emlog بولسا ”every memory log“ نىڭ قىسقارتىلما ئسىمى بۇلۇپ، php ۋە mysql مۇھىتىدا قۇرۇلغان ئىقتىدارلىق شەخسىي بلوگ سېستىمىسى(blog). مەزكۇر بلوگ سۈرئىتىنىڭ تىزلىكى، ئىقتىدار جەھەتتە مۇقىملىقى، ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئاددىيلىقى ۋە راھەتلىكى بىلەن سىزگە سىزگە ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت قىلالايدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر سېستىما بىلىملەر تورىدىكىلەر تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىلدى. قىزىقسىڭىز مەزكۇر يازمىنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز.
1 مېنۇتتىلا قاچىلاش
1.src نىڭ ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى بلوگ قاچىلىماقچى بولغان ئورۇنغا چىقىرىسىز.
2. تور كۆرگۈچكە بلوگ قاچىلىماقچى بولغان ئورۇننىڭ كەينىگە install.php نى قۇشۇپ ئاچىسىز ۋە كۆرسەتمىلەر بۇيىچە ئورنىتىش مەشخۇلاتى ئېلىپ بارىسىز.
3. قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولدى، قاچىلاش ھۆججىتى install.php نى بوشلۇقتىن ئۈچۈرۋېتىڭ.
ئىقتىدار چۈشەندۈرۈلىشى
بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق ئۇسلۇب ئالماشتۇرالايسىز، شۇنداقلائۆزىڭىز خالىغان ئۇسلۇبتىكى بلوگ قۇرالايسىز.
يازما يازغان ۋاقتىڭىزدا ئاپتۇماتىك ساقلاش ئىقتىدارى بۇلۇپ، يېزىۋاتقان يازمىڭىزنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
يازما ساقلىغۇچ ئىقتىدارى بۇلۇپ، تېخى تۇلۇق يېزىپ بۇلالمىغان يازمىلىرىڭىز بولسا ساقلىغۇچقا ساقلاپ قويۇپ ۋاقىت چىقىرىپ داۋاملىق يېزىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.
يانغوندا كۆرۈش ۋە يازما يوللاش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان شارائىتتا يانفوندا يازما كۆرۈپ، يازما ۋە مىكرو بلوگ يازالايسىز.
يەرلىكتە يازما يېزىش ئىقتىدارى بار. سىز Windows Live Write قاتارلىق دېتاللارنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ قۇلايلىق يازما يازالايسىز.
مىكرو بلوگ يوللاش ئىقتىدارى بۇلۇپ، كۆڭلىڭىزدىكىنى يوللاپ تورداشلار بىلەن تەڭ ئورتاقلىشالايسىز.
ھەركەتچان يان سېتون قۇشۇلغان بۇلۇپ، خالىغاندا يىغىپ قويسىڭىز، ئېلىۋەتسىڭىز ۋە قوشسىڭىز بولىدۇ.
كەڭ كۆلەملىك قىستۇرما قوشۇش ئىقتىدارى بۇلۇپ، خالىغانچە قىستۇرما قۇشۇپ بلوگنى تېخىمۇ ئىقتىدارلىق قىلالايسىز.
يەككە بەت ئىقتىدارى بۇلۇپ، خالىغانچە سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى، بلوگ ھەققىدە ۋە تۈرلۈك ئېلان قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
كۆپ كىشى بىرلىشىپ يازما يوللاش ئىقتىدارى بۇلۇپ، ئارقا باشقۇرۇشتىن ئاسانلا باشقا بلوگ يازغۇچى قوشۇپ بىرلىشىپ بلوگ يازالايسىز.
ھەركەتچان خەتكۈچ(tab) قوللايدۇ. سىز بۇ ئارقىلىق بلوگ كۆرۈرمەنلىرىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتالايسىز.
قۇشۇمچە يوللاش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ (رەسىم، ھۆججەت) قاتارلىقلارنى خالىغانچە يوللاپ، باشقۇرالايسىز.
يوللانغان رەسىملەرنى خالىغانچە تارتىپ يازمىڭىزنىڭ خالىغان ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ يازمىڭىزنىڭ تېخىمۇ جانلىقلىقىنى ۋە كۆركەملىكىنى ئاشۇرالايسىز
باش بەتتىن كالىندار بۇيىچە يازما كۆرۈش ئىقتىدارى بۇلۇپ، بلوگ كۆرەرمەنلەرگە تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتىدۇ.
ئۇچۇر يېڭىلاش تېخىكىسى قوللىنىلغان بۇلۇپ، بلوگنىڭ ئىجرا بۇلۇش سۈرئىتىنى تىزلەشتۈرىدۇ.
RSS يازما كۆرۈش ئىقتىدارى بۇلۇپ، دوستلىرىڭىز تېخىمۇ قۇلاي ھالدا سىزنىڭ بلوگىڭىز يازمىلىرىنى زىيارەت قىلالايدۇ.
ساندان زاپاسلاش ۋە ياندۇرۇش ئىقتىدارى قۇشۇلغان.
بلوگ سىتاستىكا ئىقتىدارى قۇشۇلغان.
ئىشلىتىش داۋامىدا بىرەر خاتالىق بايقىسىڭىز ياكى مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، تۆۋەندىكى مەنزىلگە كېرىپ مەلۇم قىلغايسىز.مەنزىل: http://www.bilimlar.com/blog/?post=2
كۆرگەزمە ۋە چۈشۈرۈش
بىلىملەر بلوگىدىن كۆرۈنۈش، چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ
كۆرگەزمە ئادىرىسى: http://www.bilimlar.com/blog
ھۆججەت نامى:emlog | ھۆججەت سىغىمى: 493 KB |
يۈك مەنبەسى: ئۆز بوشلۇقىمىز | ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن! |
يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ | [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ] |
◎تۇرايىمىزدىكى يۇمتاللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان،سودا خاراكتىرىدە پايدىلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ◎نەشىر ھوقۇقۇمغا دەغلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،شۇ ھامان ئىنكاس قىلىڭ،24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىمىز.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- « 58- نۆۋەتلىك بېرلېن ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نادىر فىلىم – پەلەك (13)
- IE نىڭ باشبەت ئۆزگۈرۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش (12)
- [تىز ئۇچۇرلار] WordPress 3.0 beta 2 بۈگۈن رەسىمىي ئېلان قىلىندى (1)
- «ئەلكۈيى مىكروبلوگى»نى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشلىتىشتىن تۇغۇلغان ئويلار (2)
- بىر ياشقا تولغان كۈنۈڭگە مۇبارەك،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى!… (40)
- WordPress 3.01 دە Gravatar باش سۆرىتى كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش (13)
- [wordpress قىستۇرمىسى] ئوقۇرمەنلەر تېمى(ئۇيغۇرچە قىستۇرما) (2)