- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:1
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، دېھقان
ئۇلارنى مەن بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ كۆرەلمەسلىكىم مۇمكىن.مەكتەپكە كېلىپ بىرمەۋسۇم ئۆتۈپ كەتتى،باشتا ئۇلار كاللامدىن چىقمايتىيۇ،ئەمدى بولسا ئۇلارنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالغانىدىم.ناۋادا تىزراق بولمىسام،ئۇلارنىڭ چىرايىنىمۇ مەڭگۈلۈك ئەستىن چىقىرىپ قۇيۇشىم مۇمكىن ئىدى...
* * *
زىرىكىشلىك مىنۇتلار يەنە باشلاندى،ئەتراپىمدا كىرلەشكەن بەدەن،ھېڭگاڭ چىشلىق،تېخى يېرىم يالىڭاچ بولىۋالغان ئىشلەمچىلەر ئۆز شىۋىلىرىدە قاقاقلاپ كۈلۈشكىنىچە ،پىۋا ئىچىشىپ،قارتا ئوينىشىپ تۇراتتى.مەھەللەمنىڭ ئىشەكلىرىدىنمۇ ئاستا ماڭىدىغان بۇ پويىزغا چىققانلىقىمغا مىڭ مەرتىۋە پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم.لېكىن،ھەم ئامالسىز ئىدىم.ئايروپىلانغا چىقىپ باراي دەپ ئويلىغانىدىميۇ،ئايروپىلانغا چىققان ئاشۇ ئارتۇق پۇلۇمنى بىچارە ئاپام ھېلىقى كېلەڭسىز قول ھارۋېسىنى ئۆزى يالغۇز ئىتتىرىپ نەق يىگىرمە كۈن جاپا تارتسا ئاران تاپىدۇ ئەمەسمۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئوغۇل بالا،يىگىرمىگە كىرىپ قالدىم،پويىزدا ئولتۇرۇشقا چىدايمەن! دەپ ئۆز-ئۈزۈمنى رىغبەتلەندۈرۈپ ، ھەتتا ئاكامنىڭ ھەمراھ بولۇپ بىللە بېرىشىغا ئۇنىماي يۈك تاقلىرىمنى ئۆزۈم كۆتۈرۈپ سەپەرگە چىققانىدىم.ھەممىدىن يالغۇزلۇق ئېغىر كەلدى،ئۆز تىلىمدا سايرۇغۇم كەلدى،لېكىن ئاڭلايدىغانغا قۇلاق يوق.يات تىلدا كۈلەي دىدىم...ئەركىن ئابدۇللانىڭ <<سەھرا>>دىگەن ناخشىسىنى غىڭشىدىم.غىڭشىپ يەنە توختاپ قالدىم.قولۇمدا ئورخان پامۇقنىڭ <<يېڭى ھايات>>دىگەن كىتابى بار ئىدى،كىتابنى ۋاراقلىغاچ ئۆزۈمنىڭمۇ يېڭى ھاياتقا قەدەم بېسىۋاتقانلىقىمنى ئويلاپ تۇيۇقسىز بۇ كىتابنى ئوقۇشتىن يالتايدىم،شۇ ئان كىتابنى چامادانىمغا سېلىۋەتتىم.ئەمدى قىلىدىغان ھىچقانداق ئىشىم قالمىدى. م پ ئۈچۈمنىڭ توكى ھەم قالمىغانىدى.ئاھ،خىيالغا غەرىق بولدۇم،تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان ۋاقىتتىكى قىززىق ئىشلارنى ئويلاپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ ئولتۇردۇم.ئىزدىنىش،دىيارىمدا بولىدىغان پاراڭ،گاھىدا بولىدىغان سۆز جەڭلىرىنى ئەسلىدىم..ئاخىرى خىيالىممۇ تۈگىدى.تەپەككۇرۇم ئۈزۈلدى.مەنىسىز سەپەر داۋام ئەتتى....
