- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ACDSee
ACDSeeسۆرەت تەھرىرلەش يۇمتالى نۆۋەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان رەقەملىك سۆرەت بىرتەرەپ قىلىش يۇمشاق دىتالى بولۇپ،مەزكۇر يۇمتال ئارقىلىق سۆرەت كۆرۈش،ئەلالاشتۇرۇش،باشقۇرۇش ۋە تەھرىرلەش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.ACDSee يۇمتالى كۆپ خىل فورماتتىكى سۆرەت ھۆججەتلىرىنى،جۈملىدىن ،نۆۋەتتىكى بارلىق سۆرەت ھۆججەتلىرىنى تامامەن دىگۈدەك قوللايدىغان بولۇپ،مەيلى ئۆيدە بولسۇن ۋە ياكى بەدىئىي سۆرەت ھەۋەسكارلىرى بولسۇن،بۇ يۇمتالنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىشمەكتە.
ACDSee Photo Manager 12 يۇمتالىنىڭ ئىقتىدارلىرى
باشقۇرۇش قولاي
ACDSee Photo Manager 12 يۇمتالى ئارقىلىق،سىز سۆرەت كۆرۈش،ئىزدەش،پرىنتېرلاش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى قىلالايسىز ھەمدە ئېلخەت ياكى تور ئالبۇمى ئارقىلىق رەسىملىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز.
سۆرەت ئېچىش سۈرئىتى تىز
بۇ يۇمتال ئارقىلىق ئېچىلغان سۆرەت ناھايىتى تىز بولۇپ،بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى يۇمتاللاردەك ساقلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.مەزكۇر يۇمتال ئېچىلغان سۆرەتلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى،ئېنىقلىقىنى ئاپتوماتىك ھالدا تەڭشەيدىغان بولۇپ،خالىسىڭىز تولۇق ئېكران ھالىتىدە كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇسۆرەتلىرىڭىزنى ئېلخەت،CD,DVD قاتارلىقلارغا ئورناتقان بولسىڭىز،مەزكۇر دېتال ئارقىلىق ئاچقاندا سۈرئىتى ناھايىتى تىز..ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر يۇمتالنىڭ Quick View ئىقتىدارى ئارقىلىق،ئېلخەتتىكى سۆرەتلەرنى ناھايىتى تىزلىكتە ئاچالايسىز.
قوشۇمچە:مەزكۇر يۇمتال UNICODEنى قوللايدۇ.
رەتلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك
مەزكۇر يۇمتالنىڭ سۆرەت رەتلەش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ،رەسىملەرنى ئاچقۇچ سۆز ۋە مۇھىملىق دەرىجىسى بۇيىچە ئاپتوماتىك رەتلەش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ،سىزنىڭ سانلىق ئۇچۇرلىرىڭىز بۇيىچە،خاس بولغان تۈرلەرنى قوشۇپ تۇرىدۇ.خالىسىڭىز سىز ياقتۇرىدىغان سۆرەتلەرگە كۆپ تۈرلەرنى قۇشالايسىز،سۆرەت نامىنى توپ ھالدا ئۆزگەرتەلەيسىز،سۆرەتلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشىيەلەيسىز،خالىغانچە ئايلاندۇرالايسىز.ناۋادا،كامىرادىن ياكى باشقا ئەسلىھەلەردىن سۆرەت كىرگۈزسىڭىز،ئاشۇ سۆرەتلەرگە تۈر،ئاچقۇچ سۆز،زاپاسلاش بۇيرۇقى ۋە باشقا مەزمۇنلارنى قۇشالايسىز.سۆرەت كىرگۈزۈش تامام بولغاندا،ھۆججەتلەر ئاللىقاچان رەتلىنىپ بولغان بولۇپ،سىز ئېچىپ كۆرسىڭىزلا بولىدۇ.
ئىزدەش ئىقتىدارى ئالاھىدە
مەزكۇر يۇمتالدا،مەيلى سىزدە قانچىلىك سۆرەت بولسۇن،ئىزدەش مەشخۇلاتى ئارقىلىق جاھاننى كەزسىڭىز بولىدۇ..خالىسىڭىز،سىز مەلۇم خاتىرە كۈنى ۋە ياكى كالىندار بۇيىچە ئىزدەش ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ.مەسىلەن:توي خاتىرە كۈنى،توغۇلغان كۈن دىگەندەك خاتىرە كۈنلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ياكى كالىنداردىكى ۋاقىت تەرتىپى بۇيىچە ئىزدەش ئېلىپ بارسىڭىز توغرىلىق نىسپىتى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
سۆرەت تەھرىرلەش ئىقتىدارى نوچى
مەزكۇر يۇمتال ئېچىلغان سۆرەتلەرنىڭ نۇرسىزىقىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدىغان بولۇپ،قىزىل كۆز بولۇپ قېلىش،نۇر يىتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆزلىكىدىن ھەل قىلىپ بولىدۇ.يا بولمايدۇ،ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئىشلەپ رەسىملەرنى تەھرىرلەش چىقسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئىشلىتىش ناھايىتى ئاددىي،ئۇنىڭدىن باشقا،مەزكۇر يۇمتال ھەربىر سۆرەت ئۈچۈن،بولۇپمۇ تەھرىرلەنگەن سۆرەت ئۈچۈن بىر قوشۇمچە ھۆججەت ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ،سىز ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاشۇ ھۆججەت ئارقىلىق سۆرىتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ.
سۆرەتلىرىڭىزنى قوغدايدۇ
مەزكۇر يۇمتالنىڭ ھۆججەت زاپاسلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق،سۆرەتلىرىڭىزنى زاپاسلىۋالسىڭىز،كىيىنچە كومپىيۇتېرىڭىزدا مەسىلە چىقسىمۇ،زاپاسلانغان سۆرەتلەر يوقاپ كەتمەيدۇ.ياكى،سانلىق مەلۇمات زاپاسلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق،سۆرەت ۋە سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرى CD ياكى DVDغا ئۇيىۋالسىڭىز بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرىسى(1)ACDSee Photo Manager 12خەنزۇچە نۇسخىسى(تورئېشىكى،چاقماق،ياكى FlashGetدە چۈشۈرۈڭ,تىزىملىتىش نومۇرى:GL8DVH-334YC-3S2TC5-3CQWZHT)
چۈشۈرۈش ئادرىسى(2):ACDSee Photo Manager 12خەنزۇچە نۇسخىسى(تورئېشىكى،چاقماق،ياكى FlashGetدە چۈشۈرۈڭ,تىزىملىتىش نومۇرى ئىچىدە)

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPress ھەققىدە يىللىق خۇلاسە
- WordPress 3.0.1 نىڭ CSS لىرىنى ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇۋېلىڭ (20)
- Google ئەپەندىمنىڭ جۇڭگو بېتىدە 2011-يىلى قوللانغان بارلىق Logoلارنىڭ جەمگاھى! (12)
- ئوھۇش، كۆزۈمدىن يوقالغىنا، WordPress كېرىش بېتىنىڭ سەتى! (33)
- Prestan Simple 2.0 ئۇسلۇبى ئېلان قىلىندى، چۈشۈرمىگەن بلوگگېرلار ئارماندا… (39)
- [WordPress قىستۇرمىسى]Let It Snow!،بلوگىمىزدىمۇ قار ياغدۇرۇپ باقايلى!…
- [Blogbus ئۇسلۇبى] Uzhal_1.0 ھەقسىز تارقىتىلدى (34)