ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،WordPress دۇنياسى…

Pjblog4نىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپ ھەركۈنى Pjblogنىڭ باشبېتىنى چۆرگىلەيتىم،ئۇ يەردە ھەركۈنى دىگۈدەك Pjblog4نىڭ جىدىلى بۇلاتتى،بەزىلىرى ئاچقۇچى تەرەپتىن ھىچ بولمىسا Pjblog4نىڭ ئېچىلىش چېكىنى بولسىمۇ ئېيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا،بەزىلىرى ھىچ بولمىسا ئالدى-كەينى سۇپىسىدىن ئازراق بولسىمۇ قىيما سۆرەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلاتتى،بەزىلىرى ھەتتا يولسىزلارچە بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرمىسە،ئۆزلىرىنىڭ Pjblogنى تاشلاپWordpressكە كۆچىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ،تەھتىت سالاتتى...
ئۇ يەر-يېقىندىن بىرى بەكلا چۆلدەرەپ قالدى،مېنىڭمۇ Pjblog4نىڭ چىقىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي يەنە باشقىچە بىر سېستىمىنى سىناپ بېقىش ئويۇم كەپقالدى،ئۇنىڭ ئالدىدا Blogbusدىن،Z-blog,mblogلارغىچە چۆرگىلەپ،كوچىلاپ بېقىپتىمەن،كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسامغۇ،Pjblog ھەقىقەتەن ئېسىل،قولايلىق ئىكەن،ئەمما،ئۇ يەنىلا ‹‹جۇڭگۇ››چە ئىدى، ئەنئەنىۋىلىكى كۈچلۈك ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سېستىمىنى ئېچىۋاتقانلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولغاچقا يېڭىلىشچانلىقى بەك ئاستا ئىدى،،بۇ كەمچىلىكلەر ئاجايىپ ئۈنۈم بىلەن تەسەۋۋۇرغا ماسلاشتۇرۇپ تېخنىكا ئۆگۈنۈشنى ئىزدەيدىغان مەندەك تور ھەۋەسكارىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ بولالمىدى،شۇنداق قىلىپ،يېقىندا WordPressنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم...
بىرنەچچە كۈنلۈك يازما رەتلەش مەزگىلىدە،بلوگ يىزىشدىكى مەقسىدىم شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە ئۇزاق ئويلاندىم،بۇ ئويلىنىش ئىچىدە بلوگىمدا ئەسلى ياخشى دەپ باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن يازمىلارنىڭ ھەممىسىنى شۇنداقلا،ئەھمىيىتى ۋە پايدىسى يوق دەپ قارالغان بىر قىسىم يازمىلىرىمنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم،بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى بىرئاز رەتلەي دەپ نۆۋەتتىكى يېڭى تۇرايىمنىڭ مەزمۇنىغا قوشمۇدۇم،ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتىل مەزگىلى بولۇپ قالغاچ تورغا چىقىدىغان ۋاقتىم ئېنىقلا يىتەرلىك ئىدى،شۇڭا...مەزمۇن يېڭىلىنىشى ھەمدە سەل ئاستىلايدىغان بولدى.ھىچقىسى يوق،نىشان ئېنىق،ئېنىق نىشاندا مەنزىلىمگە ھامان يېتۇرمەن.
ئويلىماپتىكەنمەن،Wordpress ھەقىقەتەن بىر كانكەن،سەرخىل قىستۇرمىلار،كۆركەم ئۇسلۇبلار...مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى،مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتالماي WordPress غا سالام ئېيتىپ،ئۇنىڭ دۇنياسىغا قەدەم ئالدىم،ئىھ،بۇ قەدەملىرىم قۇتلۇق بولغىيدى!



无觅相关文章插件,快速提升流量


8 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • مىنىڭمۇ كۆچكۈم كىلىپ كىتىپ بارىدۇ :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.07.14

      كۆچۈپ كېلىڭ بولمىسا،بىرگە ئۆگىنىمىز!….

  • مۇبارەك بولسۇن ! بۇبەت بەك ئايدىيمۇ قانداق ؟؟؟ ئازىراق بىزەيلى بولسا

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.07.21

      ھازىرچە مۇشۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىپ كۆرەي،يازمىلىرىمغا بەكەرەك كۈچەيمىكىن دەيمەن…

  • شۇ بوشلۇق يوق ھەمدە بۇ سىستىمىنى ئىشلىتىپ باقمىغان قانداق بۇلا

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.07.21

      ئەمىسە مەن كىيىنچە،ھەقسىز بوشلۇق ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي،ئاندىن سىز ئۇ بوشلۇقنى ۋاقتىنچە ئىشلىتىپ تورۇپ تەجرىبە توپلارسىز…

  • سەھرا | 2010.07.20 جاۋاب

    ماۋۇ مائۇسنى تۇتسىلا لاپىلدايدىغان ئۈنۈم كۆزگە بەك تەسىر قىلىدىكەن، خاپا بولماي http://www.torhumar.com نى بىر كۆرۈپ باقامسىز؟ بۇ بىكەتمۇ يارىدى، لىكىن دۇخاۋا رەخىتتەك نەرىنى تۇتسا پىلدىرلاپ كىتىدىكەن…..

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.07.21

      قايسى تور كۆرگۈچنى ئىشلەتكەن ئىدىڭىز؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif