[ تىلەكنامە ]سالام قۇتلۇق 2011-يىلى…

materialRabbit2011NewYear'sDay-1_conew1

ۋاقىت نىمە دىگەن تىز ئۆتكەن ھە،تېخى نەچچە كۈن بۇرۇنلا 2010-يىلىغا قەدەم قويدۇق دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان ئىدۇق،ئەمدى،بىردەمدىلا 2011-يىلىغا قەدەم قۇيۇش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز.بىر يىل ئاۋۋالقى ئۆزىمىز بىلەن ھازىرقى ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ بېقىۋىدۇق،مانا،بىز تېخىمۇ يۈكسۈلۈپتۇق،تېخىمۇ چوڭ بولۇپتۇق!….

2010-يىلى،ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكەن بىر يىل بولدى.گەرچە،بۇ يىلدا بېل گايتىسدەك پۇل تاپالمىغان بولساقمۇ،ئۇيغۇرچە يىزىقدا بىلوگ ئېچىپ ئۇيغۇر تور ساھەسىگە قەدەم قويدۇق.گەرچە،ئالەمشۇمۇل كاتتا يازما يازالمىغان بولساقمۇ،ئەمما،كاشىغەرىي بوۋىمىزدەك ئەقىل تاپتۇق.گەرچە،نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا دائىل بولالمىغان بولساقمۇ،<<ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ>>نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندۇق.گەرچە،بلوگ يېزىپ شۆھرەت تاپمىغان بولساقمۇ،ئەمما بلوگ يىزىپ ھۆرمەت تاپتۇق،ئەڭ مۇھىمى WordPressنى ئۇمۇملاشتۇرۇشقا كۆپ ھەسسە قوشتۇق…

2011-يىلى كېلىۋاتىدۇ،پرېستان ئىككەيلەننىڭ بۇ قۇتلۇق يىلغا نىسبەتەن نۇرغۇن پىلان ۋە ئۈمىدلىرىمىز بار بولۇپ،قۇدرەتلىك ئىگىمىز خالىسا،بۇ يىلنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە ئىشەنچىمىز كامىل.ئاخىرىدا،تۇرايىمىز ئەزىز مېھمانلىرىنىڭ،جۈملىدىن،ھەرقايسى بلوگگېر دوستلارنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمىز شۇنداقلا،بۇ يېڭى يىلنى يېڭىچە روھ بىلەن مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىنى،يېڭى يىلدا يېڭى ئۇتۇقلارنى ئېلىشىغا تىلەكداشمىز،ئەڭ مۇھىمى تىنىڭلار سالامەت بولسۇن!

تۇرايىمىزدىن ئەسكەرتىش:

ئىمتىھان ۋە تەتىل مەزگىلى مۇناسىۋىتى بىلەن،تۇرايىمىزدا يازما يوللاش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشنى،شۇنداقلا بۇ مەزگىلدە،ئۇسلۇب ياساش ۋە تۈزەش مۇلازىمىتىمىز،شۇنداقلا،بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا جاۋاب بىرىشنى توختىتىشنى ئويلاشتۇق.تۇرايىمىز ئەزىز مىھمانلىرىنىڭ توغرا چۈشۈنۈشىنى شۇنداقلا ئېمپىرىيىدىن يوقاپ كەتمەي،ئاۋات قىلىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى-داۋاملىق سەرخىل يازمىلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سونۇپ تۇرغۇسى!…


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif