- سەھىپە:WP قىستۇرمىسى
- | باھا:4
- | زىيارەت: 1,549 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، php, plugins, Wordpress
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك،Wordpressنىڭ ۋىجېت(widget)رايونى گەرچە HTML قوللىسىمۇ،ئەمما PHP قوللىمايدىغان بولۇپ،يان بۆلەككە مەلۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كەتكەن PHP كودىنى ئامال يوق،يان بۆلەك ھۆججىتى بولمىش sidebar.php ئارقىلىق تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ.بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان قىستۇرما دەلWordpressنىڭ ۋىجېت(widget)رايونىنى PHP تونۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
قىستۇرما ھەققىدە
wp-php-widget قىستۇرمىسى-Wordpressنىڭ ۋىجېت(widget)رايونىنى PHP تونۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەپچىل قىستۇرما بولۇپ،قىستۇرمىنى قاچىلاپ،قوزغاتقاندىن كېيىن، ئالاقىدار PHP كودىنى ئارقا سۇپىدىن كېرىپلا،مەلۇم بىر ۋىجېتكە قوشۇپ قويساقلا بولىدۇ،بۇ ئارقىلىق بىز ئۇسلۇب ھۆججىتى بولغان يان بۆلەك ھۆججىتى sidebar.phpنى ئۆزگەرتىش مەشخۇلاتى ۋە بىخەستەلىكدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولىمىز.بۇ قىستۇرما PHP تىلىغا پىششىق ئەمەس ۋە ياكى WordPressگە ئەمدى كۆنگەن ھەۋەسكار دوستلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
قىستۇرمىنى قاچىلاش ۋە قوزغىتىش
1.ئارقا سۇپىدىن ئىزدەپ تېپىپ ياكى بۇيەردىن چۈشۈرۈپ سېستىمىغا ئورنىتىڭ.
2.قىستۇرمىلار مەركىزىدىن،مەزكۇر قىستۇرمىنى تېپىپ قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
3.ناۋادا كېرىكى بولمىسا،قىستۇرمىنى توختىتىپ ياكى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
قىستۇرمىنى ئىشلىتىش
قىستۇرمىنى قاچىلاپ،قوزغاتقاندىن كېيىن،ئارقا سۇپىنىڭ ۋىجېت رايونىدىكى «ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋىجېتلەر»قاتارىغا PHP قوللايدىغان PHP widget قوشۇلىدۇ.
ئاندىن،بىز بۇ ۋىجېتنى ۋىجېتلار قاتارىغا تارتىپ ئەپكىرىپ،يان بۆلەككە قوشماقچى بولغان PHP كودىنى چاپلاپ قويساقلا بولىدۇ.
ئىقتىدارى ئوخشىش قالىدىغان باشقا قىستۇرمىلار
wp-php-widget قىستۇرمىسى بىلەن ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوخشىشىپ قالىدىغان قىستۇرمىلاردىن PHP Code Widget،PHP-Widgetify قاتارلىقلار بار.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- ئىجادىي ئۇسلۇبىمىز simpleغا رەسىملىك ئۇلىنىش ئىقتىدارى قوشۇشنىڭ تەدبىرى (6)
- [تەرجىمە دەرسلىكى]ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە… (1)
- ئاگاھ بولۇڭلار ئەي ئۇيغۇر بلوگداشلار، كاتتا شان-شەرەپ ۋە مۇھىم ۋەزىپە باشلاندى…. (10)
- ئەزىز بلوگداش، 2012-يىلى نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟…. (22)
- ئەلكۈيىدە يېزىشقان خەتلەر-1 (5)
- [ھەسرەتلىك خىياللار]ئۇيغۇر توربېكەتلىرىنى ئەسلەيمەن…
- PHPSay مىكروبلوگ سېستىمىسى ئۇيغۇرچىلاشقان نۇسقىسىنى تارقىتىلدى (3)
- [ كارامەت يېڭىلىق ] مىكروسوفىتتىن يەنە بىر يېڭىلىق–3D ئۈستەل يۈزى، تور بېكەتلەرنىمۇ تۇتالايدىكەنسىز… (6)
- [WordPress قىستۇرمىسى] IE-Theme ۋە بۇ ئارقىلىق بىر بلوگدا ئىككى ئۇسلۇب ئىشلىتىش
- Web فونتى(خەت نۇسخىسى) چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ھەرقايسى جاھاننامىلەردىكى سىغىشچانلىقى ھەققىدە بايان(تەرجىمە)
- ھەقسىز تور دىسكىسى DBank
- تور بېكەتنىڭ باشقىلارنى جەلپ قىلالماسلىقىدىكى يەتتە سەۋەب< (2)