- سەھىپە:بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
- | باھا:6
- | زىيارەت: 1,017 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، blog, wordoress, ئۇيغۇر
ئالدىنقى قېتىملىق لېكسىيەرىمىز «[بلوگگېرلار چايخانىسى] يېڭى بلوگگېرلارغا تۆت دەرس»نى ئاڭلاپ بولغان بولساڭلار ھەمدە ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولساڭلار مەن ناھايىتى خۇرسەن. بۈگۈنمۇ ئۆزەمنىڭ بىر قانچە يىللىق بلوگگېرلىق ھاياتىمدا يەكۈنلەپ چىقارغان بىر قانچە ئويلىرىمنى «بلوگىڭىزدا نېمىشقا ئادەم يوق؟ ئۇيغۇربەگنىڭ 10 تەھلىلى ۋە 10 تەدبىرى» سەرلەۋھە ئاستىدا تەپسىلىي بايان قىلغۇسىمەن! ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىغا كىرىپ دىققەت قىلىپ ئاڭلىغايسىلەر!…
1. ئۆزىڭىزگە خاس تۇغ ۋە Logo يوق
تەھلىل: ئادەم دېگەن ھېسسىي مەخلۇق، بلوگىڭىزغا كىرگەندە ئاۋۋال سىزنىڭ تۇغ ۋە Logoرىڭىزغا قاراپمۇ سالىدۇ، ناۋادا سىزدە ئۆزىڭىزگە خاس تۇغ ۋە Logo بولمىسا، بەلكىم زىيارەتچىڭىزگە تۇنجى ياخشى تەسىرنى بىرەلمىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. بۇ مۇتلەق گەپ ئەمەس ھە!
تەدبىر: ۋاقتىدا ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىڭىزگە خاس تۇغ ۋە Logo ياساڭ، ھەمدە كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا ئورنۇتۇڭ.
2. ئىشلەتكەن بلوگ سۇپىڭىز زاماننىڭ كەينىدە قالغان
تەھلىل: ھازىر بلوگگېرلارمۇ بلوگ سۇپىسى تاللاۋاتقاندەك، زىيارەتچىلەرمۇ بلوگ سۇپىسىغا قارايدىغان بولىشىۋاپتۇ، ئىشەنمىسىڭىز بلوگباستا بلوگ ئويناۋاتقانلار بىلەن WordPress ئويناۋاتقان بلوگگېرلارنىڭ بلوگلىرىنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. ئىشەنمىسىڭىز مەندىنلا سوراڭ…
تەدبىر: ئىلغار ھەمدە ئىقتىدارلىق بولغان بلوگ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ بلوگ قۇرۇڭ. تەۋسىيەرىمىز يەنىلا ئارقا سۇپىسى ئۇيغۇرچە، قىستۇرما-ئۇسلۇبلىرى مول بولغان WordPress سېستىمىسى.
3. بلوگىڭىزنىڭ بەت يۈزى قالايمىقان
تەھلىل: بەزىدە بلوگىڭىزدىكى يازمىنىڭ قىممىتىدىن بلوگىڭىزنىڭ بەت يۈزىنىڭ ياخشىلىقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ناۋادا بلوگىڭىز ھەر قايسى جاھاننامىلەردىمۇ ئەخلەتخانىدەك قالايمىقان تۇرسا، ئاشۇ ئەخلەتخانىنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇننى ئىزدەشكە كىشىلەر قىزىقماسلىقى مۇمكىن. ما گەپنى دەپ خاتالاشمىغاندىمەن؟
تەدبىر: ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بلوگىڭىزنىڭ بەت يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ، ئارتۇق ئۈنۈم ۋە ئىقتىدارلارنى چىقىرىۋېتىڭ، ئېلان قويغان بولسىڭىز ئېلاننى زىيارەتچىلەرنىڭ بلوگ كۆرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئورنىغا قويۇڭ. ئامال بار، بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبلىرى ھەر قايسى جاھاننامىلەردە نورمال كۆرۈنسۇن.
4. قاملاشمىغان بوشلۇقنى ئىشلىتىپسىز
تەھلىل: ئىشلەتكەن تور بوشلۇقىڭىزمۇ ناھايىتى مۇھىم، ناۋادا بوشلۇقىڭىز بەكلا ئاستا بولسا ياكى بىر كۈندە مانچە قېتىم ئېچىلمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدىغان ناچار بوشلۇقلاردىن بولسا، بلوگىڭىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىڭىز ئىكەك سالغان بولىسىز. ما گەپ جىڭ گەپ! تورخۇمار گۇۋاھ!…
تەدبىر: پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي، قىممەت بولسىمۇ تىز ھەم ئىشەنچلىك بولغان بوشلۇقلاردىن ئېلىڭ، ھەرگىزمۇ توردا تۇيۇقسىزئۇچراپ قالغان بوشلۇقلارنى ئىشلەتمەڭ، ئەكسىچە بوشلۇق سېتىش مەزگىلى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ھەم تەجرىبىسى مول بولغان كىشىلەرنى ياكى شىركەتلەرنى ئىزدەڭ.
5. تور نامىڭىز بەك ئۇزۇن ياكى ياخشى ئەمەس
تەھلىل: تور نامىڭىزنىڭ ياخشى بولىشىمۇ بلوگىڭىزنىڭ زىيارەتچىلىرىنى جەلىپ قىلالايدۇ، ناۋادا تور نامىڭىز بلوگىڭىزغا قەتئىي ماس كەلمىگەن، ياكى ئەستە تۇتۇش بەك تەس، ئىملا خاتالىقى بار، چۈشۈنۈكسىز ياكى ئانچە داڭقى بولمىغان تور نامىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز…بولدى، سىزدىن تاياق يىمەسلىك ئۈچۈن تەدبىرگە ئۆتۈپ كەتتىم.
تەدبىر: بلوگ قۇرۇشتىن بۇرۇن بلوگىڭىزنىڭ نامى ۋە مەزمۇنىنى ئويلىغاچ، تور نامىڭىزنىمۇ ياخشى ئويلىشىڭ، ئامال بار خەلقئارالىق تور نامى بولغان .comنى، بولمىسا .net ۋە باشقىلىرىنى ئېلىڭ.
6. بلوگىڭىزدىكى يازمىلارنىڭ سۈپەتسىز
تەھلىل: خەقلەرنىڭ بلوگىڭىزغا كىلىشىدىكى سەۋەبى، قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بلوگىڭىزدىن بىلىم ئېلىش، ھېچ بولمىسا مەلۇم نەرسىگە ئېرىشىش، ياكى كۆرۈپ بېقىش. ناۋادا يازغانلىرىڭىزنىڭ تۇتامى يوق، كىشىلەرگە ئەسلا خوشياقمايدىغان يازمىلار بولسا…گىپىمنى يۈتۈۋەتتىم!
تەدبىر: بلوگىڭىزدىكى يازمىلارنىڭ سۈپىتىگە قاتتىق ئەھمىيەت بىرىڭ، ھەرگىزمۇ تىرىپ-تۆشىگەن يازمىلار بىلەن جان باقىمەن دېمەڭ، ئامال بار، ئۆزىڭىزمۇ قىزىقىدىغان، خەقلەرمۇ قىزىقىدىغان مەزمۇندا يېزىڭ، ئىملا خاتالىقىدىن ئامال بار ساقلىنىڭ، ئاز يازسىڭىزمۇ ساز يېزىڭ، سۈپەتلىك يېزىڭ.
7. بلوگىڭىزنىڭ يېڭىلىنىشى تۇراقسىز ياكى بەكلا ئاستا
تەھلىل: بلوگنىڭ قەرەللىك يېڭىلىنىپ تۇرۇشىمۇ ناھايىتى مۇھىم، بلوگىڭىز قەرەللىك يېڭىلىنىپ تۇرمىسا، زىيارەتچىلىرىڭىز سىزنىڭ بلوگىڭىزغا ئوخشىشىپ قالىدىغان، ئەمما سىزدىن تىزراق ھەمدە قەرەللىك يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بلوگنى تېپىۋالىدۇ. بۇمۇ مەندىن ئۆتۈلگەن ئاچچىق ساۋاق ھە باللا!…
تەدبىر: ئامال بار، بلوگىڭىزنى قەرەللىك ھالدا يېڭىلاپ تۇرۇڭ.
8. دىپلومات ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەپسىز
تەھلىل: بلوگىڭىزدا باشقا بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى بارمۇ؟ يېقىن ئۆتىدىغان بلوگگېر دوستلىرىڭىز بارمۇ؟ باشقىلارنىڭ بلوگىغا بېرىپ ئىنكاس يېزىپ باقتىڭىزمۇ؟ بلوگگېرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟ يازغان يازمىلىرىڭىزنى ھەرقايسى QQ توپلىرىدا، مۇنبەرلەردە، گۈدۈكتە، ئۇلانمىدا تەشۋىق قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ناۋادا سۇئالىڭىز ياق بولسا، كەچۈرۈڭ، سىز دىپلومات ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەپسىز…
تەدبىر: يۇقارقى بىر قاتار سۇئاللىرىمغا جاۋاب ئىزدىسىڭىزلا بولىدۇ.
9. سىزدە بىر نىشان يوقكەن
تەھلىل: بلوگ يېزىش بىر جەريان، ھەمدە بىر تۇرمۇش. بۇ تۇرمۇش ئۇزاققا سۇزۇلىدۇ ھەمدە بىر ئاز ئەگرىي-توقايلىققا تويۇنغان، ناۋادا سىز بۇ تۇرمۇش ۋە جەريانغا لايىقلاشقان بىر نىشانغا ئىگە بولمىغان بولسىڭىز، بلوگگېرلىق ھاياتىڭىز ئەگرىي-توقايلىققا بالدۇرلا كىرىپ قالغۇسى!…
تەدبىر: بلوگگېرلىق تۇرمۇشىغا كىرىپ بولغانكەنسىز، سىزدە بىر نىشان بولسۇن. سىز نېمە ئۈچۈن بلوگ يازدىڭىز، شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالسىڭىزلا، كېيىنكى بلوگگېرلىق ھاياتىڭىز چوقۇم سەلتەنەتكە تولغان بولىدۇ.
10. سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ھىس قىلغانلىرى
تەھلىل: يۇقارقى 9 تەھلىلنى ئاڭلىدىڭىز، سىزنىڭ يەنە قانداق ئويلىغانلىرىڭىز باركىن؟
تەدبىر: يۇقارقى 9 تەدبىرنى ئاڭلىدىڭىز، سىزنىڭ يەنە قانداق تەدبىرلىرىڭىز باركىن؟
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [تەۋسىيە يۇمتال]Notepad++ ھەقسىز،ئۇچۇق كودلۇق تەھرىرلەش قورالى
- WordPressدە EOT تونۇتۇش ( 2) :Microsoft Weft ئارقىلىق eot ھۆججىتى ياساش
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،WordPress دۇنياسى… (8)
- >[WordPress ئۇسلۇبى]يېڭى ئۇسلۇب yourmagنى تارقىتىش پەرمانى چۈشتى! (1)
- WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى ستاتىستىكىلاش (8)
- [تەۋسىيە يۇمتال]Photoshop CS5 Extend يېشىل كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى
- [بلوگباس ئۇسلۇب] jessie-skin18 ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ (51)