- سەھىپە:IT يېڭىلىقلىرى, ئۇيغۇربەگ تەجرىبىلىرى, ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
- | باھا:2
- | زىيارەت: 1,210 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، blog, Microblog, ئۇيغۇر
قايسى كۈنى تېخى گۈدۈكنى تاقالدى دەپ جاكارلانغان ئىدى، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئەلكۈيى تورىغا قاراشلىق بولغان ئەلكۈيى مىكروبلوگى كۆزگە كۆرۈنگەن ھەر قايسى ساھە زاتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، خېلى داغدۇغىلىق ھالدا ئېلان قىلىندى. دەسلەپتە مەن سىناق سۈپىتىدە ئەزا بولغان بولساممۇ، بۈگۈن رەسىمىي ھالدا ئولتۇرۇپ چىقىپ ئەلكۈيى مىكروبلوگىنى بىر قۇر كۈزۈتۈپ چىقتىم. كۈزۈتۈپ چىقىشىمدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ-ئەلكۈيى مىكروبلوگىنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمىنىڭ تەنتەنىلىك بۇلىشى، شۇنداقلا مەن ھۆرمەت قىلىدىغان يازغۇچىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەزكۇر مۇراسىمغا قاتنىشىشى، شۇنداقلا مەن قىزىقىدىغان مۆمىنجان ئابلىكىم، ئابدۇكېرىم ئابلىز، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، مۇنىرە غۇپۇر، مەمەتجان رۇزى سايىت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېلى مەشھۇر بولغان سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ مۇراسىمدا نەق مەيداندا ياكى باشقا جايدا تۇرۇپ ئەلكۈيىدىن مىكروبلوگ ئېچىشى بولدى. كەمىنە گۈدۈك مىكروبلوگىنى خېلى بىر مەزگىل ئوينىغان بولغاچ، ئۇيغۇرچە مىكروبلوگ ھەققىدە ئازراق ساۋاققا ئىگە بولغان ئىدىم. بۈگۈنكى بۇ يازمامدا مەن ئەلكۈيى مىكروبلوگى ھەققىدى تۇنجى سىناقتىن كېيىنكى تەسىراتىمنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى.
1. كۆرۈنمە يۈزى ياخشى چىققان. بايقىشىمچە مەزكۇر مىكروبلوگنىڭ سېستىمىسى بىلەن گۈدۈك ئەينى چاغ قوللانغان مىكروبلوگنىڭ سېستىمىسى ئوخشاش بىر سېستىما. ئەمما ئەلكۈيى مىكروبلوگىنىڭ تەڭشىلىشى ھەمدە ھەر قايسى جاھاننامىلەرنى قوللىشى يامان ئەمەس چىققان، ئەڭ مۇھىمى، بايقىسام گۈدۈك تورىدا ھەل قىلىنمىغان چىراي ئىپادىسىدىكى خەنچە خەت مەسىلىسىنى ئەلكۈيى مىكروبلوگى باشتىلا ھەل قىلىپ چىققان. دېمەك ئەلكۈيى مىكروبلوگى كۆرۈنمە يۈزىگە خېلى كۈچىگەن.
2.مىكروبلوگنىڭ ئېلان قىلىشى خېلى داغدۇغىلىق بولغان. گۈدۈك ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىز باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن خەۋەر تاپقان ھەمدە باشقىلارنىڭ تىزىملىتىش نۇمۇر ھەدىيە قىلىشى بىلەن تىزىملاتقان، يەنى بىز ۋاستىلىك ھالدا ئەزا بولغان، ئاندىن بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاندىن ئاشكارا ئېلان قىلغان. ئەلكۈيى مىكروبلوگىنى بولسا ئاۋۋال ئىچكى سىناقتىن ئۆتكۈزگەندىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، رادىئو ۋە تور يۈزىدە بىراقلا ئاشكارا ئېلان قىلغان.
3.داڭلىق كىشىلەرنىڭ مىكروبلوگ ئېچىشقا تەكلىپ قىلىشى ناھايىتى ياخشى بولغان. ئەينى چاغدا سىنا مىكروبلوگى ئويناپ يۈرگىنىمدە، نۇرغۇنلىغان داڭلىقلىرىمىزنىڭ شۇ يەردىمۇ مىكروبلوگ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، ھەمدە بەزىلىرى بىلەن شۇ سىنا مىكروبلوگ ئارقىلىق تور يۈزىدە بولسىمۇ پىكىرلىشىشكە مۇۋەققەت بولغان. ئەلكۈيى تور بېكىتى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مىكروبلوگنىڭ ئېچىلىشىدا ئونلىغان داڭلىق كىشىلەرنى مىكروبلوگ ئېچىشقا كۆندۈرۈپ ئىشنى ياخشى باشلىغان.
4. تورداشلارنىڭ قىزىقىشى ناھايىتى يۇقىرى بولغان. ئەلكۈيى مىكروبلوگىنىڭ داغدۇغىلىق ئېلان قىلىنىشى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققەت-ئىتىبارىنى قوزغىغان بولسا كېرەك. كەمىنە تۆنۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت سەككىزلەردە تىزىملاتقان، ھازىرغا قەدەر 650 نەپەر تورداش ماڭا ئەگەشكەن، ئەمما سۆز بايان قىلغان تورداش 100 نەپەرگە يەتمەيدىكەن، ئەمما بايقىسام. ئەلكۈيى مىكروبلوگىنى ئەلكۈيى مۇنبىرى بىلەن بىرىكتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنى ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى تورداشلار ئۆز نامىدا ئەلكۈيى مىكروبلوگىغا كىرەلەيدىكەن، بەلكىم ئەزالارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ مۇنبەردىكى ئەسلى ئەزالاردىن كەلگەن بۇلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئاز ۋاقىت ئالدىدا ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ Discuzغا كۆچكەنلىكىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمدى ئەلكۈيى مۇنبىرىنىڭ نېمىشقا Discuzغا كۆچكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
5. دەلىللەنگەن ئەزالارغا قارىسام ھەممىسى ھەقىقەتەن «داڭلىق كىشىلەر» ئىكەن، بىزدەك تور بېكەت قۇرۇپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ «دەلىللەنگەن ئەزا» بۇلالىشى ئەمدى تەس ئوخشايدۇ.
6. ئەلكۈيى تور بېكىتى مىكروبلوگنى ئېچىشقا خېلى كۈچىگەنلىكى ئېنىق، ئەمما ۋاقىت قىسلىقى يۈز بەرگەنلىكى ھەم ئېنىق. مىكروبلوگدىكى بەزەن جايلارنىڭ تەرجىمىسىنىڭ چالا قېلىشى، ئىملا خاتالىقىنىڭ خېلى بۇلىشى، تەڭشەشكە تىگىشلىك جايىنىڭ بۇلىشى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، مىكروبلوگ ئەمدى ئېچىلدى، داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا ھەمدە ياخشىلىشىغا ھەم پۇرسەت ھەم ۋاقىت بار، ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بارالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
. ئەلكۈيى تور بېكىتىنىڭ باشقا ساھە زاتلىرىرىدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر مىكروبلوگ ساھەسىنى قىزىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ئەلكۈيى مىكروبلوگىنىڭ ئۇزاق، مۇقىم مېڭىشىغا تىلەكداشمەن.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- ھەقسىز تور نامى .TKنى ئىشلىتىۋاتقانلار دىققەت، مۇتنىڭ ۋاقتى كەپتۇ! (14)
- [تەسىرات] تەتىلدىكى پارچە-پۇرات ئىشلار(3)
- ئايفونچى بلوگداشلارغا تەۋسىيە ئەپ – WordPress for IOS (6)
- «قەيسەر يۈرەك» فىلىمىدىن تۇغۇلغان «قەيسەر» خىياللار… (23)
- [ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟ (1)
- [ئالاھىدە تەۋسىيە] WordPressنىڭ مۇقىم ئۇلانما ئىقتىدارى ۋە كۆرسەتمە كودلار (17)
- wp-php-widget قىستۇرمىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش (4)