[تەسىرات] تەتىلدىكى پارچە-پۇرات ئىشلار(3)

p_large_WFWg_1017f017017

-ھىي ئۇكامۇي،مەكەسىلە مەگە!-ئارقا تەرەپتىكى بىر موماي بېلەت ساتقۇچى قىزنى توۋلىدى،-ما پۇلنى ئاسىلا،ماڭا مۇنداق نەرسىنىڭ كېرىكى يوقكەن ئويلاپ باقسام!
موماي گىپىنى تۈگىتىپ،يېنىدىكى ياشانغانلىق كېنىشكىسىنى چىقىرىپ،رەسىمىنى سۇيۇۋالغاندىن كېيىن،ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن چۈرۈۋەتتى.ئاپتوبۇس داۋاملىق يۈرۈۋەردى،ئەمما ئاپتوبۇس ئىچى بولسا بىر خىل قورقۇنىچلۇق سۈكۈتكە تولغان ئىدى.

قايتىپ كەلگەن يىگىرمە سوم

p_large_vs5o_1020o017014

بازارنىڭ تازا ئاۋات ۋاقتىدا،كىمنىڭ پۇل بېرىپ،كىمنىڭ پۇل بەرمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان چاغلىرى بولىدىكەن،بۇ ۋاقىتتا شۇ خېرىدارلارنىڭ ئىنسابىغا باغلاپ،سودا قىلىۋىرىدىكەنمىز،كىچىك چاغلىرىمدا،چوڭلاردىن پالانى كىشىنىڭ پۇل بەرمەي كېتىپ قالغانلىقىنى،پۇستانى كىشىنىڭ ئارتۇق قايتۇرۇلغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمەي يوقاپ كەتكەنلىكىنى…دېگەندەك ئىنساپقا باغلىق ئاچچىق ھېكايىلىرىنى تولا ئاڭلايتىم،تاسادىبىي ئارتۇق قايتۇرۇلغان پۇل بەزىدە بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلسا،بۇنى يەنە ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىگە باغلاپ،شۈكۈر قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدىكەنمىز.

سودىگەر-بىر ئۆلىما كىشىنىڭ نەقىل كەلتۈرگەن ھەدىسىدە دىيىشىچە،جەننەتكە ئەڭ يېقىن كىشىلەر توپىنىڭ بىرى ئىكەن،مەنمۇ بىزنىڭ كىچىك تىجارىتىمىز بىلەن شۇ سودىگەر قاتارىغا كىرەلەيمىز دەپ قارايمىز.

بىر كۈنى،خېلى كەچ بولغان چاغ،دۇكاننى يىغىپ ئۆيگە قايتايلى دەپ،ھەدەپ تەييارلىق قىلىۋاتقان چاغ،تۇيۇقسىز بىر كىشى <<پۇلنى بېرىشنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن،ئۆيگە يېقىن بېرىپ ئىسىمگە كەلدى!>دەپ يىگىرمە سوم پۇلنى تۇتقۇزۇپ،باشقا گەپ قىلماي كېتىپ قالدى.ئاپام ئۇ كىشىنى تونۇيدىكەن،<<تاشئېرىقلىق ئادەم ئۇ!…>>دېدى ماڭا.تاشئېرىق-ناھىيە مەركىزىگە يېقىن بولمىغان بىر يېزا ئىدى،ئاپام قانداق ئويلىدى بىلمىدىم،مەن بولسام بىر خىل ئىللىقلىق ئىچىدە قىززىپ كېتىۋاتاتتىم.ئىسىمگە شۇ ھامان شەرقنىڭ ئارىستوتىلى دەپ قارالغان فارابىينىڭ <<پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىلىرى>>دېگەن كىتابىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئىسىمگە كەچتى.بۇ ھىكايە ئاڭلىماققا ئاددىيدەك تۇيۇلغان بىلەن،مەن قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە مۇنداق ھېكايىلەردىن ناھايىتى نۇرغۇننى ئۇچراتماقتا ئىدىم…

ياشانغانلىق كېنىشكىسى يوق بوۋاي ۋە ياشانغانلىق كېنىشكىسى بار موماي

p_large_Mrrj_68c500098dbe5c43

ئۆيگە كېلىپ،بىرقانچە كۈن ئۆتمەي پويىز ئىستانىسىغا ئوقۇغۇچىلار بېلىتىنى سېتىۋالغىلى بارماقچى بولۇپ،شۇ مەنزىلگە ئاپىرىدىغان كوچا ئاپتوبوسىغا چىقتىم.بۇ چاغدا باشقا ۋاقىتقا قارىغاندا كىشىلەر بىر قەدەر ئاز ئىدى،ئاپتوبۇس ئۇزاق ماڭماي تۇرۇپ، خېلى ياشىنىپ قالغان بىر بوۋاي چىقىپ كەلدى ۋە يان تەرىپىمدىكى ئورۇندا ئولتۇردى.
-دادا،بېلەت ئالاملا ياكى ياشانغانلىق كېنىشكىلىرى بارمۇ؟-بوۋاي تېخى ئورۇنلىشىپ بولالمايلا،بېلەت ساتقۇچى قىز يۈگۈرەپ كەلدى.
-ياشانغانلىق كېنىشكەمغۇ يوق،بېلەت ئالمىساممۇ بولا،ياشانغان بولغاندىكىن!-بوۋاي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى.
-كېنىشكا بولمىسا پۇل تۆلەيلا،سىلىنىڭ بىكارغا چىقىۋالىدىغان ئېشەك ھارۋىسى ئەمەس بۇ!-دېدى قىز قوپاللىق بىلەن قاپىقىنى سۇزۇپ.بوۋاي ئارتۇق گەپ قىلماي يېنىدىن پۇلنى چىقىرىپ قىزغا سۇندى.
-ھىي ئۇكامۇي،مەكەسىلە مەگە!-ئارقا تەرەپتىكى بىر موماي بېلەت ساتقۇچى قىزنى توۋلىدى،-ما پۇلنى ئاسىلا،ماڭا مۇنداق نەرسىنىڭ كېرىكى يوقكەن ئويلاپ باقسام!
موماي گىپىنى تۈگىتىپ،يېنىدىكى ياشانغانلىق كېنىشكىسىنى چىقىرىپ،رەسىمىنى سۇيۇۋالغاندىن كېيىن،ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن چۈرۈۋەتتى.ئاپتوبۇس داۋاملىق يۈرۈۋەردى،ئەمما ئاپتوبۇس ئىچى بولسا بىر خىل قورقۇنىچلۇق سۈكۈتكە تولغان ئىدى.



无觅相关文章插件,快速提升流量


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif