Pjblog دىن WordPress كە كۆچۈش جەريانى

pjwp

شۇنداق قىلىپ،نەچچە كۈنلۈك ئىزدىنىشىم ئاستىدا،نەچچە رەت سىناپ قىلىپ مەغلۇب بولۇشلارنىڭ ئارقىسىدىن، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇرايىمنى Pjblogدىن WordPressكە كۆچۈرۈپ ئەكېلىۋالدىم.بۇ جەريان،باشدا مەن ئويلىغاندەك ئوڭايغا توختىمىدى،بۇ كۆچۈش ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالەتتىكى RSS ھۆججىتىنى ئېكىسپورت-ئىمپورتلاش بولماسدىن،بەلكى،ئىككى ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان تېخنىكا ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىككى پروگرامما ئارىسىدىكى ئېلىشىش ئىدى ،ئەمما،بۇ جەرياندا شۇنى بىلىۋالدىمكى،تىرىشسا،ئىزدەنسە خېلى-خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن.مۇشۇ كۆچۈش مەشخۇلاتى ئۈچۈن ئالاقىدار خەنزۇچە توربېكەتلەرگە قانچە رەت كىرگەنلىكىمنى ھىسابلاپ بېرەلمەيمەن.توردا بۇنداق كۆچۈش ھەققىدىكى يازمىلار ناھايىتى نۇرغۇنكەن،نۇرغۇن بولغاندىمۇ ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدىكەن،بىر ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن بۇنداق كۆپ ئۇسۇللار ناھايىتى ئەسقاتتى،مەنمۇ بىرنەچچە رەت تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئېككى سېستىمىنىڭ باغلىنىشىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم،ھەمدە بۇخىل كۆچۈشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغان بولدۇم.ئەلدىن-ئەلگە نەپ دەپتىكەن،مەنمۇ بۇ ئۆگەنگەنلىرىمنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئۆتەي،بەلكىم،كىيىنكى چاغلاردا سىزگىمۇ ئەسقېتىپ قالار،بۇ بىلىم مەندە سېسىپ كەتمىسۇن...

1.بلوگ كۆچۈشنىڭ ئالدىدىكى تەييارلىق باسقۇچ
ئەڭ ئاۋۋال،Wordpressنى بوشلۇققا يوللاپ ھەمدە قاچىلاپ تەييار بولغاندىن كىيىن،ئەسلىدىكى بلوگىڭىزدىكى بارلىق يازمىلارنى ساقلىۋېلىڭ(مېنىڭچە،بارلىق ھۆججەتلەرنى بوشلۇقىڭىزدىن چۈشۈرۈپ زاپاسلىۋېلىڭ)،بۇ ئەڭ ئاددىي شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بىر باسقۇچدۇر.چۈنكى،كىيىنكى باسقۇچلاردا سىزھەرخىل سەۋەب تۈپەيلى مەغلۇب بولۇپ قالسىڭىز،بلوگىڭىزغا چوڭ تەسىرى بار.شۇڭا،زاپاسلاشنى زادى ئۇنۇتماڭ.

2.بلوگ كۆچۈش باسقۇچى
بلوگ زاپاسلاش تامام بولغاندىن كىيىن،بۇيەرنى چىكىپ asp2wp قورالىنى چۈشۈرۈڭ.
مەنزىل:http://dudo.org/wp-content/uploads/2010/03/asp2wp.rar
ئاندىن بۇ ھۆججەت سومكىسىنى يېيىپ ئىچىدىكى asp2wp ھۆججىتىنى Pjblogنىڭ ساندان ئورۇنلاشقان ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە قۇيۇڭ،ئاندىن ساندان نامىنى كېڭەيتىلگەن رايونى بىلەن قوشۇپ blog.mdb دەپ ئۆزگەرتىڭ(دىققەت:تەدبىركار ئەپەندى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بلوگ سېستىمىسىنىڭ ساندان كېڭەيتىلگەن نامى .asp)،ئاندىن جاھاننامە ئارقىلىق asp2wp ھۆججىتىنى ئېچىڭ.ئاندىن،بۇ قورالنىڭ ئەسكەرتمىسى بۇيىچە قەدەم بۇيىچە مەشخۇلات قىلىپ ئوڭۇشلۇق بولسا،سىزگە بىر XML ھۆججىتىنى چىقىرىپ بىرىدۇ،بۇ ھۆججەتنى سىز WordPressنىڭ ئىمپورتلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق WordPressدىكى بلوگىڭىزغا ئىمپورتلاپ كىرگۈزسىڭىز بلوگ يۆتكەشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئاياغلاشقان بولىدۇ.

3.بلوگ كۆچۈشدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر
(1)چۈشۈرۈلگەن XML ھۆججىتى خەتكۈچ،تۈر،ئىنكاس،ئەزا قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ،دىمەكچىكى،بلوگ يۆتكەلگەندىن كىيىن،يېڭى بلوگىڭىزدا ئەسلىدىكى بلوگدىكى ئىنكاسلار،خەتكۈچلەر،تۈرلەر ۋە بۇرۇن تىزىملاتقان ئەزالار ئىناۋەتسىز بولىدۇ.بۇنىمۇ،مەن بلوگ يۆتكىگەندىن كىيىن ئاندىن بايقىدىم.شۇڭا،بلوگ يۆتكەش تامام بولغاندىن كىيىن،سىز ئەڭ ئاۋۋال،بلوگ ئارقا سۇپىسىغا كىرىپ(يېڭى بلوگدىكى)تۈرلەر رايونىدىكى ئەخلەت تۈرلەرنى(بۇيەردە نۇرغۇن كېرەكسىز تۈرلەر پەيدا بولۇپ قالىدىكەن)تازىلاپ چىقىڭ،ئاندىن يېڭى تۈرلەرنى قۇشۇپ بولغاندىن كىيىن ھەر بىر يازمىنى بىردىن-بىردىن تەھرىرلەپ،خەتكۈچ ۋە تۈرلىرىنى بېكىتىڭ.ئېنىقكى،بۇ جەريان،بلوگ كۆچۈشدىكى ئەڭ كۆپ ئىش كېتىدىغان جەريان.
(2)ناۋادا،سىز ئەسلىدىكى Pjblog بلوگىڭىزدا،قىستۇرما يوللاش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز،بلوگىڭىزدىكى attachments مۇندەرىجىسىنى يېڭى بوشلۇقدىكى WordPress ئورنىتىلغان مۇندەرىجە ئىچىگە يۆتكەپ كېلىڭ.
(3)ناۋادا،بلوگىڭىزغا مۇشتەرى بولغانلار ناھايىتى كۆپ بولسا،سىز بلوگ كۆچۈشدىن بۇرۇن بلوگىڭىزدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ قۇيۇڭ،چۈنكى بۇ ئىككى سېستىمىنىڭ RSS يۇلى ئوخشىمايدۇ.
(4)باشقا مەسىلىلەر،مەسىلەن قىستۇرما بېكىتىش دىگەندەك ئىشلارنى كىيىنچە ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.

شۇنداق قىلىپ،مىڭبىر جاپادا WordPressگە كۆچۈش جەريانى تاماملاندى.ئەلۋەتتە،بۇ جەريان ناھايىتى جاپالىق ھەمدە بۇ جەرياندا سىز نۇرغۇن زىيارەتچىلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتەيكى،بۇ كۆچۈش بەلكىم سىز ئويلىغاندەك ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن،ئۆزىڭىز رازى بولغىدەك كۆچۈش ئۈچۈن،سىز كۆپ رەت سىناق قىلىشىڭىز كېرەك،قالغان ئىشلارنى سىز كۆچۈش جەريانىدا بىلىۋالىسىز...
خەير،قەدىناس PJBlog،سالام WordPress! سىزنىڭ WordPress تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بۇلىشىغا تىلەكداشمەن!



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


15 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • مۇبارەك بولسۇن ، پىقىرمۇ پات ئارىدا كۆچىدۇ ، :)

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.07.21

      رەھمەت،يېڭى بلوگىڭىزنىڭ يېڭىچە تۈستە يولغا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!

  • جەۋلان | 2010.07.16 جاۋاب

    :)

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.07.21

      sنىمە دەپ كۈلگەنسىز بۇرادەر ھە~~~~~~~~

  • جەۋلان | 2010.07.16 جاۋاب

    ئەسسالام ياخشمۇ سىز .ئەزىز دوستتۇم . مەن بىر ھەۋاسكار .ماڭا تۇر بەت ياكى بلوگ ياساش ،ياسيالمساممۇ باشقلار ياردەم قىلسمۇ ،ياكى ھەق ئالسمۇ مەيلى ئىدى.، پەقەت ئۇزۇم باشقۇرالايدغان .ئۇزۇمدە بار بولغان ماتىرياللارنى يوللاپ باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشغا سۇنالايدغان بولۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى ، مەن كوپ دوسلارغا دىگەن بولساممۇ ئۇلار ئالدراشمۇ ياكى …….بلمىدىم .شۇڭا ئەزىز دوستتۇم ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز …http://www.blogbus.com/user/?mm=Index بۇ بەتتنمۇ بەزى ئۇستازلار ئۇيغۇرچە كىرگۇزگەن ئىكەن .لىكىن مەن ھەپلىشۋاتكىلى بۇگۇن توپ توغىرا 9 كۇن بولدى …….شۇڭا ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز ..مەن سىزدىن بەكلا ……………………سىزنى ساقلايمەن دوستتۇم .چ چ 821586319 .تىلفۇن 13899136546 رەھمەت ،.ئاللا سىزگە مەڭگۇ سالامەتلىك يار قىلسۇن.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.07.21

      ھازىر تەتىل مەزگىلى بولغاچ،تورغا چىقىش ۋاقتىممۇ بىرقەدەر قىس ئىدى،تەتىلدىن يېنىپ ياردەم قىلسام قانداق؟

  • ئىخلاس | 2010.07.16 جاۋاب

    بلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم مىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىز بىلىم بايلىق بلوگى http://bayliq.blogbus.com/

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.5

      بلوگىڭىزئۇلىنىشقا قوشۇلدى…بىراق،ئۇلىنىشىڭىز بەكلا كۆپمۇ نىمە؟ مەن ئۇيغۇربەگنى ئارانلا تاپتىم

  • ئۇچقۇن | 2010.07.18 جاۋاب

    رەخمەت بۇنى بولسىما بىلىۋالدىم~!

    بىزدە php گە ئائىت بىلىملەر بەك ئازكەن ،بولسا مۇشۇنداق بىلىملەردىن كوپرەك بولسىدى ئۇيغۇر تورچىلىقىمىز غا كوپ پايدىسى بولغن بۇلاتتى ……………………..

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.07.21

      خۇدا خالىسا،مەنمۇ مۇشۇ ھەقتە ئۆگەنگەنلىرىمنى يوللاپ تۇرىمەن،رەھمەت سىزگە!@

  • سەھرا | 2010.08.5 جاۋاب

    ئۇنداقتا مەن كۆچمەيلا يېڭىسىنى قۇرسام بولغۇدەك ئەسلىدە
    چىققاندا شۇنى ئىشلىتەي دەپ چىشىمنى بىلەۋاتاتتىم pjblog4.0

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.5

      بۇ سېستىما ھەقىقەتەن ياخشى ھەمدە قولايلىق!

  • [...] ئىنكاسلارنى بېرىشتى.ئۆزۈممۇ،ئالدىنقى قېتىم ‹‹Pjblogدىن WordPressكە كۆچۈش جەريانى››نى يازغاندىن كىيىن،Blogbusدىنمۇ كۆچۈپ كېلىش ھەققىدە [...]

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟
    Pjblogدىن WordPressكە كۆچۈشتە blogbusنىڭ ئۆزىنىڭ بوشلۇقىنى ئىشلىتەمدۇق.ياكى باشقا بوشلۇقنىمۇ .

    • ئۇيغۇربەگ | 2011.01.30

      گېپىڭىز سەل قولاشمىغاندەك…مەقسىدىڭىزنى چۈشەنمىدىميا

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif