ئالدىنقى قېتىم،تۇرايىمىزدا «PHPSay مىكروبلوگ سېستىمىسى بىلەن ئېتىشىپ كۆرگۈلۇق!…»ناملىق يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،نۇرغۇن تورداشلار بۇ سېستىمىغا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلەپ ئۆتۈپ،بولسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىش تەكلىبىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە،يېقىندىن بىرى WordPressدە بلوگ ئېچىۋاتقان بلوگگېر دوستلار مەزكۇر سېستىمىغا يانداشتۇرۇپ،بىر مىكروبلوگ ئېچىش ئويىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلىشقانىدى.ئاخىرى نۇرقۇت تورىدىكى نۇرقۇت ئەپەندىم بىلەن بۇ سېستىمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەييار قىلدۇق.ئەمىسە،دىققىتىڭىز مەزكۇر يازمىدا بولسۇن.
مىكروبلوگ PHPSay سىستېمىسى ھەققىدە قىسقىچە كەلىمە
PHPSay مىكروبلوگ سىستېمىسى بولسا،PHPSay ئەترىتى تەرىپىدىن مۇستەقىل يېزىپ چىقىلغان يەككە كىشىلىك مىكروبلوگ سىستېمىسى بولۇپ،كۆرۈنۈشى شۇنداق ئاددىي ھەمدە سىپتا،قاچىلاش ئوڭاي،مەشغۇلات ئاددىي بولۇشىدەك ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن تورداشلارنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.نۆۋەتتە ئەڭ يېڭى نەشرى 1.3 بولۇپ،ئالدىنقى نەشىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن ھەمدە يېڭىدىن ئادرىس قىسقارتىش،ئىنكاس يېزىش،كۆپ مىكروبلوگلارنى ماس قەدەمدە تەڭ يېڭىلاش،ئىستاتىستىكا كودى قوللاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوشقان.
چۈشۈرۈش ئورنى:http://www.phpsay.com
كۆرۈش ئادرىسى:http://www.zhuliang.info
ئىجرا بولۇش مۇھىتى:PHP 5+ / Mysql 5+
ئادەتتە WordPress قاچىلىغان بوشلۇقىمىزدا ئىجرا بولىۋېرىدۇ.
سېستىمىنى قاچىلاش
1.سېستىمىنى يازما ئاخىرىدىكى چۈشۈرۈش ئورنىدىن چۈشۈرۈپ بوشلۇققا يوللاڭ.
2.ئاندىن جاھاننامە ئارقىلىق،install.php ھۆججىتىنى ئېچىڭ(يەنى http://www.xxxx.xx/x/install.php ھالەتتە ئېچىڭ،ئىككى يانتو بەلگە ئارىسىدىكى x بولسا مىكروبلوگ ئورنىتىلغان ھۆججەت قىسقۇچ نامى)
3.ئاندىن،ئېچىلغان كۆزنەككە ساندان ۋە باشقۇرغۇچى ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇپ،قاچىلاش كونۇپكىسىنى بېسىڭ.
4.تەڭشەكلەر قىسمىغا كىرىپ،مىكروبلوگنى خاسلاشتۇرۇپ تەڭشەڭ.
ئۇسلۇب تەڭشەش
بۇ قېتىم تەمىنلەنگەن ئۇسلۇبمۇ ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلگەن بولۇپ،ئەلپىدا خەت نۇسقىسى(Alpida Unicode System)ئىشلىتىلگەن.شۇڭا،ئەلپىدا خەت نۇسقىسىدا ئىشلىتىلگەن ئېئوت(eot)كودىنى _static\default ئىچىدىكى style.css ھۆججىتىنىڭ ئەڭ بېشىغا قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ئۇسلۇبنىڭ باشقا تەڭشەكلىرىنىمۇ مۇشۇ ھۆججەتتىن تەڭشەيسىز.
سېستىمىنىڭ 140 ھەرپ چەكلىمىسىنى بۇزۇش
(بۇ ئۇسۇل ‹‹نىدانىڭ ئويلىرى››دىن بىۋاستە ئېلىندى):بۈگۈن بۇ مىكرو بلوگنىڭ ئەسلى تەمىنلىگۈچىسىنىڭ تور بېتىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىرى باشقىلار ئۆزگەرتكەن ئۇسۇل بويىچە يازما ئۇزۇنلۇق چېكىنىڭ 140 ھەرپ بولۇشتەك تازىمۇ بىمەنە (مەن ئۈچۈن، ئەمما باشقىلار ئۈچۈن قانداقكىن، بۇنى بىلمىدىم) بىر ئىشنى ئاخىرى تۈزىتىۋالدىم، تۈزىتىش ئۇسۇلى ئۈچ باشقۇچقا بۆلۈنىدىكەن، ئالدى بىلەن سانداندىكى ھەرپ چېكىنى ئۆزگەرتىدىكەنمىز، مەن 2800 دەپ كىرگۈزسەم، ساندان مەلۇمات تىپىنىڭ چېكى ئاران 255 دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەلۇمات تىپىنى ئۆزگەرتىۋەتتىم، ئىككىنچى قېتىمدا غول مۇندەرىجىدىكى index.php نىڭ ئىچىدىكى 140 دېگەن ساننىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىپ چىقىدىكەنمىز، ئەڭ ئاخىرىدا default نىڭ ئاستىدىكى index.html بىلەن js نىڭ ئاستىدىكى action نى ئۆزگەرتىۋتسەكلا بولىدىكەن، ئەمما يانفوندا يوللىسا يەنىلا 140 چېكى چىقىۋالىدىكەن، بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن m دىكى ماس ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتىپ قويسىلا بولىدىكەن.
WordPressدە مىكروبلوگنى كۆرسىتىش
ئەلۋەتتە،سېستىمىنى ئىشلەتكەندىكىن،بلوگىمىزدا يېزىۋاتقان مىكرويازمىلىرىمىزنى كۆرسەتمىسەك بولماس.
بۇنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:يان تەرەپ ھۆججىتى(sidebar.php)نىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا تۆۋەندىكى كودنى قويۇڭ(كوددىكى http://uyghurbeg.net/t/ نى ئۆزىڭىزنىڭ مىكروبلوگ ئادرىسىغا ئۆزگەرتىشنى ئونۇتماڭ):
<p><img style=“margin: 0px 10px; display: inline; float: right“ align=“right“ src="“http://uyghurbeg.net/t/_static/avatar/avatar.jpg“ />بۇ ئۇيغۇربەگنىڭ تاقا-تۇققىلىرى<font size=“2″>ناۋادا،سىز ئۇ تاقا-تۇققا سۆزلەرنىڭ جەريانىغا قىزىقسىڭىز،بۇيەرگە مەرھەمەت قىلىڭ.</font></p>
<?php $feed = fetch_feed(‘http://uyghurbeg.net/t/rss.php’);
$items = $feed->get_items(0,7);
foreach($items as $item) {
echo ‘<li>’.$item->get_title().’<br />’.'<span style=“float:right;“><a href="“http://uyghurbeg.net/t/“></a></span>’.'</li>’;
}
?>
ناۋادا يۇقارقى كوددا مەسىلە كۆرۈلسە كودنى بۇيەردىن چۈشۈرۈپ قايتا سىناڭ.
ئەگەر php كودلىرى بىلەن تازا پىششىق بولمىسىڭىز،ئەڭ ياخشىسى WP PHP widget قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىڭ.
مىكروبلوگ Phpsay سېستىمىسى ئۇيغۇرچىلاشقان نۇسقىسىنى چۈشۈرۈش
ھۆججەت نامى:Phpsay | ھۆججەت سىغىمى: 28.20MB |
MDB تەستىقى:نامەلۇم | ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن! |
يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ | [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ] |
◎تۇرايىمىزدىكى يۇمتاللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان،سودا خاراكتىرىدە پايدىلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ◎نەشىر ھوقۇقۇمغا دەغلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،شۇ ھامان ئىنكاس قىلىڭ،24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىمىز.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WPtouch قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچىلاشتى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى! (31)
- دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى–ئاي ئەپسانىسى (7)
- [مەخپىي رېتسىپ] WordPressدە قوش ئىستونلۇق ئۇلىنىش تېخنىكىسى (6)
- بلوگ نامىڭىز ھەمدە تور نامىڭىز ھەققىدە مۇڭداشمامدۇق؟ (5)
- (كۆچۈرۈلمە)WordPress 3.1 بىزگە نېمە ئېلىپ كىلىدۇ؟ (2)
- بلوگ سېستىمىسى] emlog 3.5.2 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى تارقىتىلدى
- [Windows7 ئۇسلۇبى] ‹‹نانىيا رىۋايىتى3›› چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى (2)
- بۇ قېتىم مەنمۇ قاراپ ئولتامىدىم، ئىجادىي بولمىسىمۇ ئۆزلەشتۈرمە ئۇسلۇب تارقىتىمەن، نامى: D4 (94)
- پرېستان نەگە كەتتى؟ (11)
- Prestan Simple 2.0 ئۇسلۇبى ئېلان قىلىندى، چۈشۈرمىگەن بلوگگېرلار ئارماندا… (39)
- Prestan Simple ئۇسلۇبىمىز يېڭىلاندى، خاتالىق تاپقانلارغا ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ!… (18)
- WordPress ئۇسلۇبىغا ئۆزى بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارىنى قوشۇش تەدبىرى (6)