ساق ئىككى كۈن،يانلىرىمدا ئولتۇرغانلار كۆز قىرىدا قارىشىپ قۇيىدۇ.بەزىلىرى ھەتتا يېنىمغا كېلىپ <<ئۇيغۇرلارغۇ سىلەر ، 7.5 دە ھەجەپ كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن شۇ ئۇيغۇرلار!...>>دىيىشىپ كىتىشىدۇ،خۇددى ۋەقەنى مەن قۇماندانلىق قىلىپ چىقارغاندەك.كۈلۈپ قۇيىمەن.ئۆتۈپ كىتىدۇ.يەنە بىرسى كىلىپ<<سىلەر نىمىشقا چوشقا گۆشى يىمەيسىلەر؟ھە،بىلدىم،سىلەر چوشقىغا ئىتىقاد قىلىدىكەنسىلەردە!>>دەيدۇ،كۈلۈپ قۇيىمەن،ئۆتۈپ كىتىدۇ.يەنە يەنە بىرسى كىلىدۇ،<<مەن شىنجاڭغا ئىشلىگىلى بارغان،كۆردۈم،شىنجاڭدا ئىشلىگەندىن يۇرتۇمدا ئىشلىسەم ياخشىراق ئوخشايدۇ!..>>دەيدۇ.كۈلۈپ قويدۇم،كېتىدۇ... زىيالىي سۈپەت بىرى كەلدى،<<سىلەر بەك مىھماندوست كىلىدىكەنسىلەر،بۇ قېتىم مەن چۇڭقۇر ھىس قىلدىم،سىلەرنىڭ تارىخىڭلار مەدەنىيىتىڭلار توغۇرلۇق كۆپ كىتاب كۆرگەن،بۇ قېتىم ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلدىم.ھەي،قەشقەرنىڭ ئۇزۇن كوچىلىرىنى كۆرەرمەن دەپ بارغانىدىم،مەن بارغۇچە ئۇ كوچىلار تۈپتۈز بوپ كىتىپتۇ ..>>دەيدۇ،ئۇنىڭ بۇ گىپىگە ھەيران بولۇپ يەنە كۈلۈپ قويدۇم.ئاخىرى ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغان بىراۋ چىدىمىدى بولغاي،ئېغىر بولغان شىۋىدە:<<سەن كۈلۈشكە يارالغانكەنسەن!...>>دېدى،مەن يەنە كۈلدۈم.ئىچىمدە بولسام،بۇ گەپلەرنى ھەزىم قىلىپ بولالماي ئاۋارە بولۇۋاتقانلىمنى بۇلارنىڭ ئويلاپ يىتەلىشى ناتايىن دەپ ئۇھسىنىپ قويدۇم.
يالغۇزلۇق تارتىپ چامادانىمدىن ئا.ئۆتكۈرنىڭ <<ئويغانغان زېمىن>>كىتابىنى ئالدىم.تولا كۆرۈپ ھەر بىر قۇرىغىچە يادا بولۇپ كېتىپتىكەن،شۇئان قايتۇرۇپ سېلىۋېتىپ،ئە.سۇلايمان مۇئەللىمنىڭ <<ئۆزلۈك ۋە كىملىك>>دىگەن كىتابىنى ئالدىم.كىتابنى مەقسەتسىز ۋاراقلىغانىدىم،ئاپتورنىڭ ھەدەپ يالغۇزلۇق،غېرىبلىق تارتىپ كەتكەن چاغدا يازغان قۇرلىرىغا كۆزۈم چۈشتى.مۇساپىرلىقىم شۇئان يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى،<<ئىشىڭنى قىلە بولدى!>>دەپ بۇ كىتابنىمۇ تىقىۋەتتىم...پويىز يۈرمەكتە ئىدى،غىرىبلىقىم بولسا ئۇچماقتا ئىدى...
تۇيۇقسىز تەرىتىم قىستاپ ئەدەبخانىغا بارماق بولدۇم.بىزنىڭ ۋاگۇننىڭ ئەدەبخانىسى ئالدىدا ئادەم كۆپ ئىدى،ئۇ يەردىن چىقىپ بىرنەچچە ۋاگۇندىن ئۆتتۈم،شۇ ئارىدا تۇيۇقسىز شۇنداق تۇنۇش،شۇنداق يېقىملىق تۇيىلىدىغان گەپلەر قۇلىقىمغا ئۇرۇلدى،ئىختىيارسىز ئارقىمغا بۇيرۇلدۇم،تۆت كىشى، تۆت ئۇيغۇر ...ئۇلارنى كۆردۈميۇ،دىلىمغا بىر خىل ھىسسىيات ياماشتى،ئۆزۈممۇ بىلمەي ئالدىمغا قارىۋالدىم-دە،يولۇمغا داۋام ئەتتىم.قايتىپ كىلىشىمدىمۇ ئۇلارنى كۆرمەسكە سالغان بولۇپ ئۆتۈپ كەتتىم.
