
      كىيىنچىرەك،بلوگباس ئىشلىتىش ھەققىدىكى تەسىراتلىرىمنىمۇ يېزىپ چىقىش ئويۇم بار،قانداق بولىدىكىن…

  • پىقىرمۇ كۆچمەكچى، pj خانىغا كۈندە قاتراپ كۆزۈمنىڭ مېيى تۈگەپ قالدى، بولدى كىم كۈتسە -كۈتسۇن ئۇنداق 4 نى.ئــــوۇش…

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.22

      ھاھا :twisted: ،سىزمۇ شۇ يەرلەرنى قاتراپ يۈرگەنمىدىڭىز،بوپتۇ،ۋوردپرېسسمۇ بوپ قالىدۇ بولمىسا..

  • مۇرشىدى | 2010.08.22 جاۋاب

    ھەقىقەتەن ياخشى سېلىشتۇرۇپ يېزىپ چىقىپسىز. ھازىرغىچە تەرجىمە خىزمىتىدىن باشقىغا كۈچەپ بولالمىغان ئىدۇق. مانا ئەمدى ھەر قايسىڭىزلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تورداشلارمۇ خالىسا ۋوردپرەسنى بىمالال ئىشلەتكۈدەك سەۋىيىلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشەلىگۈدەك.
    نادىر يازمىلىرىڭىزنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەي!…

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.23

      سىلەردەك ئۈن-تىنسىز تەرجىمانلىق ئىشىنى قىلىپ كېلىپ،ئۇيغۇر يىزىقىمىزنىڭ ۋوردپرېسس تىل ئامبىرىغا قوشۇپ كەلگەن جاپاكەشلەرگە ھەم رەھمەت،باسقان ئايىغىڭىز ياراشقاي،ئىزىڭىزلاردىن گۈل ئۈنسۇن!…
      بىزمۇ يېڭى ئۆگەنگۈچى بولغاچ،ھىچ بولمىسا ئۆگەنگەنلىرىمىزنى بولسىمۇ باشقىلارغا ئورتاقلىشايلى دەپ تىرىشىۋاتىمىز،بۇ تىرىشچانلىقىمىز مىۋە كۆرسەتگۈيدى ئىلاھىم!
      سىز بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشنى بىلمىدىم،بولسا مېنىڭ ئارخىبىمدىكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز…

    • مۇرشىدى | 2010.08.23

      ياخشى تىلەك ۋە دۇئالىرىڭىزغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۇر!
      سىزنىڭ ياخۇدىكى ئادرېسىڭىزغا خەت يېزىۋىدىم، تېخىچە تاپشۇرۇپ ئالالمىغان ئوخشىمامسىز؟ :-|
      مەن سكايپتىن باشقا مۇڭداشقۇ ئىشلەتمەيمەن. يېقىندىن بېرى ئۇنىمۇ ئېچىپ قويغۇدەك ۋاقىت چىقمايدىغان بولۇپ قالدى. ئېلخەتنى بولسا كۈندە نەچچە رەت تەكشۈرۈپ تۇرىمەن. شۇڭا ھازىرچە ئېلخەتتە ئالاقىلىشىپ تۇرساق قانداق دەيسىز؟ :)

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.23

      چاتاق يوق،ئەمما،سىزنىڭ ئېلخېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالماپتىمەن،نىمە بولغانلىقىنى بىلمىدىم.ئالدىدا سىزنىڭ تەكلىبنامىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولمىسا…

  • ئەگەر چىقىمى سەل تۆۋەنرەك بولغان بولسا مەن ئاللا قاچان كۆچەر ئىدىم . بوپتۇ سىزلەر تاشلىساڭلار مەن قوغداپ تۇراي !
    blog*spotتىنمۇ ئەڭ كەينىدە چىققان بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ ئەڭ كەينىدە چىكىنەرمەن

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.23

      سەۋر قىلىڭ،ئاۋۇ تۆتىنچى ئەۋلاد سىزلەرنى ساقلاۋاتىدۇ،كىم بىلىدۇ،ۋوردپرېسسنى ئېشىپ چۈشەمدۇ ئۇ! 8-O

  • مېھمان | 2010.10.4 جاۋاب

    ئۇيغۇر بەگ دىن نەقىل قىلىنغان مەزمۇن:[Wordpress بولسا PHP تىلى ۋە MySQL ساندانى ئاساسىدا ئېچىۋېتىلگەن بلوگ سېستىمىسى بولۇپ،مۇلازىمىتىردىن PHP مۇھىتى ۋە MySQL ساندان تەلەپ قىلىدۇ]

    قانچىلىك بۇشلۇق ۋە ساندان بىلوگنىڭ يۈرشىگە يىتىدۇ ؟ مۇشۇنى بىلىپ بىلىپ باقىم كىلۋاتىدۇ ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.3

      100لىق ساندان،100لىق بوشلۇق بولسا بىربلوگ ساق-سالامەت يۈرۈشۈپ كېتەلەيدۇ

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif