ئىجادىي ئۇسلۇبىمىز prestansimpleنىڭ يېڭى نەشىرىدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمى قوشۇۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار. ئەلۋەتتە، قىستۇرما ئارقىلىق ھاسىل قىلىش بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي جاجىسى. بۈگۈن تۇرايىمىزدا يېقىندا يوللانماقچى بولغان رەڭدار خەتكۈچزارلىق بېتى قۇرۇش تەدبىرىنىڭ ئالدىدا ئاشۇ رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ بىر قانچە تەدبىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى، بلوگگېرلار ئىنكاسقا مەرھەمەت…
تەدبىرنىڭ بىرىنچى بايانى : تەدبىر ئىچىدىكى قولاي ۋە قولاي تەدبىر
جاجىسى : قىستۇرما
ۋاقتى : 30 سىكۇنىت
تەلەپ : كەڭ بلوگگېرلاردىن قىستۇرمىنى نورمال قاچىلىيالايدىغان بولۇش، قىستۇرما تەڭشىكىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىش، ۋىجىت ئىشلىتىشنى، قوللىنىشنى بىلىدىغان بولۇش
جەريان :
1. ئارقا سۇپىدىن ياكى ئىزدەش ماتورىدىن WP Colorful Tag Cloud دېگەن قىستۇرمىنى قاچىلاڭ ھەمدە قوزغۇتۇڭ.
2. مۇناسىۋەتلىك تەڭشىكىنى تەڭشەڭ ھەمدە ۋىجىتقا ئورۇنلاشتۇرۇڭ،
3. تامام.
تەدبىرنىڭ ئىككىنچى بايانى : تەدبىر ئىچىدىكى شاھىنشاھ تەدبىر
جاجىسى : كود
ۋاقتى : 130 سىكۇنىت
تەلەپ : كودنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدىغان بولۇش
جەريان :
1. تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب فۇنكىسىيە ھۆججىتى بولمىش function.php ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىدىكى ?>نىڭ ئالدىغا قۇيۇڭ :
function colorCloud($text) {
$text = preg_replace_callback('||i', 'colorCloudCallback', $text);
return $text;
}
function colorCloudCallback($matches) {
$text = $matches[1];
$color = dechex(rand(0,16777215));
$pattern = '/style=(\'|\")(.*)(\'|\")/i';
$text = preg_replace($pattern, "style=\"color:#{$color};$2;\"", $text);
return "";
}
add_filter('wp_tag_cloud', 'colorCloud', 1);
ئىزاھات : كوددىكى $color = dechex(rand(0,16777215)); كۆرۈنىدىغان رەڭلەرنىڭ دائىرىسى.
2. ئەمدى يان بۆلەك ھۆججىتى sidebar.phpنى ئېچىپ تۆۋەندىكى كودنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ :
'smallest=8&largest=24&number=50'); ?>
ئىزاھات : كوددىكى 8 بولسا ئەڭ ئاز ئىشلىتىلگەن خەتكۈچنىڭ رازمىسى، 24 بولسا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن خەتكۈچنىڭ رازمىسى، 50 بولسا خەتكۈچ سانى.
شۇنىڭ بىلەن رەڭدار خەتكۈچزارلىق بېتى قۇرۇشنىڭ ئالدىدىكى تەييارلىق باسقۇچ تۈگىدى. خوش، بۈگۈنكى دەرسلىك سىزگە خوش ياقتىمۇ يوق، ئىنكاسقا قارايلى…

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا Trojan.JS.Redirector نامىدىكى ۋىرۇس بايقالدى (16)
- [WordPress ئۇسلۇبى] سابىق ئۇسلۇبىمىز SimplePerfect تارقىتىلىدۇ (1)
- WordPress 3.01 دە Gravatar باش سۆرىتى كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش (13)
- [wordpress قىستۇرمىسى] WordPress Thread Comment ھەققىدە (14)
- WordPress نىڭ HTML ھالەتتىكى يازما يېزىش رايونىغا ئۆزىمىز بەلگىلىگەن كۇنۇپكىنى قوشۇش (5)
- «بلوگبۇس» دېگەن ئاداشتىن يانا چاتاق چىقتى!!!(Prestan ئۇسلۇبى ھەققىدە جىددىي بايانات) (2)
- [تەۋسىيە يۇمتال]توربەتچىلەرنىڭ ياخشى قورالى-FlashFXP