ئالدىنقى يازمىمىز «بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (1-باب: قىستۇرمىلار بىلەن جەڭگە تەييارلىنىش) »دە بىز قىستۇرمىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق سىپەملەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ھەمدە بىر قەدەر ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، ئەمدىلىكتە بىز بۇ يازمىمىزنىڭ ئىككىنچى قىسمى «خاككېر ئېمپىرىيىسى» بابىغا كەلدۇق. بۇ بابدا بىز ئانچە-مۇنچە كود ئويناش ئارقىلىق سىپەملەرنى قىرغىن قىلىشنىڭ تەدبىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققۇسىمىز، دىققىتىڭىز يازمىمىزدا بولسۇن!….
4. .hatccess ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىش تەدبىرى
ئالاھىدىلىكى: .hatccess ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سىپەم ماشىنىلىرىنىڭ wp-comments-post.php ھۆججىتىنى بىۋاستە زىيارەت قىلىشىنى توسقىلى بولىدۇ. مەزكۇر ئۇسۇلنىڭ تېخنىكىلىق دەرىجىسى تۆۋەن، تۆۋەن دەرىجىلىك خاككېرلارغا ماس كېلىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن .hatccess ھۆججىتىنى ئېچىڭ ھەمدە تۆۋەندىكى كودنى قوشۇڭ:
1: RewriteEngine On
2: RewriteCond %{REQUEST_METHOD} POST
3: RewriteCond %{REQUEST_URI} .wp-comments-post.php*
4: RewriteCond %{HTTP_REFERER} !.*yourdomainname.* [OR]
5: RewriteCond %{HTTP_USER_AGENT} ^$
6: RewriteRule (.*) ^http://%{REMOTE_ADDR}/$ [R=301,L]
پىرىنسىپى: ئادەتتە سىپەم يوللايدىغان ماشىنا ئادەملەر بلوگىڭىزدا تۇرمايلا ئىنكاس يوللايدىغان بولغاچقا، يۇقارقى كود ئارقىلىق بلوگ بېتىدە تۇرۇپ باقمىغانلارنىڭ ياكى تۇرمىغانلارنىڭ ئىنكاس يوللاش سالاھىيىتىنى توسۇپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىپەم يوللىنالمايدۇ.
5. يوللاش كونۇپكىسىنىڭ ئالدىغا بىر كۆزنەك قوشۇۋېتىش تەدبىرى
ئالاھىدىلىكى: بەك ياخشى ئەمەس، قولايسىز، ئۇتۇقلۇق بولۇش نىسپىتى تۆۋەن، يۇقىرى دەرىجىلىك بلوگداش خاككېرلارغا ماس كېلىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا گەرچە سىپەملەرنىڭ ئالدى ئېلىنسىمۇ، نورمال زىيارەتچىلەرگە سەل قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
ئاۋۋال ئۇسلۇبىڭىزنىڭ comments.php ھۆججىتىنى تەھرىرلىگۈچدە ئېچىپ تۆۋەندىكى كودنى ئىنكاس يوللاش كونۇپكىسىنىڭ ئالدىغا قويۇڭ:
1:
ئەسكەرتىش: «يوللاش» كونۇپكىسىنىڭ name خاسلىقى(属性) ۋە ئېلىمېنىتى(元素)غا دىققەت قېلىڭ، ناۋادا بۇنداق جايلار بولمىسا value قىسمىغا commentform دەپ تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدى ئۇسلۇبنىڭ header.php ھۆججىتىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى كودنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ:
1: function apply() {
2: var form_submit = document.commentform.submit;
3: var form_checkbox = document.commentform.enable;
4: form_submit.disabled=true;
5: if(form_checkbox.checked==true) {form_submit.disabled=false;}
6: if(form_checkbox.checked==false) {form_submit.enabled=false;}
7: }
ناۋادا سىزنىڭ ھۆججىتىڭىزدە name="..." دەپ بولسا … ئورنىغا مۇناسىپ بولغان commentform ۋە submit قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
6. باشقا بېكەتلەرنىڭ ئىنكاس يوللاش سۇپىسىنى ئىشلىتىش تەدبىرى
ئالاھىدىلىكى: كەچۈرۈڭ، بىلمەيتمەن، ئەمما ئوتتۇرا دەرىجىلىك خاككېرلارغا ماس كېلىدۇ.
شۇ خىل سۇپىلاردىن:
Jetpack | Disqus | Facebook Comments | 多说
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [WordPress تېخنىكىسى] باش سۆرەتلىك ئىنكاس ئۈنۈمى رېتسىپلىرى (8)
- ACDSee Photo Manager 12 يۇمتالى ھەققىدە
- Flash ئەسەرلىرىم ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى
- [WordPress ئۇسلۇبى]ئۇزھال بلوگىنىڭ سابىق ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ!…
- ‹‹تېررورلۇققا قارشى 24 سائەت››نىڭ بەشىنچى بۆلۈمىنى كۆرۈپ تۈگەتتىم… (11)
- >[WordPress ئۇسلۇبى]يېڭى ئۇسلۇب yourmagنى تارقىتىش پەرمانى چۈشتى! (1)
- مەخپىي رېتسىپ]WordPress قىستۇرمىسى WP-PostViews ۋە ئۇنى ئىشلىتىش (6)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- SEO ئوينايدىغان بلوگگېر كېلىڭ، SEO قىستۇرمىسىنىڭ ھاجىم دادىسىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي… (19)
- WPtouch قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچىلاشتى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى! (31)
- WordPress ئۇسلۇبىغا ئۆزى بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارىنى قوشۇش تەدبىرى (6)
- ئاقسا قىستۇرما «slimbox» ۋە ئۇ ئارقىلىق رەسىم كۆرۈش ئۈنۈمىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇش (22)