- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:4
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئىلھام, توربەتچى
توربەت ياساش-توربەت ھەۋەسكارلىرى نىسپەتەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش.بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالغان ھەربىركىشى ھەتتا تاماق يىيىشنى ئۇنتۇلۇپ قالسا ئۇنتۇلۇپ قالىدىكىن،ئەمما ۋاقىت چىقىرىپ مەشىق قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ.ئەمما،بىزدە توربەت ياساش ئۈچۈن ئاۋۋال قەلەم-قەغەز تېپىپ،توربەتنىڭ ئاساسىي گەۋدە قىسمىنى سىزىپ چىقىدىغانلار ئاز بولسا كېرەك.بولمىسا ئۆزىىمىزنىڭ تەجرىبىسى ئاساسىدا شۇ ھامان لايىھىلەشنى باشلايمىز.ناۋادا بىرەرسى توربەت ھەققىدە گەپ تىشىپ قالسا،كۆپچىلىكىمىز توربەتنىڭ رەڭ تۈزۈلۈشى،سۆرەت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئەسكە ئالىمىز.ئەلۋەتتە،Photoshop ۋە ئۇنىڭ سۈزۈش قۇشۇمچىسى توربەت لايىھىلىگۈچىلەرگە ئاجايىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.
توربەت لايىھەلەشكە ئائىت ماتىرىيال كۆرۈۋېتىپ بىر چەتئەللىك توربەتچىنىڭ توربەت ياساش خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدىم.مېنى ھەممىدىن بەك قىزىقتۇرغىنى،توربەتنىڭ گەۋدىسى ئەمەس بەلكى توربەتچىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال توربەتنى سىدام سىزمىدا لايىھەلەش چىقىشى بولدى...
تۆۋەندە مەن بۇ خاتىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم،بەلكىم سىلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ ۋە ئىلھام بەرسە ئەجەپ ئەمەس.
بىرىنچى قەدەمدىكى لايىھەنى پۈتتۈرۈپ بولدۇم.سىز بۇ بىرىنچى بەتتىن كۆرۈۋالالايسىزكىن،مەن ھازىر تۇنجى قەدەمدە توربەتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمەن.بۇ لايىھەدە مەن كىيىنكى لايىھەلەرگە ئالاقىدار نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى سېستىمىلىق شەرھلەپ چىقتىم.

ئاندىن،مەن ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان سەزگۈ ئېلىمىنىتلىرىنى سىدام سىزمام ئارقىلىق قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەپ چىقتىم،ھەمدە تور بەتنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدە بۇ سەزگۈنى قانداق سىڭدۈرۈش ھەققىدە ئىزدەندىم.

دەسلەپكى لايىھەم Web توربەت كۆرگۈچلىرىدە بەلكىم ئوخشىمايدىغان ئۈنۈم بىرىشى مۇمكىن،شۇڭا،ئوخشىمايدىغان ئۈنۈم توغرىسىدا ئازراق ئىزاھ ۋە شەرىھلەرنى يېزىپ ئۆتتۈم.

بەت بۆلەكلىرى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە باشلىدى.بۇ سىزمامدا ئوخشىمايدىغان رەڭ ۋە دولقۇنسىمان سىزىقلار ئارقىلىق ھەرخىل ئۇسلۇبدىكى بۆلەكلەرنى ئىپادىلەپ چىقتىم ھەمدە تېخىمۇ كۆپ سۆزلەر ئارقىلىق بۇ بۆلەكلەر ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم.

يېڭىلىق يارىتىش ئىلھامىم بىلەن بۇ لايىھە بەتنىڭ سەھىپە رايونىنى ئىپادىلەپ ئۆتتۈم.گەرچە،بۇ بەك مۇھىم بولمىسىمۇ مەن يەنىلا سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزنىڭ ئەكسىچە،ئەڭ ئاخىرىدا كومپىيۇتېر ئېكرانىدا بۇ يەرنى ئىپادىلەپ چىقىشىم مۇمكىن.

سىدام سىزمام تاماملانغاندىن كىيىن مەن Photoshop ئارقىلىق ھەرقايسى بۆلەكلەرنى ياساپ چىقىشىم كېرەك.

لايىھەم تامام بولدى،ئەمدى بۇ دەسلەپكى لايىھەمنى ماڭا بۇيرۇتقان خېرىدارىمغا تاپشۇردۇم.سىزمىلارغا قايتا نەزەر تاشلىغىنىڭىزدا سىز بۇ سىزمىلاردىكى قايسى ئېلىمىنىتلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تور بەت لايىھەمگە قوشۇلغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

شۇنداق قىلىپ ھەممە ئىش تامام بولدى.سىز قانچە كۆپ مەشىق قىلسىڭىز سىدام سىزمىڭىزنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ھەمدە توربەت لايىھىڭىزنىڭ كۆركەملىكى شۇنچە چوڭ ئاشىدۇ.توربەت ياساش ھەرگىزمۇ خالىغانچە ياساش ئەمەس بەلكى ئىجادچانلىق روھى بىلەن ئىزدىنىش روھىنى بىرلەشتۈرۈپ،پۈتۈن دىققىتىڭىز بىلەن ئېلھامىڭىزنى ئىپادىلەشتۇر.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPressنىڭ كودى بىلەن بلوگغا بلوگ ھەققىدە قىسقىچە ئىستاتىستىكا ئىقتىدارىنى قوشۇش (34)
- WXRsplit يۇمشاق دېتالى XML نى مۇكەممەل پارچىلاش (4)
- [WordPress ئۇسلۇبى] cavano ئۇسلۇبى زاۋۇتتىن چىقتى (93)
- wp-php-widget قىستۇرمىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش (4)
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو] دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن نادىر كىنو–لەگلەك قوغلىغۇچى بالا (19)
- [كۈلۈۋېلىڭ] ئاھ، دۈشمەننىڭ مەرگىنىدىن قورقمايمەن زېنھار، چوشقىدەك دۆت سەپداشدىنلا قورقىمەن!… (7)
- 73-قېتىملىق ئەڭ نادىر ئوسكار كارتون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون فىلىم–ئاتا ۋە قىز (9)