[مەخپىي رېتسىپ]Blogbusدىن WordPressكە كۆچۈش(دەرسلىك)
  • سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
  • | باھا:1
  • | زىيارەت: 666 قېتىم ئوقۇلدى
  • | خەتكۈچ: ، ,

يېقىندا blogbusدا مەسىلە كۆرۈلگەندىن كىيىن،بىرقىسىم تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ WordPressگە ناھايىتى كۆيۈپ قالغانلىقلىرىنى؛بولسا،بىرەر ماتېرىيال تەييارلاپ ئۆزلىرىنىڭ WordPressگە كۆچۈشىگە ياردەم بىرىشى ھەققىدە ئىنكاسلارنى بېرىشتى.ئۆزۈممۇ،ئالدىنقى قېتىم ‹‹Pjblogدىن WordPressكە كۆچۈش جەريانى››نى يازغاندىن كىيىن،Blogbusدىنمۇ كۆچۈپ كېلىش ھەققىدە بىرنىمە يازغۇم بار ئىدى.شۇنداق قىلىپ،ئەمدى باھانەممۇ قالمىدى،مەزكۇر يازما مۇشۇنداق پۈتۈلدى!….


Blogbusدىن كۆچۈشدىن ئاۋۋالقى تەييارلىق

WordPressنىڭ ئۇيغۇرچە يېڭى نۇسخىسىنى بوشلۇققا يوللاپ،قاچىلاپ مۇقىملاشتۇرۇپ بولۇڭ.
بارلىق قىستۇرمىلارنى ئىشلىتىشدىن توختىتىڭ.
ئاران مۇشۇنچىلىك(قورقۇپ كەتمىگەنسىز ھە؟قورقۇنىچلۇقى تېخى كەينىدە…)

ئۆي كۆچۈش جەريانى

1.Blogbusنىڭ ئارقا سۇپىسىغا كېرىپ،ئېكسپورتلاش مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىڭ.تەپسىلىي جەريانى مۇنداق:ئارقا سۇپىغا كىرگەندىن كىيىن 博客 دىگەن تاللاشدىكى 博客设置دىگەن تۈرگە كېرىمىز.رەسىمدىكىدەك:

ئاندىن،بۇيەردىن 导入导出 دىگەن يەرگە كېرىمىز.

بۇيەردىن تۆۋەندىكى تاللاشنى بېسىپ يازمىلارنى ئېكسپورتلاپ چىقىرىشقا باشلايمىز.

2.ئەمدى تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق XML ئالماشتۇرۇش بېتىگە كىرىمىز(يەنى:Blogbusنىڭ بايا بىز چىقارغان XML ھۆججىتىنى WordPressگە خاس XML ھۆججىتىگە ئايلاندۇرىدىغان گەپ).
ئادرىس:http://blogbus-to-wordpress.appspot.com

بەتنىڭ ئېچىلغاندىكى كۆرۈنۈشى مۇنداق:

ئەمدى،بىز بايا Blogbusدىن چىقىرىۋالغان XML ھۆججىتىنى تاللاپ بېرىپ،Convertدىگەن كونۇپكىنى باسقاندىن كىيىن،خاسلىق ئالماشتۇرۇشنى باشلىساق بولىدۇ.
بۇ مەشخۇلات تامام بولغاندىن كىيىن،چىقىرىپ بەرگەن ھۆججەتنى ساقلىۋالىمىز.
3.ئەمدى،Wordpressنىڭ ئارقا سۇپىسىغا كېرىپ،‹‹قوراللار››تىزىملىكىدىن ئىمپورتلاش تاللىشىغا كىرىمىز.

چىققان يەردىن WordPressدىگەن يەرنى بېسىپ كىيىنكى قەدەمگە كىرىمىز.

ئەمدى،بۇيەردىن باياقى خاسلىقى تەڭشەلگەن ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىپ،كۆرسەتمە بۇيىچە مەشخۇلات ئېلىپ بارساقلا ئىش تامام،ۋەسسالام بولدى!قېنى،سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ!سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز!

ئەمەلىي مەشخۇلات دەرسلىكى

يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى دەرسلىكنى چۈشۈرۈڭ

ھۆججەت نامى: BB TO WP ھۆججەت سىغىمى: 8.52M
  ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن!
يۈك مەنزىلى:چۈشۈرۈڭ [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ]


无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • پۇرسەت | 2012.03.31 جاۋاب

    ئالماشتۇرۇش بېتى (يەنى:Blogbusنىڭ بايا بىز چىقارغان XML ھۆججىتىنى WordPressگە خاس XML ھۆججىتىگە ئايلاندۇرىدىغان بەت)تاقالدىمۇ نېمە؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif