- سەھىپە:IE تېخنىكىسى
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 942 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، bbs, internet, wordoress
مۇنبەر دېسە،نۆۋەتتە تورغا چىقىپ يۈرگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە بىلمەيدىغىنى يوق بولسا كېرەك.مۇنبەر-شۇ تاپتا نۇرغۇن ئوخشاش ئوي-پىكىردىكى تورداشلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان،ئۆز-ئارا ئۇچۇر ۋە بىلىم بىرىدىغان تور ۋاستىسى.نۆۋەتتە،ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر phpwind،Discuz قاتارلىق دۆلىتىمىزدىكى بىرقەدەر داڭلىق مۇنبەر سېستىمىلىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.بۈگۈن تۇرايىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىزمۇ نۆۋەتتە دۆلەت سىرتىدىكى بىرقەدەر داڭلىق بولغان 7 ئۇچۇد كودلۇك مۇنبەر سېستىمىلىرىدۇر.
1. phpBB
phpBB بولسا PHP تىلىدا ئېچىلغان ئۇچۇد كودلۇق مۇنبەر پروگراممىسى بولۇپ،بۆلەكلەشكەن،كەسپىيلەشكەن،بىخەتەرلىكى كۈچلۈك،كۆپ تىل ۋە ھەرخىل سانداننى قوللايدىغان،شۇنداقلا خاسلىققا ئىگە لاھىيەلەشكە بولۇشدەك بىر قەدەر ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە.
2. MyBB
MyBB بولسا PHP+MySQL مۇھىتىدىكى ئىقتىدارى كۈچلۈك،يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇنبەر سېستىمىسى.MyBB كۈچلۈك بولغان ئارقا سۇپىغا ئىگە بولۇپ،مۇنبەرنىڭ ھەربىر كىچىك بۆلەك ۋە ئىقتىدارلىرىغىچە خاسلاشقان ھالەتتە باشقۇرقىلى بولىدۇ.ئىشلەتكۈچىلەر MyBBدىن پايدىلىنىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن مۇنبەرنىڭ خاراكتىرى ۋە قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى بەلگىلىيەلەيدۇ.
3. IceBB
IceBBمۇ PHP+MySQL مۇھىتىدىكى ئۇچۇد كودلۇق،كۈچلۈك بولغان مۇنبەر سېستىمىسى.IceBBگە ئىشلىتىلگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە ئاددىي،چۈشۈنۈشلۈك كودنىڭ ياردىمىدە،ئىشلەتكۈچىلەر ھەرخىل كۆلەملىك مۇنبەرلەرنى قۇرالايدۇ.ئەڭ مۇھىم يېرى،IceBB شەخسىيلەشكەن ئۇسلۇب ۋە تىل ھۆججەتلىرىنى قوللايدىغان بولۇپ،ئۇنىڭدىن باشقا ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئارقا سۇپىغا ئىگە.
4. Vanilla
Vanilla بولسا ناھايىتى ئەپچىل بولغان PHP+MySQL مۇھىتىدىكى ئۇچۇد كودلۇق مۇنبەر سېستىمىسى.ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى ھەرخىل تەڭشەك،ئىقتىدار،مەشخۇلات كۆرۈنۈشى قاتارلىقلاردىكى پاسون جەھەتتىكى ئاددىيلىققا مۇجەسسەملەنگەن.نورمال ئەھۋالدىكى باشبەتتە بارلىق يازمىلار ۋاقىت تەرتىپى بۇيىچە قاتارلىنىپ چىقىدىغان بولۇپ،يېڭىراق يازمىلار بېشىغا تىزىلىدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا،مەزكۇر مۇنبەر سېستىمىسى قىستۇرمىلار ئارقىلىق كېڭىيىشنى قوللايدىكەن.
5. PunBB
PunBB بولسا بىر قەدەر يىنىك،سۈرئىتى تىزراق بولغان PHP قۇرۇلمىسىدىكى مۇنبەر سېستىمىسى بولۇپ،GNUنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە ئېچىلغان.مەزكۇر سېستىمىنىڭ باش پىرىنسىپى-سۈرئەتتە تىز بولۇش،يىنىك بولۇش قاتارلىقلار بولۇپ،باشقا سېستىمىلارغا قارىغاندا يىنىك بولغان سۆرەت ھۆججەتلىرىگە ئىگە.ئەلۋەتتە،PunBB ئۆزىنىڭ پىرىنسىپى بۇيىچە ماڭغاچ،باشقا مۇنبەر سېستىمىلىرىغا قارىغاندا ئىقتىدار جەھەتتىن بىرقەدەر ئاجىزدەك كۆرۈنىدۇ،ئەمما تىزلىكى ۋە ھەجىمى جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى ئالاھىدە…ئۇنىڭدىن باشقا XHTML بىلەن CSS قۇرۇلما بېتىنى توپتوغرا قوللايدۇ.
6. FluxBB
FluxBBمۇ ھەجىم جەھەتتىن كىچىكرەك بولغان،PHP قۇرۇلمىسىدىكى مۇنبەر سېستىمىسى بولۇپ،GPL كېلىشىمى بۇيىچە ئېچىلغان.مەزكۇر سېستىمىنىڭ باش پىرىنسىپى بولسا باشقا مۇنبەر سېستىمىلىرىغا قارىغاندا ھەجىم جەھەتتىن كىچىك بولۇش،سۈرئەت جەھەتتىن تىز بولۇش،تېخىمۇ كىچىك بولغان سۆرەتلەرگە ئىگە بولۇش،شۇنداقلا تېخىمۇ پاكىز ۋە ئۈنۈملۈك بولغان كودغا ئىگە بولۇش.نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى ئامال يوق،قىستۇرما ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش!
7. bbPress
bbPress بولسا WordPress ئەترىتىدىكىلەر تەرىپىدىن ئېچىلغان PHP+MySQL مۇھىتىدىكى مۇنبەر سېستىمىسى.مەزكۇر سېستىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىشلىتىش ئوڭاي،باشقا سېستىمىلار بىلەن توپلىشايدۇ(يەنى سىغىشالايدۇ)،شۇنداقلا بىرقەدەر تىز بولغان ئېچىلىش سۈرئىتىگە ئىگە.مەزكۇر سېستىما قىستۇرما ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولۇپ،خۇددىي WordPressسېستىمىسغا ئوخشاش قىستۇرما ۋە ئۇسلۇب ئىقتىدارىغا ئىگە.
شۇنداق قىلىپ،چەتئەلدە مودا بولىۋاتقان 7 مۇنبەر سېستىمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.ئوقۇرمەن دوستۇم،قېنى سىز بۇلاردىن قانچىنى بىلىدىكەنسىز؟يەنە قانچىسى چۈشۈپ قاپتۇ؟ئورتاقلىشىپ باقمامدۇق؟
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- wordpress تە باشبەت يازمىلارنىڭ بەت نومۇرىنى كۆرسىتىش (11)
- جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى بالىلار قالتىس ئىشلەپ قويغان قىسقا كارتون–قوش ئوۋ (7)
- [ئىجادىيەت] بلوگگېرلار ئۈچۈن ئېلان چىكىشكە ئون باھانە، ئەمدى ئېلانىمنى چەكمىگىنىڭىزنى بىر كۆرەي! (56)
- [قىززىق نۇقتا] بلوگباسدا يەنە نورمالسىزلىق كۆرۈلدى
- يېڭى بلوگداشلارنىڭ ئۇيغۇربەگدىن كۆپ سورايدىغان سۇئاللىرى ۋە جاۋابلىرى (20)
- Sinaapp گە wordpress3.3.1 نى قاچىلاش ئۇسۇلى (18)
- [بلوگباس ئۇسلۇب]‹‹خانتەڭرى››تارقىتىلدى (5)