ئۆزۈمدىن نومۇس قىلماقتا ئىدىم،ئۆزۈمدىن نىمىشقا نومۇس قىلغانلىقىمنى ھەم بىلمەيتىم.
بىر كىچە ، ئۆتۈپ كەتتى،غېرىبلىق ئەي غېرىبلىق!...
ئەتىسى،چۈشكە يېقىن ئاخىرى چىدىماي ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سالاملاشتىم،ئەھۋال سوراش جەريانىدا بىلدىنكى بۇ كىشىلەر قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىن كەلگەن دېھقانلار بولۇپ مەركەزگە ئەرز-شىكايەت قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىققانىدى.<<بىزنى بوزەك قىلغانلار ئۆزىمىزنىڭ خەقلىرى!...يەرلىرىمىزنى،قوي-پادىلىرىمىزنى تارتىۋالدى!>>دېدى ياشتا كىچىكرەك بىرى.<<نىمىشقا ئۈرۈمچىدىن بىۋاستە يولغا چىقماي بۇ يول بىلەن يۈردۈڭلار؟ ئۈرۈمچى بىلەن ماڭساڭلار بېيجىڭغا بىۋاستە بارىدىغان پويىز بارئىدىغۇ؟>>دەپ سورىدىم مەن،چۈنكى بۇ لىنىيەدە ماڭسا يەنە بىرنەچچە يەردە پويىز ئالمىشىشقا توغرا كىلەتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە يول ئۇزىراپ كىتەتتى.<<ھەممىسى پۇلنىڭ يوقلىقى ئۇكام(گەرچە بۇ كىشى مېنىڭ دادامدەك كۆرۈنسىمۇ مېنى ئۇكام دىدى).بىز سۈرۈشتۈرۈپ باقتۇق،بۇ يول بىلەن ماڭساق كىراغا بىرىمىزگە 30 كويدىن 120 كوي تىجىلىدىكەن!>>دەپ جاۋاب بەردى ياشتا ئەڭ چوڭ كۆرۈنىدىغان بوۋاي. بۇ كىشى 76گە كىردىم دىگەنىدى.قالغانلىرىمۇ 71،45،30 ياشلىق ئاكاشلار،داداشلار ئىدى.
120 كوي !....بەزىلىرىمىز ئۈچۈن بىركۈنلۈك تاماشاغا كىتىدىغان ئازغىنا پۇل!...ئەمما ، مۇشۇ دېھقان كىشىلەر ئۈچۈن بولسا !....ئويلانماقتا ئىدىم،دىلىم كۆيمەكتە ئىدى!...
<<ئۇنىڭ ئالدىدا بىرنەچچە قېتىم تەييارلىق قىلغان،ھەتتا ئۈرۈمچىگە كېلىپ بېلەتنىمۇ ئېلىپ بولغان،لېكىن ئاشۇ كادىرلار ئارقىمىزدىن كېلىپ سىلەرگە ھەل قىلىپ بىرىمىز دەپ قايتۇرۇپ ئەپكىلىۋالدى،بۇ قېتىم راستلا بارىمىز!...ئۇلارغا دىمەيلا ماڭدۇق شۇڭا!..>>دېدى بوۋاي پاراڭ ئارىسىدا.
ئۇلارنىڭ كۆزىگە قارىدىم،ئويلاندىم.چىرايىغا قارىدىم،كۆزۈمگە ياش ئولاشتى.كىيىملىرىگە سەپسالدىم،يۆزۈم چىملاشتى.
<<خەنزۇچە بىلمەيدىكەنسىلەر،ئۇ يەرگە بارغاندا ئەرز قىلىدىغان يەرنى قانداق تاپىسىلەر؟...>>دەپ سورىدىم . 45 ياشلىق كىشىلا خەنزۇچە ئانچە-مۇنچە سۆزلىيەلەيتى،لېكىن ئۇلارنىڭ ھۆددىسىدىن ھەرگىز چىقالمايتى.
