[ئۇيغۇرچە خەتلىك كارتون فىلىم] ئامېرىكىستان ئىشلىگەن چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە كارتون فىلىم–قەيسەر ئات

Spirit-spirit-stallion-of-the-cimarron-797576_600_287

«قەيسەر ئات» ناملىق مەزكۇر كارتون فىلىم ناھايىتى ئامېرىكىستان كارتونچىلىرى مەنىلىك قىلىپ ئىشلىگەن نادىر كارتونلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادا خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن. فىلىمدە ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى ئەركىن،  پايانسىز كەتكەن بىر يايلاقتا شۇنداق شاش ۋە ئوماق بىر تايچاق ئاپىرىدە بوپتۇ. ئۇ ئۆز توپىنىڭ ئاتامانىغا ئايلىنىپ، توپىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدىگە قۇماندانلىق قىلىشنى ئارزۇ قىپتۇ، ئۆزى ھەم ئەركىنلىكنىڭ شۇنداقلا بويسۇنماسلىقنىڭ سىموۋولى بوپتۇ. ئەپسۇسكى، ئۇ شۇنداق يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇنى ئىنسانلار تۇتۇپ ئەكىتىپتۇ ھەمدە زورلۇق بىلەن كۆندۈرمەكچى بوپتۇ، ئەمما ئەركىنلىككە كۆنۈپ قالغان بۇ ئات نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى چەكسىمۇ باش ئەگمەي ئۆزىنىڭ ئەركىن دالاسىنى سېغىنىپتۇ ھەمدە ئاشۇ يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپتۇ. مەزكۇر كارتون فىلىمنى مەكتەپداش ئىنى بۇرادەر ئابدۇكېرەم ئەپەندى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەييارلاپ چىقتى ھەمدە كارتوننىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدى. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

تەرجىماننىڭ سۆزى

ئېنىق ئېسىمدە، بۇ كارتون فىلىمنى تۇنجى قېتىم تۇلۇقسىز 1-يىللىقا كىرىش ئالدىدىكى يازلىق تەتىلدە،‏ جۈمە كۈنلۈكى مەكتەپكە بارماي دوستلىرىم بىلەن، رەڭسىز تېلىۋىزوردا كۆرگەنىدىم.‏ دوستلىرىم ھەممەيلەن ئۇ ئاتقا شۇنداق ئامراق بوپقالغانىدۇق، چۈنكى ئۇ ھېچنېمىدىن قورقمايتتى.‏ 10 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ، بۇ كارتوننى قايتا كۆردۈم، ئىلگىرى ‏«قەيسەر ئات»نىڭ قورقماسلىقىنىلا كۆرۈپتىكەنمەن، بۇ قېتىم ئۇنىڭ يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىمۇ كۆردۈم.‏ بۇ قېتىم ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە قەيسەر، ۋەتەنپەرۋەر جەڭچىگە ئايلاندى...‏

فىلىمدىن كەسمە سۈرەتلەر

Spirit.2002[00_47_42][20121017-224020-8]Spirit.2002[00_00_20][20121017-224049-0]Spirit.2002[00_01_50][20121017-224036-9]Spirit.2002[00_23_24][20121017-223838-1]Spirit.2002[00_24_20][20121017-223855-2]Spirit.2002[00_31_54][20121017-223925-3]Spirit.2002[00_32_10][20121017-223930-4]Spirit.2002[00_32_51][20121017-223937-5]Spirit.2002[00_40_16][20121017-224000-6]Spirit.2002[00_45_50][20121017-224011-7]

فىلىمخانا

فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ


无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


11 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • رىتا1028 | 2012.10.17 جاۋاب

    ئاتنىڭ ھېلىقى ھاڭدىن سەكرىگەن يەرلىرى ئاجايىپ ھەيۋەتتتتت

  • ئالىي | 2012.10.18 جاۋاب

    مەن بوشلۇققا يوللاپ ، ئالىي بىلوگىدا ئېلان قىلسام بۇلامدۇ ؟ ئەلۋەتتە ، مەنبەنى ئەسكەرتىمەن ، ئاندىن قويغۇچ كودىنى تەمىنلەپ بەرسەممۇ بولىدۇ … چ چ : 348581707 ئالاقىلاشقان بولسىڭىز !

  • يولۇچى | 2012.10.19 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەن بۇ فىلىمنى بۇرۇن بەك ياختۇرپ كۆرگەنتىم بۇگۇن يەنە بىر كۇرۇشكە نىسىپ بوپتۇ رەھمەت تەرجىمانىمىزغا

  • بىلىمىم | 2012.10.19 جاۋاب

    مەن كۆرگەن بۇ فىلىمنى بەك ياخشى

  • ۋەھىمە | 2012.10.21 جاۋاب

    مۇشۇ فىلىمىنىڭ بىر ناخشىسى بارئىدى خىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى تاپالماي ۋاتىمەن

  • huxhuy | 2012.10.25 جاۋاب

    بەك ئېسىل كارتون ئىدى. ئەپسۇس چۈشۈرۈش بىكار قىلنىپتۇ.ھەي،داغەي… :arrow:

    • ئابدۇكېرەم | 2012.10.27

      ما ئادېرىستىن چۈشۈرۋېلىڭhttp://pan.baidu.com/share/link?shareid=95364&uk=2551273731

  • روسلان | 2012.10.27 جاۋاب

    مەن بەك ئامراق .ناخشىلىرىمۇ بەك ئېسىل!

  • ئۇيغۇربەگ | 2012.10.28 جاۋاب

    چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى. تورداش ئابدۇكېرەمگە رەھمەت…

  • مەن تېخى ئۇنى ساقلىۋالاي ياكى چۈشۈرىۋالاي دەپ بولغۇچە تور دىسكىسىدىن ئۆچۈپ كىتىپتىغۇ ؟ نىمە ئۈچۈن ؟؟؟ قايتا تەمنلىگەن بولسىڭىز ؟؟؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif