- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا:2
- | زىيارەت: 1,344 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Wordpress, ئۇيغۇر
مەزكۇر يازما ئىزدەن بلوگىدىن ئالاھىدە تەۋسىيە بىلەن كۆچۈرۈپ كېلىندى
WordPress نى ئىشلىتىش جەريانىدا يازمىلارنى تۈرگە ئايرىغاندا، ئايرىغان تۈر سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە كاتىگورىيە تىزىملىكىگە سىغماي قېلىپ، بىلوگ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە بىر خىل تۈردىكى يازمىنى بىر قانچە كاتىگورىيىگە بۆلمەي، ئاسما تىزىملىك ئارقىلىقلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلساق ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن: ئالگېبىرا، گېئومېتىرىيە، سىتېرىئومېتىرىيە، ئالى ماتېماتىكا… دىگەندەك تۈرلەرنى بىرلا ماتېماتىكا دىگەن تۈرنىڭ قىسمى تىزىملىكى قىلىپلا بەلگىلىۋەتسەك، بۇ سىز ئۈچۈنمۇ بىلوگىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى كۆرىدىغانلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنداق بولسا تۆۋەندە مەن مۇشۇ مەسىلىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىنى ئۆزەمنىڭ تەجىربىسى بويىچە قىسقا سۆزلەپ ئۆتەي. يېڭى ئۆگەنچە بولغاچقا نۇقسانلاردىن خالى بولالمايمەن. تۈزىتىپ ئوقىغايسىلەر.رەسىمنى باسسىڭىز چوڭ كۆرىنىدۇ.
WordPress نىڭ باشقۇرۇش بېتىگە كىرسىڭىز، <<كۆرۈنۈش>> تىزىملىكىدە، <<تىزىملىك>> دەپ بىر قىسمى تىزىملىك بار. شۇنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بىر كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.
ئەمدى سىز مۇشۇنىڭ ئىچىدىكى تىزىملىكلەرنىڭ ئۇسلۇبتىكى ئورنى دىگەن يېرىگە قارايسىز. ئادەتتە WordPress نىڭ سۈكۈتتىكى ئۇسلۇبى 2010 بىرلا تىزىملىكنى قوللايدۇ. بەزى ئۇسلۇبلار ئىككى ياكى ئۈچ تىزىملىكنى قوللايدۇ. يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئۇسلۇب 3 تىزىملىكنى قوللايدۇ. Top Links دېگىنى ئۇسلۇبنىڭ ئەڭ ئۈسىتىدە كۆرسىتىلىدىغان تىزىملىكنى كۆرسىتىدۇ. Main Menu دېگىنى ئادەتتە بىز دەۋاتقان بىلوگ باش بېتىدىكى توغىرىسىغا تىزىلغان كاتىگورىيە تىزىملىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە WordPress نىڭ سۈكۈتتىكى ئۇسلۇبى 2010 دا مۇشۇ بىرلا تۈر بولىدۇ. Footer Links دېگىنى بىلوگنىڭ ئەڭ ئاستىدا كۆرسىتىلىدىغان تۈرنى كۆرسىتىدۇ. كۆپىلىگەن ئۇسلۇبتا ئادەتتە بۇ تۈر بولمايدۇ. ھازىر مەن دىگەن ئالدىنقى ئىككى تۈرنىڭ بىلوگتىكى ئورنى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى.
ئاندىن سىز ئۆزىڭىز خالىغانچە تىزىملىك قۇرىسىز. مەسىلەن: ئۈستى تىزىملىك دىگەندەك… ئىسمىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە قويسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئۇسلۇبىڭىز قانچە تىزىملىكنى قوللىغان بولسا شۇنچە تىزىملىكنى قۇرىسىز.
مۇشۇ يوسۇندا تىزىملىك قوشسىڭىز، قوشقان تىزىملىكىڭىز ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىكنىڭ ئۇسلۇبتىكى ئورنى دىگەن يەردە كۆرىنىدۇ. ئەمدى قوشقان تىزىملىكىڭىزگە تۆۋەندىكى رەسمدە كۆرسىتىلگەندەك، تۈرلەرنى قوشىسىز.
بۇ تۈرلەرنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى تۆۋەندىكىچە:
ئۆزى بەلگىلىگەن ئۇلانما: بۇنىڭ ئادىرىس دىگەن يېرىگە ئۆزىڭىزنىڭ بىلوگى ياكى باشقا بىلوگ ۋە تور بەتلەردىكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بەتنىڭ ئادىرىسىنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: Http://www.guduk.com/tuniyaz دىگەندەك. بەلگە دىگەن يەرگە ھازىر كىرگۈزگەن ئۇلانمىڭىزنىڭ نامىنى يازىسىز. مەسىلەن: گۈدۈكۈم دىگەندەك. ئەمدى ماس تىزىملىكنى تاللاپ، تىزىملىككە قوشۇشنى باسسىڭىز بۇ ئۇلانما سول تەرەپتىكى تۈرلەر قاتارىغا قوشۇلىدۇ.
بەتلەر: بۇ دەل سىز بىلوگ قۇرغاندا باشقۇرۇش بېتىدىكى <<بەتلەر>> تىزىملىكى ئىچىدىكى <<يېڭىدىن قوشۇش>> تۇرى ئارقىلىق ئۆزىڭىز بەلگىلەپ قۇرغان بەتلەر شۇ. بۇلارنىمۇ قوشماقچى بولسىڭىز ئالدىدىكى كاتەكچىگە بەلگە ئۇرغاندىن كېيىن تىزىملىككە قوشۇشنى باسسىڭىز بۇ تۈرلەر يەنە سول تەرەپتىكى تۈرلەر قاتارىغا قوشۇلىدۇ.
كاتىگورىيىلەر: بۇمۇ باشقۇرۇش بېتىدىكى <<يازمىلار>> تىزىملىكى ئىچىدىكى <<كاتىگورىيىلەر>> تۈرى ئارقىلىق ئۆزىڭىز بەلگىلەپ قۇرغان كاتىگورىيىلەر. ئوخشاشلا ماس تىزىملىكنى تاللاپ تىزىملىككە قوشۇشنى باسسىڭىز بۇ تۈرلەر يەنە سول تەرەپتىكى تۈرلەر قاتارىغا قوشۇلىدۇ.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، ھەر بىر مەشغۇلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ماس تۈرنى ساقلاشنى ئۇنۇتماڭ. بولمىسا مەندەك ئاۋارە بولۇپ كېتىسىز.
مەقسىدىمىز ئاسما تىزىملىك قوشۇش ئىدى، نىمە باشقا گەپلەرنى دەپ كەتكەندۇ؟ دەۋاتامسىز؟ يۇقارقىللىرى بىز قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ بېسىپ ئۆتىمىسە بولمايدىغان باسقۇچى بولغاچقا مۇشۇنداق جىق گەپ قىلىشقا توغرا كەلدى… ئەمىسە تۆۋەندىكىلەرگە قاراڭ.
باشقۇرۇش بېتىدىكى <<كۆرۈنۈش>> تىزىملىكى ئىچىدىكى <<تەھرىرلىگۈچ>> ئىچىدىن ئۇسلۇب فۇنكىسىيىلىرى (function.php) ئىچىدىكى كودقا قارىسىڭىز،
<?php comment_reply_link( array_merge( $args, array( ‘depth’ => $depth, ‘max_depth’ => $args['max_depth'] ) ) ); ?>
دەيدىغان بىر كود بار. يۇقارقىسى WordPress نىڭ سۈكۈتتىكى ئۇسلۇبى 2010 دىكى كود بولۇپ، بۇنىڭدا ئاسما تىزىملىكنىڭ قەۋەت سانى سىز قوشالايدىغان ئەڭ چوڭ ھالەتتە تەڭشەلگەن. ئەگەر باشقا ئۇسلۇب ئىشلەتسىڭىز، بۇ يەردىكى depth نىڭ قىممىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە كۆپىنچە ئۇسلۇبلاردا 1=depth ھالەتتە بولغان بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق بولۇپ قالسا، سىز بۇنىڭ قىممىتىنى 2 ياكى 3 دىگەندەك ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. قىسقىسى بۇ سىزنىڭ بىلوگ باش بېتىڭىزدىكى ھەر بىر ئاساسى تىزىملىكتە كۆرسىتىلىدىغان ئاسما تىزىملىك (قىسمى تىزىملىك) نىڭ قەۋەت سانىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئۇسلۇبلاردا بۇ ئۇسلۇب فۇنكىسىيىلىرى ئىچىدە بولماستىن بەلكى (header.php) نىڭ ياكى (index.php)نىڭ ئىچىگىمۇ جايلاشقان بولىدۇ. بۇ ئۇسلۇبىڭىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغان ئاساسەن بولىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا يۇقارقى مەشغۇلاتلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، ماس تىزىملىكتىكى (يۇقارقى رەسىمنىڭ سول تەرەپ قىزىل بويالغان دائىرە) تۈرنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، سولغا سۆرەپ قىسمى تىزىملىك ھاسىل قىلىغاندىن كېيىن ساقىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: يۇقىردا مەن <<ماتېماتىكا قامۇسى>> ۋە <<سىزىقلىق ئالگېبىرا>> دىگەن كاتىگورىيەنى <<ماتېماتىكا>> دىگەن كاتىگورىيەنىڭ قىسمى كاتىگورىيەسى قىلىپ قويدۇم. ھاسىل قىلغان قىسمى كاتىگورىيە 2 قەۋەت بولدى. يەنە مۇشۇ يوسۇندا قىسمى كاتىگورىيەنىڭمۇ قىسمى كاتىگورىيەسىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
ئەلىۋەتتە بۇ قىلىپ باققانلارغا ناھايىتى ئاسان لېكىن يېڭى ئۆگەنچىلەرگە نىسبەتەن بىلمىسە بولمايدىغان بىر مەشغۇلات. چۈنكى سىز بىر بىلوگ ياكى بىر تور بېكىتىنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ماڭغۇزىمەن دەيدىكەنسىز، ئېلان قىلماقچى بولغان مەزمۇنلارنى تۈرگە ئايرىش ئىنتايىن مۇھىم. بولمىسا بىلوگىڭىز كىشىلەر كىرسىمۇ ئۆزىگە لازىملىق بىرەر مەزمۇن تاپالماي چىقىپ كېتىدىغان، يېنىپ ئىككىنچى كىرمەيدىغان قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
يازما مەنبەسى: ئىزدەن بلوگى
مەنزىل:http://www.izdengin.com
يازما مەنزىلى:http://www.izdengin.com/?p=1371
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك دەرسلىكى] ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مۇھىتى ھازىرلاش (4)
- [ھەسرەتلىك خىيال] زادى قەيەرنى بېسىپ چۈشۈرىمەن؟
- WordPress 3.01 دە Gravatar باش سۆرىتى كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش (13)
- WordPressدە EOT تونۇتۇش ( 2) :Microsoft Weft ئارقىلىق eot ھۆججىتى ياساش
- كېلىڭلار ئەزىمەتلەر، WordPress بلوگىمىزغا MP3 قويغۇچنى بىكالىق ھەمدە قىستۇرمىسىز ئورنىتىۋالايلى! (26)
- [Blogbus ئۇسلۇبى] Muellim biz ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ (1)
- Pjblog دىن WordPress كە كۆچۈش جەريانى (15)
- SEO ئوينايدىغان بلوگگېر كېلىڭ، SEO قىستۇرمىسىنىڭ ھاجىم دادىسىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي… (19)
- WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىنى قىستۇرمىسىز ئىقتىدار كېڭەيتىش تەدبىرى (7)
- wordpress سېستىمىسىدا jquery ئۈنۈمىدىكى بلوگ لىفىتى ئىقتىدارىنىڭ يېڭى تەدبىرى (5)
- WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ بىر نەچچە تەدبىرى (2) (13)
- پرېستان نەگە كەتتى؟ (11)