<<بۇنى ئويلاپ باقمىدۇق،خۇدايىم بارلا دەپ چىقتۇق.قالغىنىغا خۇدايىم ئۆزى ئىگە!...>>
ھەي،تۇرمۇش قاتتىقچىلىقى!...پويىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۈنلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيتى.يۈرۈكۈم بىر نەپەس توختاپ قالغاندەك ھىس قىلدىم.لېكىن،كاللام قىمىرلاۋاتاتتى.نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى بىلمىدىم.تۇرمۇش قاتتىقچىلىقى!...تۇرمۇش قاتتىقچىلىقى!...رەھمەتلىك چوڭ ئاپام رەھمەتلىك ئاتامنىڭ تۇرمۇش قاتتىقچىلىقىدا چوڭ بولۇپ پىشىپ يىتىلگەچكە ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ بېشىدىكى ئەۋزەل شارائىتتا شۇنداق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى،بۇدېھقانلار بولسا تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىدىن ئۆزىمۇ بىلمىگەن يەرگە ئادالەتكە ئاتلانغانىدى.
ئوتتۇرىدا نۇرغۇن پاراڭلار بولۇندى،مەن تىڭشاپ ئولتۇردۇم.بۇلارنىڭ ئاغزىدىن مىللەت،ۋەتەن،زۇڭتۇڭ دىگەن گەپلەر چىقمايتى.مەھەللىسىدىكى قىززىق ئىشلارنى بىر بىرىنىڭ ئەسلىرىگە سېلىشىپ،ناھايىتى خۇشال-خۇرام ئازادە ئولتۇراتتى.بۇ چاغلاردا باياقى قاتتىق غېرىبلىقىم يوقاپ كەتكەنىدى....
ئاخىرى پويىز ئالمىشىدىغان يەرگە كەلدۇق.مەن بۇ يەردە بىر كۈن تۇرۇپ قالاتتىم،شۇڭا ئۇلار بىلەن ئالدىراش خوشلۇشۇپ ئالدىمغا چىققان تۇنۇشۇم بىلەن كىتىپ قالدىم.
ئەتىسى،ئۇلارنى يەنە كۆردۈم.ۋوگزالنىڭ ئالدىدا ئۇلار نان يىگەچ ئولتۇرغانىدى،شۇئان قېشىغا بېرىپ سالاملىشىپ كېچىدىن نەگە تۈنىگەنلىكىنى ئىختىيارسىز سوراپ قاپتىمەن،<<پۇل تىجەيلى دەپ مۇشۇ يەردىلا ياتتۇق!...>> بۇ جاۋابدىن يۈرۈكۈم مۇجۇلدى!ھەي پۇل! ھەي پۇل!....
ئۇلاردىن خوشلىشىپ پويىزىمغا ياماشتىم.يامىشىپ ئورنۇمغا جايلىشىپ بولغاندىلا ئۇلارغا بىرگەپنى دىيىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلغانىدىم: ئاق يول بولسۇن،دېھقان دادا....
2009-يىلى 29-دىكابىر شەھىرى شېنجىن
بۇ يازمىنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا مەنسۇپ.ناۋادا كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز تۇرايىمىزنى ۋە مەزكۇر يازما ئادرىسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ.باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- شېنجېن ئۇنىۋېرسىتىتى 2009-يىللىق قۇربان ھېيىت يىغىلىشىدا سۆزلەنگەن سۆز
- WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ ئېچىلماسلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايانات (32)
- [ئىجادىي ئۇسلۇبلىرىمىز] خەنچە ئۇسلۇب UP1.0 تارقىتىلىدۇ
- [چاقىرىق] ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش دەرسلىكىگە تەكلىپ-پىكىر قوبۇل قىلىنىدۇ!… (1)
- Google ئەپەندىمنىڭ جۇڭگو بېتىدە 2011-يىلى قوللانغان بارلىق Logoلارنىڭ جەمگاھى! (12)
- [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ] (1-قىسىم) WordPress نى تونۇش (32)
- [ WordPress تېخنىكىسى] بىلوگىڭىزغا ئاسما تىزىملىكنى مۇنداق چىقىرىسىز(كۆچۈرۈلمە) (2)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ (3)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- js ئارقىلىق بلوگ ئۈستىگە ئۇچۇر(ئېلان) چىقىرىش (2)