WordPressدىكى بلوگىمىزغا «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» ئىقتىدارىنى قوشۇشنىڭ تەدبىرى

codecss

پرېستان ھەزرەتنىڭ بەگلىكنىڭ ئۇسلۇبىنى قايتىدىن رىمۇنت قىلىپ چىققانلىقىغا بىر قانچە ئەسىر بولاپ قالدى، ئەمما كەمىنىمۇ بەگلىكنى كۈندە مانچە قېتىم كوچىلاپ بېقىۋاتىمەن، پرېستانغا دەپ قويماي بەزى ئىقتىدارلارنى قوشۇۋاتىمەن، چىقىرىۋاتىمەن، پرېستانغا دەپ قويماي قوشۇۋالغان بىر ئىقتىدار «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن»نى(تۇرايىمىزدا، ۋە باشقا جايلاردا بازار چۈرگىلەش دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ، ئاپتوردىن ئالاھىدە ئەسكەرتىش)قوشۇۋالغان ئىدىم، تەدبىرنى بۈگۈن تورداشلار بىلەن بۇ ھەقتە چاي ئىچكەچ ئولتۇرغاچ ئورتاقلىشايلى…

 

ساۋاتسىزلىقنى يوقىتىش دەرسلىكى: «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» دېگەن نېمە؟

Google ئىزدەش ماتورىنىڭ ئۇيغۇرچە بېكىتىنى ئىشلىتىپ باققانلار ياكى ئىشلىتىدىغانلار دىققەت قىلدىمىكىن، بىلمىدىم، ئىزدەش كونۇپكىسى قاتارىدا «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» دېگەن يەنە بىر كونۇپكا بار، ئىشلەتكۈچىلەر «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» ئىقتىدارى ئارقىلىق Google سېستىمىسى ئۆزى خالىغان(ئىختىيارىي) چىقىرىپ بەرگەن ئىزدەش نەتىجىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. يەنە كىلىپ، بۇ ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ قانۇنىيىتى يوق، ھەممىسى ئىختىيارىي، قالايمىقان، خۇددىي « يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» دېگەن ماقالغا ئوخشاش.

sayramgoogle

WordPressدىكى بلوگىمىزغا «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» ئىقتىدارى بولسا ئاشۇ كونۇپكىنى باسقاندىن كېيىن بلوگدىكى خالىغان بىر يازمىنى ئېچىپ بىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشدىن ئىبارەت.

كەسىپداشلار ئارا IP ئەۋەتىش ۋەقەسى:

ۋوردپرەسكە ”بازار ئارىلاش“ ئىقتىدارىنى قوشۇش | بادام بلوگى

تەدبىرنىڭ پايانى ۋە بايانى

يېڭىدىن بىر PHP ھۆججىتى قۇرۇڭ، ئىسمىنى قانداق قۇيۇۋالسىڭىز بولىۋىرىدۇ، كەسپىي بولىۋېلىش ئۈچۈن random.php دەپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئاندىن تۆۋەندىكى كودنى ھۆججەتكە چاپلاڭ ۋە UTF-8 ھالىتىدە ساقلاڭ:

//Powered By: Uyghurbeg.Net


 

/*

Template Name: يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن

*/

 

?>

 

'numberposts=1&orderby=rand'); foreach($rand_post as $post) : ?>

 

 

endforeach; ?>

ئاندىن ئارقا سۇپا –> بەتلەر –> يېڭىدىن قۇرۇش –> ئۈلگە تەرتىپى بۇيىچە يۇقارقى ئۈلگە قېلىپىنى تاللاپ ئېلان قىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


14 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • مۇزات | 2012.05.15 جاۋاب

    «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» دەل مېنىڭ يۇرتۇمنىڭ ماقال-تەمسىلىدە بۇ!
    مەن تېخى بۇنى قانداق قىلىۋالغاندۇ دېگەن،ئەسلىدە مۇنداقكەندە،مەنمۇ بىر سىناپ باقسام بولغۇدەك.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      شۇڭا دىۋاننىمۇ ئۆزىڭىز ئېلىۋالدىڭىز دەڭا… :lol:

  • ھەجەپ ياخشى ، بۇنىمۇ قوشىۋالسام بولغۇدەك!

  • ئىزدەن | 2012.05.15 جاۋاب

    ھەجەپ چۈشىنىپ چۈشەنمەيلا قالدىما ماۋۇ كودنى…

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      چۈشەنمەيلا قويۇۋەرمەمسىز، مەن دېگەن جايغا… :evil:

  • سەرگەردان | 2012.05.15 جاۋاب

    Powered By: Uyghurbeg.Net
    ئۇيغۇربەگ ئەپەندىمنىڭ نامى پۈتكۈل دۇنياغا تارقىلىدىغان بولدى ئەمدى. داڭدار شەخىسلەر قامۇسىغا ئىلتىماس قىلغاچ تۇرايلىمىكىن، ھى ھى.. رەھمەت سىزگە!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      داڭلىق شەخىسكە ئايلانغاندا مېنى ئۇنتۇپ قالماڭ دېمەكچىمۇ سىز :grin:

  • بادامدا كۆرۈپ نېمىكىن دېسەم ئەسلى؟…

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      نېمە ئىكەن؟

  • Geek | 2012.05.16 جاۋاب

    ئامىتىم بار ئوخشايدۇ كودىكەندە :razz:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      شۇنداق دېسەكمۇ بولغۇدەك…. :idea:

  • مۇزات | 2012.05.16 جاۋاب

    مەن بۇنى چۇشەنمىدىممۇ قانداق،قىلسام بولماي قالدى،خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      قانداق خاتالىق چىقتى؟

  • ئەۋلات | 2012.05.16 جاۋاب

    ياخشى ئۇسۇلكەن مەنمۇ سىناپ باقاي …… :cool:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif