WordPress 3.0.1 نىڭ CSS لىرىنى ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇۋېلىڭ

بلوگ نەشىرىنى يۇقىرىلاتقاندىن كىيىن،WordPress 3.0.1نىڭ ئارقا سۇپىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلمىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم،ئاندىن،نۇرقۇت تورىدىكى FinalDream ئەپەندىنىڭ تەڭشىگەن CSS نۇسخىسىغا تۇلۇقلىما ھەمدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كىيىن،كەڭ ھەۋەسكارلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندۇم.ئاساسلىقى:بەزى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلمىگەن جايلىرى ھەمدە خەت رازمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرىڭ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ پرىسدىن يەشكەندىن كىيىن،يىشىلگەن ھۆججەت قىسقۇچدىكى CSS ھۆججەتلىرىنى بوشلۇققا يوللاپ،ئەسلىدىكى ھۆججەتلەر ئۈستىگە باستۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ.

[download id="7"]

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


20 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • تۇغچى | 2010.10.26 جاۋاب

    تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر تەكلىپ بەرگۈم كەلدى،يازمىلىرىنىڭىزنىڭ ئادىرسىنى باشقىچە ئىپادىلىسڭىز بولمامدۇ؟مەسىلەن ماۇ يازمىنى http://www.uyghurbeg.net/2010/10/wordpress-uyghurche-css/ دىگەندەك قىپچۇ؟ :)

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.26

      شۇنى قىلاي دەپ سىناق قىلىپ ئۇتۇق قازىنالمىدىم،سىز قىلالىدىڭىزمۇ؟تەجرىبىڭىزنى ئورتاقلاشساق بوپتىكەن… :(

    • پرېستان | 2010.10.26

      مەن يېقىندا بايقىدىم. كىيۇ-كىيۇدا ئورتاقلىشىلى.

    • ي. م. ئىلقۇت | 2010.10.26

      قارىغاندا ھەممە ئادەم بۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئوخشىمامدۇ؟
      مەنمۇ تېخى ئالدىنقى مەزگىللەردە بۇنى ھەل قىلالماي بەك ئاۋارە بولغان ئىدىم، ئىزدىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇتۇقلۇق بولغان ئىدى.
      ئىلقۇت بلوگىغا قاراپ بېقىڭ، ئەگەر ئادرىسىنى ياقتۇرسىڭىز، سىز يازما ئادرىسىنى ئۆزى بەلگىلەش دېگەننى تاللاپ بۇنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ: /index.php/archives/%post_id%.html

    • uyghurbeg | 2010.10.26

      ئۇ بۇلىشىغۇ بولدى،ئەمما جاھاننامىنى قوزغاتساملا ھىچنىمىنى تونىيالمىدى ئەمەسمۇ… :(

  • ھەزرەت؟ ماۋۇ بلوگنىڭ يازمىلىرىنىڭ رەزمىرىنى تەڭشەيدىغان كودنى بىر تاپايلى دەيمەن.
    ئىلقۇت بلوگىنىڭ يازمىلىرىنىڭ خەت رەزمىرى سەل كىچىكتەك بىلىنىۋاتىدۇ. شۇنى بىر ئازراق چوڭايتايمىكىن دېگەن!!!

    • uyghurbeg | 2010.10.26

      گەپلەرنى تازا بىر چۈشۈنەلمىدىما؟ ئاۋۇ كوت-كوتدا دىيىشەمدۇق يا؟ :oops:

    • ي. م. ئىلقۇت | 2010.10.27

      كوت كوت دېگەن بىر نېمىگە گەپ قىلسا گەپ قىلمايدىكەنلا ئەمەسما!!

  • ماۋۇ ئىش خوشياقتى…

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.27

      چالا قالغان يېرىنى سىلى ئوڭشىماملا ھەزرىتىم؟

  • لۇنېكسلىق بوشلۇق ئىشلەتسەڭلار بولمامدۇ دەيمەن ۋوردپرس ئوينايدىغان ئادەم

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.29

      ئات مىنگۈچە ئېشەك مىن دەپتىكەن،قولنىڭ قىس ۋاقىتلىرى بولغاچ،ئامال يوق مۇشۇ بوشلۇقنى ئىشلىتىپ قاپتىمەن،ئەمدىلەتىن ئالماشتۇرارمەن…

    • پرېستان | 2010.10.29

      لۇنېكسلىق بوشلۇق ۋوردپرەس ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش، لېكىن ئۇيغۇربەگ نىڭ ھازىرقى بوشلىقىنىڭ سۈرئىتىمۇ ئاستا ئەمەس…

  • مامكاپ | 2010.11.7 جاۋاب

    بۇرادەر بۇ ئۇسلۇپ دىگەن نەرسىنىغۇ قاچىلىدىم ، مۇنبەرنى بىر قېتىم بۇزغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ھىچ بىر چاتاق چىقمىدى بىراق سىز بۇتىمىدا دىگەن css نى چۈشۈردىغان جاينى تاپالمىدىم جۇمۇ ياكى بولمىسا مەن كۆرمەيدىغان يەرگە تىقىپ قويدىڭىزمۇ يا ؟ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بلوگ توغرىسىدا تەلىم بەرمىسىڭىز بولمىغۇدەك ئارقا بەتكە كىرىپ سېلىپ ئېزىپ قالغىلى تاس قالدىم زادى :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.7

      يازمىنىڭ ئاستىدىراق تۇرغان يەردىن چۈشۈرىسىز ئەمەسمۇ؟

  • [...] بولىشىڭىز كېرەك. ئەگەردە قاچىلىمىغان بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىپ مۇناسىۋەتلىك تېمىنى [...]

  • مەنغۇ مۇشۇ سىستىمىنى يىڭى ئىشلەتكەن سىز تەمىنلىگەن بۇ ھۆججەتنى چۇشۇرۇپ باستۇرۇپ چىقارغان بولساممۇ يەنىلا ئۇيغۇرچە نورمال ئەمەس ياردەم قىلسىڭىز

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.12.4

      كومپىيۇتېرىڭىزدا شۇ فونتلارنى ھازىرلاڭ

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇيغۇربەگ!
    بۇ css ھۆججىتىنى قەيەردىن چۈشىرىدۇ؟ مەن ھېچ چۈشۈرەلمىدىمغۇ؟؟؟ ‹بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ› دېگەن خەتنى باسسام. يەنە مۇشۇ يازما بار بەتكە كىرىپ قالدى.مۇشۇنىڭغا بىر تىلىم بەرگەن بولسىڭىز. رەھمەت!!!!

    • ئۇيغۇربەگ | 2011.03.7

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،توربېكەتكە چۈشۈرۈش قىستۇرمىسى ئىشلەتكەن،ھازىر قىستۇرمىنى ئاكتىپلاپ قويدۇم،ئەمدى چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif